گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھەققىدە دوكلات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.05.17
گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھەققىدە دوكلات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەرقايسى شەھەرلەردىن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا كېلىپ جەم بولۇپ، پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نامايىشقا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېتەكچىلىك قىلدى. 2021-يىلى 17-ماي.
RFA/Ekrem

گېرمانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكى توغرىسىدا دوكلات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

17-ماي گېرمانىيە پارلامېنتىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن «خەلقئارا قانۇنلارغا بىنائەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى باھالاش» تېمىسىدا دوكلات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا بېرلىندىكى خۇمبولد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە ھازىرقى زامان قانۇن تارىخى بۆلۈملىرىنىڭ پروفېسسورىلىرىدىن دوكتۇر فلورىيان يېسبېرگېر، پروفېسسور، دوكتۇر ئادۋوكات ھارتمۇت ئېمانۇئېل كايسەر، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى گېرمانىيە تارمىقىنىڭ دىرېكتورى ۋېنزېل مىخالىسكى، ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىلىم ۋە ئاممىۋى قانۇن بويىچە پروفېسسورى، ئادۋوكات دوكتۇر نورمان پېخ، لوندۇن پادىشاھلىق ئىنىستىتۇتى قانۇن بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى دوكتۇر ئېۋا پىلىس، نۈرنبېرگ فىرىدېرك ئالىكساندىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە ئاممىۋى قانۇن بويىچە پروفېسسورى دوكتۇر كىرىستوف زاففېرلىڭ ھەمدە تونۇلغان جازا لاگېرلىرى مۇتەخەسسىسى ئادرىيان زېنز قاتارلىقلار دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان. يىغىنغا گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈيدى يەنسىن خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەرقايسى شەھەرلەردىن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا كېلىپ جەم بولۇپ، پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلماقتا. 2021-يىلى 17-ماي.

بۇ قېتىمقى يىغىن گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ 82-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى بولۇپ، گەرچە بۇندىن ئىلگىرى پارلامېنتتا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى توغرۇلۇق بىرقانچە قېتىم گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستىن ئورۇنغا قويۇشى سەۋەبلىك بۇ يىغىنلاردىن ھىچ بىر نەتىجە چىقمىغان. بۇ ھال گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ ھەمدە گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ سەھنىسى بولغان گېرمانىيە مەزكۇر يىغىننى ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالغان بىر ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزگەن. بۇ يىغىن قارىماققا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن راستىنلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتامدۇ-يوق؟» دېگەن سوئالغا خەلقئارا قانۇنلار دائىرىسىدە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغاندەك قىلسىمۇ، گېرمانىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان 7 چوڭ پارتىيەنىڭ ھەممىسىنىڭلا بۇ يىغىنغا جىددىي قاراپ ئىشتىراك قىلىشى ۋە 7 پارتىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى مۇتەخەسسىسلەردىن تەلەپ قىلىشى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىدىن بىشارەت بېرىدىكەن.

گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا ھازىرلىغان كۈنتەرتىبىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار» ناملىق غول تېمىسى ئاستىغا 7 پارتىيەنىڭ سوئاللىرى بېرىلگەن. خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن خىرىستىيان سوتسىيال پارتىيەسى بىرلىكتە مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغان: «ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاز سانلىقلىرىنىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا بەنت قىلىنىش شەكلى ۋە كۆلىمى قانداق؟ گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىرقىي، دىنىي ئاز سانلىقلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشلىرىغا قانداق خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ؟»»

سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى مۇنداق 2 سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغان: 1. «لاگېر ئىچى ھەم سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭدىكى باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىنىش، قېيىن-قىستاققا ئۇچراش ۋە باستۇرۇشلارغا يولۇقۇشى 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىمزالانغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئەھدىنامىسى› نىڭ ‹رىم نىزامى› دا كونكىرېت بېكىتىلگەن 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قانچىلىك ئۇيغۇن كېلىدۇ؟». 2. «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىغا ئاساسلانغاندا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولسا يوقىتىش نىيىتىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش مۇددىئاسىنى بار دەپ قارامسىز؟ شۇنداق قارىسىڭىز، ئۆز پىكرىڭىزنى قانداق ئىسپاتلايسىز؟»

ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى مۇنداق سوئال قويغان: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ قايسىسى خەلقارا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىغا، قايسىسى خەلقارا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئەھدىنامىسىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە؟»

يېشىللار پارتىيەسى مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغان: «خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەنلەردىن نىېمە پەرقى بار؟»

17-ماي ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى بۇ يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر يۇقىرىقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 سوئالغا جاۋاب بېرىدىكەن. يىغىندىن قانداق نەتىجە ھاسىل بولىدىغانلىقى، يەنى 7 پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. بىراق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەيدىغان بىر قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۈگۈن ھەرقايسى شەھەرلەردىن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا كېلىپ جەم بولۇپ، پارلامېنت بىناسى ئالدىدا دەل مەزكۇر يىغىن چاقىرىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىدى توغرىسىدا قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى نامايىشنىڭ جانلىق كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلغانلىقىنى، جاراڭلىق شۇئار سادالىرىنىڭ پارلامېنت بىناسى ئالدىنى لەرزىگە سالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.