گېرمانىيە تاراتقۇلىرى مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلغانلىقى سەۋەبلىك كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى گېزىتى» 6-ئىيۇل كۈنى «گېرمانىيە، سەن نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىسەن؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە خوڭكوڭدا يولغا قويۇلغان «دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى» غا سۈكۈت قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. 7-ۋە 8-ئىيۇل كۈنلىرى گېرمانىيەدىكى ھەر خىل تاراتقۇلاردا «گېرمانىيە نېمە ئۈچۈن خىتاينى قاتتىق تەلەپپۇزدا ئەيىبلىيەلمەيدۇ؟»، «گېرمانىيە ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىغا خىيانەت قىلالمايدۇ»، «مېركىل خىتاينىڭ رېئاللىقىغا يۈزلىنىشى كېرەك»، «بېيجىڭغا قارىتا بېسىمنى كۈچەيتىش كېرەك» دېگەندەك تۈرلۈك تېمىلاردا كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىلەردە مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پاسسىپ پوزىتسىيىسى ھەرخىل نۇقتىلاردىن تەنقىد قىلىنغان ئىدى.
«گېرمانىيە نېمە ئۈچۈن خىتاينى قاتتىق تەلەپپۇزدا ئەيىپلىيەلمەيدۇ؟» ناملىق ماقالىدە 15 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىلنىڭ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن گېرمانىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى 206 مىليارد ياۋرولۇق ئىقتىسادىي كېلىشىمنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينى كەسكىن تەلەپپۇزدا تەنقىدلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى، بۇ ۋەزىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە-گورۇھلارنىڭمۇ تەنقىدىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن چىققان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سابىق رەئىسى مارتىن شۇلىز ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قارىتا چاقىرىقلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە چوقۇم ۋە ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنى تەكىتلەپ: «ئەگەر خىتاي خەلقئارا تەرتىپلەرگە ھۆرمەت قىلمىسا ۋە خەلقئارادىكى مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىسا، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا كىرىشى چەكلىمىگە يولۇقۇشى كېرەك،» دېگەن.
خىتاينىڭ غەرب قىممەت قارىشىغا سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىدىن قاتتىق نارازى بولغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن كىرىستىيان لىنىدنېر گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبلىك خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ خىتايغا قارىتا ھازىرلا جىددىي بىر جازا تەدبىرى قوللىنىشىمىز زۆرۈر ئەمەس، ئەمما گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى لازىم، بىز ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىغا خىيانەت قىلالمايمىز،» دېگەن.
ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەت گويا شەرقىي تۈركىستاندا، خوڭكوڭدا، تىبەتتە نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى ھېچ بىلمەيدىغاندەك، ھېچ ئىش بولمىغاندەك قۇلاق يوپۇرۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە تەشكىلاتىمىز ۋە د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇ جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىلىق ئۈزۈلدۈرمەي دوكلاتلار يوللاپ تۇرۇۋاتىمىز. پارلامېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتى بەزى پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆزلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ھۆكۈمەت سۈكۈتتە. بىز بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز. تەلىيىمىزگە ھازىر بەزى چوڭ پارتىيەلەر ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقىشقا باشلىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى ناچار پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولىدۇ دەپ قارايمەن.»
«مېركىل خىتاينىڭ رېئاللىقىغا يۈزلىنىشى كېرەك» ناملىق ماقالىدە تەسۋىرلىشىچە، خىتايغا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئالاھىدە دوستانە مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەن ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە بىردىنلا ئۆزگىرىش بولغان. بۇ پارتىيە 8-ئىيۇل ئۆز ئىچىدە خىتايغا قارشى سىياسەت تۇرغۇزۇش ئاساس قىلىنغان بىر ھۆججەتنى تەستىقلىغان. ھۆججەتتە «مېركىلنىڭ بېيجىڭغا قارىتا مۇرەسسەچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى» تىلغا ئېلىنغان.
ھۆججەتتە ئانجىلا مېركىلنىڭ «ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئالاقىلىرى داۋامىدا خىتاي سىياسىي جەھەتتىن بىزگە يېقىنلىشىدۇ» دەيدىغان بىر ئارزۇسى بارلىقى، لېكىن ئەمدى ئۇنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى نىلس شىمىدنىڭ «مېركىل خانىم ئۆزىنىڭ خىتايغا بولغان ۋاقتى ئۆتكەن كۆز قاراشلىرى بىلەن خوشلىشىپ، رېئاللىققا يۈزلىنىشى كېرەك» دېگەن سۆزىگە ئورۇن بېرىلگەن.
مەزكۇر پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گابرېلا ھېنرىخ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ پارتىيە سىياسىتىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا تايانغان بولغاچ، بىزنىڭ ئەركىن دېموكراتىك تەرتىپلىرىمىزنىڭ تۈزۈلمە خاراكتېرلىك رەقىبىدۇر».
«گېرمانىيە ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىغا خىيانەت قىلالمايدۇ» ناملىق ماقالىدە بايان قىلىشىچە، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن كىرىستىيان لىنىدنېر «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ يىل كېچىكتۈرۈلگەن «ياۋروپا-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى» گە قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بىر ئىنكاس قايتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە خىتايغا بولغان قاتتىق مۇئامىلە سەۋەبلىك «زۆرۈر تېپىلسا ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراشقىمۇ بولىدۇ» غانلىقىنى تەكىتلىگەن.
گېرمانىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە-گورۇھلار ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن مەۋجۇت ھۆكۈمەتنىڭ سۈكۈتلىرىگە قارشى چوقاننىڭ بىر ياخشى باشلىنىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى ئېۋا خانىم «بىز مۇشۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق ۋە ئالدىنقى ھەپتە بېرلىندا بىر ھەپتە بارلىق پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا قارىتا ئاۋاز چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. بۇنىڭ بىر نەتىجىسىنى كۆرگەندەك بولدۇق،» دېدى.
0:00 / 0:00