گېرمانىيە پارلامېنتىدا «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى.

بېرلىندىكى يىغىن نەق مەيدانىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن، يەنى 8-ماي چۈشتىن كېيىن گېرمانىيە پارلامېنتىدا «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىننى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەردىن خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسى، خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەر قوللىغان بولۇپ، يىغىنغا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن گىيدە يەنسېن خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىن سائەت 15:00-18:00 غىچە 3 سائەت داۋاملاشقان.

يىغىندا خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە يۈرگۈزىلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە تېمىسى بولغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس، دالاي لامانىڭ ياۋروپادىكى سابىق ۋەكىلى كېلساڭ گيالتسېن، خىتايدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ خادىمى داۋىد لى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى ۋەنزېل مىكالسكىي، مەركىزى بېرلىندىكى مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى پروفېسسور، دوكتور فرانك پايكې، تۈبىنگەن خىتاي مەركىزىنىڭ تەتقىقات خادىمى پروفېسسور، دوكتور ھېلۋىگ شىمىدت گلىنتزېر قاتارلىقلار يىغىندا گۇۋاھلىق سۆزى سۆزلىگەن.

مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ يىغىن مەيدانىدىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىغىنغا گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى كۆپلىگەن پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئېغىر پاجىئەلەر توغرىسىدا د ئۇ ق ھازىرغا قەدەر قولغا چۈشۈرگەن پاكىتلار ئاساسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن.

يىغىنغا د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدا جىددىي دىققەت قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان دىنىي دەپسەندىچىلىك، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، ئىرقىي تازىلاش ۋە چەكتىن ئاشقان تەقىب سىستېمىلىرى يىغىندا باشقا مىللەت ئالىملىرى ۋە سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ ئاغزىدىن تەپسىلىي بايان قىلىنىپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ يىغىندا ھەتتا خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسىتىگە ياردەم بەرگەن كۈچلەرنى ئېنىقلاپ جازالاش پىكىرلىرىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.