تېيو سوممەر: گېرمانىيە خىتاينى جازالىماقچى بولسا، كونكرېت تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى لازىم

0:00 / 0:00

گېرمانىيەلىك تارىخچى ۋە تەشۋىقاتچى تېيو سوممەر گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «زامان گېزىتى» دا 27-ئاپرېل «ئەخلاق بىلەن مەنپەئەت ئارىسىدا» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينى جازالاش ئۈچۈن كونكرېتنى تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىش تەشەببۇسىدا بولدى.

«ئەخلاق بىلەن مەنپەئەت ئارىسىدا» ناملىق ماقالە مۇنداق باشلانغان: «خىتاينى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلەش پەقەتلا سىمۋول خاراكتېرلىك بىر سىياسەتتۇر. ئەگەر بىراۋ بۇنىڭدىن بىر نەتىجە كۆزلىسە، كونكرېتنى سوئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، ئۇنىڭغا كونكرېتنى جاۋابلارنى بېرىشى لازىم. 5-ئايدا گېرمانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتمەكچى، يەنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›نى قانۇنلاشتۇرۇش قارارىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ. كانادا پارلامېنتى ۋە گوللاندىيە پارلامېنتى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئوخشاش مەسىلە توغرىسىدا بېلگىيە ۋە ئىتالىيەدە مۇنازىرىلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ. دونالد ترامپىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيودىن كېيىنكى بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىدا شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلارنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىدى. ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىمۇ ئالدىنقى ھەپتە لوندوندا 3 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان تالاش-تارتىشتىن كېيىن قارار ماقۇللاپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى».

1930-يىلى تۇغۇلغان، 1942-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە «ئادولف گىتلېر مەكتىپى» دە ئوقۇغان، 1974-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە گېرمانىيەنىڭ سابىق ماش مىنىستىرى ھېلمۇت شىمىد بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، نۆۋەتتە «زامان گېزىتى» نىڭ كەسپىي يازغۇچىسى، 30 دىن ئارتۇق تارىخىي، سىياسىي كىتابلارنىڭ ئاپتورى بولغان 90 ياشلىق تېيو سوممەر ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە بۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىدۇ: «ھازىر بىر مەدەنىيەت يوقىتىلىۋاتىدۇ. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار چىن يۈرىكىدىن چۇڭقۇر ئۆزگىرىش ياساپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىدىن ۋە ئۆرپ-ئادىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، ئىسلامى ئادەتلىرى، چەتئەل ساياھىتى ۋە چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقىسىگە دائىر بارلىق ئۇچۇرلار خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىغا قاچىلاندى. ئىماملار بوشىتىلدى، مەسچىتلەر چېقىلدى. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئايلاپ، ھەتتا يىللاپ قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىلىپ مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسىگە دۇچ كەلدى. ئۇلار خىتايچە ئۆگىنىشكە ۋە خىتاينىڭ تۈگىمەس تەشۋىقات فىلىملىرىنى كۆرۈشكە مەجبۇرلاندى. نۇرغۇنلىغان تۇتقۇنلار كېيىنچە مەجبۇرىي ئەمگەككە مەھكۇم قىلىندى. بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئاياللارغا بولغان تەسىرى ئادەتتىن تاشقىرى زور بولدى.»

«ئەخلاق بىلەن مەنپەئەت ئارىسىدا» ناملىق ماقالىدا يەنە شۇلار بايان قىلىنىدۇ: «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇزۇنغىچە جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلدى. ھازىر لاگېرلارنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ۋە تېررورىزمنىڭ مەنبەسىنى يوقىتىدىغان ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ پەردازلاپ كۆرسەتمەكتە. 2019-يىلى ئاشكارىلانغان 403 بەتلىك خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىدە ھەتتا تۇتقۇنلارنىڭ چاچلىرىنى مەجبۇرىي كېسىۋېتىشتەك كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان ۋەھشىيلىكلەرمۇ كۆرسىتىپ بېرىلگەن. سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنىڭ بايقىغانلىرىنى ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسى ئادرىيان زېنىزنىڭ تىلغا ئالغانلىرىنى غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ ئاخباراتلىرى ئىسپاتلىماقتا».

بىراق، خىتاينىڭ ھازىر لاگېر سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى دۇنياغا سوتسىيالىستىك تۈزۈلمىنىڭ ئەۋزەللىكى قىلىپ تەسۋىرلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە خانىم، غەربنىڭ ئۆز قىممەت قاراشلىرىغا مۇخالىپ كېلىدىغان بۇ خىل خىتاي سەپسەتىسىگە بارغانسېرى چۇڭقۇر دىققەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تېيو سوممەر ئەپەندى ماقالىسىدە «ئەگەر گېرمانىيە خىتاينى جازالىماقچى بولسا، ھەقىقىي ئۈنۈمى بولىدىغان كونكرېتنى تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى لازىم» لىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەش، پەقەتلا سىمۋول خاراكتېرلىك سىياسەتتۇر. بۇ گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋىجدان ئازابىنى يەڭگىللىتىشتە ئىشقا يارايدۇ. ئەمما بۇنىڭ ھەقىقىي بىر ئۈنۈمى بولمايدۇ. ئەگەر سىز خىتايغا راستىنىلا تەسىر كۆرسىتىمەن دېسىڭىز، كونكرېتنى تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىڭىز لازىم. مەسىلەن؛ شىنجاڭنى گېرمانىيە-خىتاي سودىسىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىدىن قانچىلىك ئۇزاقلاشتۇرالايمىز؟ بېيجىڭنىڭ بۇ سەۋەبلىك بىزنىڭ شىركەتلىرىمىزگە يۈرگۈزىدىغان جازالىرىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئېلىشىمىز كېرەك؟ خىتاينىڭ ياۋروپاغا سالىدىغان مەبلەغلىرىنى قانداق چەكلىيەلەيمىز، ھەتتا ئۇنى رەت قىلىپ، قانداق باھالارنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ قويالايمىز؟ بۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خىتاينىڭ يىراققا سوزۇلغان ئۇزۇن قولى بولغان گېرمانىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى ۋە خىتاينىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تاقاش كېرەكمۇ-يوق؟ بۇ نورمال ئىلمىي ئالاقە ۋە ھەمكارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ قانداق؟ بىزنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىمىز خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلسا قانداق بولىدۇ؟»

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ھاجىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە دۇنياغا خوجا بولۇش قارا نىيىتىنى بارغانسېرى چۇڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن غەرب كىشىلىرىدىن خىتايغا كەسكىن جازا يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تېيو سوممەر ئەپەندى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋەزىيىتىنىڭ دېموكراتىيە دۇنياسىنى ئالىيجاناب مىللىي پرىنسىپ بىلەن مەنپەئەت ئوتتۇرىدىكى توقۇنۇشنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قىستاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن ماقالىسىنى مۇنداق جۈملە بىلەن خۇلاسىلەيدۇ: «بىراق، قاچانلا بولمىسۇن بىز ئەخلاق بىلەن مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا دۇچ كەلگەندە، قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان نەرسىلەرنى قانچىلىك قوبۇل قىلىش لازىملىقى ياكى چوقۇم قوبۇل قىلىش زۆرۈرلۈكى ھەققىدە ھامان بىر قارار چىقىرىشقا مەجبۇرىيمىز».