ئېلمار بروك: «مېركىلنىڭ دىكتاتورنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قوللانغان چارىسى ساددا، زەئىپ ۋە سەلقاراش خاراكتېرىگە ئىگە»

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «سۈرەتلەر» گېزىتى 12-ئىيۇل كۈنى «C D U نىڭ كونا ئەسكىرى مېركىلنىڭ خىتاي سىياسىتىگە باھا بەردى» ناملىق بىر زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا قانچە ئون يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت كومىتېتىنى باشقۇرۇپ كەلگەن، يەنە ئون يىللاردىن بۇيان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىلنىڭ تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان 74 ياشلىق مەشھۇر دىپلومات ئېلمار بروك زىيارەت قىلىنغانىدى.

مەزكۇر زىيارەت خىتاينىڭ گېرمانىيەنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى، گېن ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشلىرى، كلائۇس. ل نىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىشى، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتا بارغانسېرى كۈچلۈك جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان تېمىلار ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيە خىتاي سىياسىتىنى جىددىي ئۆزگەرتىۋاتقان، ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى سەۋەبلىك غەربتە خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش چۇقانلىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر زاماندا ئېلان قىلىنغان بۇ زىيارەت خاتىرىسى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلغان.

ئەسەردە غەربنىڭ «خىتاينى دېموكراتىيەگە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىش كېرەك» دەيدىغان خاتا قاراشلىرىنىڭ ئاللىقاچان سۇغا چىلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئەسەر: «بىريۇسسېل ئۈچۈن ئۆزى مۇستەبىت ھاكىمىيەت بېيجىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئېلمار بروك، ئانجىلا مېركىل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان.

ئېلمار بروك بىر قاتار كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەۋجۇت خىتاي سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى دەيدۇ: «مېركىلنىڭ خىتايدىن ئىبارەت بۇ دىكتاتورنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قوللانغان چارىسى ساددا، زەئىپ ۋە سەلقاراش خاراكتېرىگە ئىگە». «ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يېقىنلاشتۇرۇش، دەيدىغان سىياسەتكە ئىشەنگۈچىلەر پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۆزگەرتىش خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈچۈن كېرەككە كەلمىدى». «مەن باش مىنىستىرنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ھېچ چۈشەنمىدىم، خىتايغا تۇتقان ساددىلىق ئاساسىدىكى پوزىتسىيەسى، نىيىتى ۋە چارىلىرىنىمۇ». «خىتاي بولسا بىز ئۈچۈن ئارىلىق ساقلايدىغان ئەڭ زور خەتەردۇر. ئىقتىساد، تاشقى بىخەتەرلىك ۋە غەرب دېموكراتىيەسى ئۈچۈنمۇ شۇنداق». «خىتاينىڭ تاشقى ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىدە ئومۇمىي ئۇقۇمى بار: سودا، ھەربىي ھازىرلىق، دۆلەت مۇداپىئەسى، جاسۇسلۇق قىلىش، سانلىق مەلۇماتلارنى ھەم پاتېنتنى ئوغرىلاش، مەبلەغ سېلىش، ئىجتىمائىي ۋە سودا نىزاملىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، يىپەك يولى قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر گەۋدە. بىز خىتايغا قارشى بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئايرىم مۇئامىلە قىلىشىمىز ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان سودىنى بىكار قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىز لازىم».

ئېلمار بروك غەرب بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈنلەي سەل قاراش سەۋەبىدىن خىتايغا قويغان ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلىرىمىزمۇ ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشمىدى: ئۇ بولسىمۇ باراۋەرلىك ئاساسىدىكى ئەركىن بازار رىقابىتى. ئەگەر خىتايدىكى گېرمان ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۆز شىركەتلىرىدە داۋاملىق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىيەلمىسە، دائىم خىتايلارنى ھەمراھلىققا قوشۇۋېلىشقا مەجبۇرلانسا، ئۇ ھالدا بۇنى مۇتلەق مەنئى قىلىش كېرەك. زاكاز توختاملىرىمۇ باراۋەرلىك ئاساسىدا بولۇشى لازىم. ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئىشلارغا كەلگەندە، سىستېمىلىق سودا ۋە سېتىشنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشىمىز زۆرۈر». «بىز شۇ تاپتا، 10 يىل ئىچىدە بىرلا دۇنياۋى كۈچ بولغۇسى خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى خالامدۇق ياكى گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈپىتىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتايغا قارشى ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى دۇنيادا ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىشنى خالامدۇق؟ مانا بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر دەرھال قارار بېرىشىمىز كېرەك».

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىدە خېلى بۇرۇنلا ئۆزگىرىشلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى

«C D U نىڭ كونا ئەسكىرى مېركىلنىڭ خىتاي سىياسىتىگە باھا بەردى» ناملىق ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر دىپلوماتى ئېلمار بروك باش مىنىستىر مېركىل بىلەن فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ ئالدىنقى ھەپتە شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەنلىكىدىن نارازى بولىدۇ، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى جىددىي ئىسلاھ قىلىش زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى بىر گەۋدە سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىملىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى سودا گۇرۇپپىلىرى ئۈچۈن خاتىرجەم تاشقى سىياسەت مۇھىتى ھازىرلاشتۇر».

ئېلمار بروك گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتى ئىسلاھ قىلىنمىغان تەقدىردە، ئالدىمىزدىكى 10 يىلدا يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سۆزىنى مۇنۇ جۈملە بىلەن خۇلاسىلەيدۇ: «بېرلىن ۋە بىريۇسسېلنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي سىياسىتى بىلەن بىز بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولىمىز».

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىل ئامېرىكىغا بېرىپ پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ ئۇچرىشىش مېركىلنىڭ خىتاي سىياسىتىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.