گېرمانىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-09-08
Share
گېرمانىيەنىڭ خىتاينى تەرەققىيات مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى بارغانسېرى كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلمەكتە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ بېيجىڭدىكى زىيارىتىدىن ئىلگىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا لەپىلدەپ تۇرغان گېرمانىيە ۋە خىتاي دۆلەت بايرىقى. 2018-يىلى 23-ماي، بېيجىڭ.
REUTERS

گېرمانىيەدىكى 6 چوڭ پارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى ئورتاقلىق ۋە پەرقلەر 8 سوئالغا بەرگەن 40 جاۋابىدىن مەلۇم بولدى.

6-سېنتەبىر كۈنى د ئۇ ق تور سەھىپىسىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گېرمانىيەدە ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقان ھاكىمىيەت بېشىدىكى 6 پارتىيەنىڭ 8 سوئالغا بەرگەن 40 جاۋابى كەڭ تارقىلىپ جىددىي قىزىقىش قوزغىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 5 سوئال ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قالغان 3 سوئال تىبەت ۋە خوڭكوڭغا ئالاقىدار ئىدى. يازما شەكىلدە بېرىلگەن بۇ جاۋابلار گېرمانىيەدىكى ئاساسلىق 6 چوڭ پارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى ئورتاقلىق ۋە پەرقلەرنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.

ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، تېخىچە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلمىغان گېرمانىيەدىكى 6 چوڭ پارتىيەنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە خىتاي مەسىلىسىگە قارىتا پوزىتسىيەسىنى ئېنىقلاش پائالىيىتىنى گېرمانىيەدىكى د ئۇ ق باشلىق 7 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. ئۇلار مەخسۇس تور سەھىپىسى قۇرۇپ، گېرمانىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرگە سوئال ئەۋەتىپ، بۇ سوئاللارغا يازما شەكىلدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 6 ئاساسلىق پارتىيەدىن 5 پارتىيە ئىجابىي، مۆتىدىل ياكى سەلبىي جاۋابلارنى بەرگەن. بىر پارتىيە بولسا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن. بۇ جاۋابلار «پارتىيەلەرنىڭ جاۋابى» دېگەن نامدا گېرمانىيەدە كەڭ تارقىتىلغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، 16 يىلدىن بۇيان باش مىنىستىر ئانگىلا مېركىلنىڭ پارتىيەسى بولغان خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسىدىن ئىبارەت بىرلەشمە پارتىيە، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى، سولچىللار پارتىيەسى ۋە گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش پارتىيەسىدىن ئىبارەت 6 پارتىيەدىن قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت گېرمانىيەنى ئىدارە قىلىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق تۇتۇش زامانى ئاخىرلىشىپ، سايلام ئېلىپ بېرىلماقتا. سايلامدا قايسى پارتىيەنىڭ ئۇتىدىغانلىقى، قانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئەمما د ئۇ ق باشلىق تەشكىلاتلار دەل مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە پارتىيەلەر ئىچىدە راي سىناش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە خىتاي مەسىلىسىگە قارىتا پوزىتسىيەسىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، بۇ راي سىناش نەتىجىسىنى گېرمانىيە جامائىتى ئارىسىغا كەڭ تارقىتىپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت ھەققىدە بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيەلەرگە قويۇلغان 1-سوئال: «گېرمانىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتقان تەقدىردىمۇ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىش» بولغان. بۇ سوئالغا يۇقىرىقى 6 پارتىيەدىن تۆتى قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بۇنىڭغا قوشۇلسىمۇ، بىراق مۆتىدىل پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى، يەنى «مەسىلىنى سۈكۈت ياكى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغاندىن، دىئالوگ ۋە ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ ھەل قىلغاننىڭ ئۈنۈمى ياخشى» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش پارتىيەسى جاۋاب بەرمىگەن. بۇ پارتىيە ھېچبىر سوئالغا باشتىن-ئاخىرى جاۋاب بەرمىگەن.

2-سوئال: «گېرمانىيە باشتا بولۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا قارىتا بىۋاسىتە جازا يۈرگۈزۈش» بولغان. بۇ پىكىرنى يېشىللار پارتىيەسى قوللىغان. سولچىللار پارتىيەسى قارشى تۇرغان. قالغان 3 پارتىيە مۆتىدىل پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېشىللار پارتىيەسى بۇنى قوللاشتا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋە چېن چۇەنگو قاتارلىق بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە تىزدىن كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. باشقا پارتىيەلەر بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىسىمۇ، بۇ مەسىلىنى گېرمانىيە ئۆز ئالدىغا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا ئىتتىپاقى نامىدىن ھەل قىلىشنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ھەم خىتاينىڭ قوشنا ئەللەرگە شەكىللەندۈرۈۋاتقان تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئاقىلانە يول بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان.

3-سوئال: «گېرمانىيە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىش» بولغان. بۇ يەردە «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلىپ، تىرناق ئىچىگە «شىنجاڭ» دەپ يېزىپ قويۇلغان. بۇ سوئالغا خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسىدىن ئىبارەت بىرلەشمە پارتىيە ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى مۆتىدىل جاۋاب بەرگەن. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى ۋە سولچىللار پارتىيەسى قارشى تۇرغان. قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ پىكىرى ئاساسەن «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى دەھشەتلىك سىياسىتىنى ئىسپاتلايدىغان تېخىمۇ كۆپ پاكىتلارغا ئېرىشىشكە، خەلقئارا قانۇنچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ ھۆكۈم چىقىرىشىغا ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىغا ئېھتىياجى بار» لىقىغا مەركەزلەشكەن.

4-سوئال: «گېرمانىيە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ۋە ۋەكىل قاتناشتۇرماسلىق» بولغان. بۇنى پەقەت يېشىللار پارتىيەسىلا قوللىغان. خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسىدىن ئىبارەت بىرلەشمە پارتىيە ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى مۆتىدىل جاۋاب بەرگەن. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى جاۋاب بەرمىگەن. سولچىللار پارتىيەسى قارشى تۇرغان.

5-سوئال: «گېرمانىيە باشتا بولۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىسى بولغان ياۋروپا شىركەتلىرىنى چەكلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنى توسۇش» بولغان. بۇ پىكىرنى سوتسىيال دېموكراتلار، يېشىللار ۋە سولچىللار قوللىغان. خرىستىئانلار بىلەن ئەركىن دېموكراتلار مۆتىدىل ئىپادە بىلدۈرگەن.

قالغان 3 سوئال خوڭكوڭلۇقلارنىڭ گېرمانىيەدە پاناھلىنىپ تۇرۇش مەسىلىسى، گېرمانىيە پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن ئارىلىغا كىرىشى ۋە گېرمانىيە دىپلوماتلىرىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى، خىتاينىڭ دىگىتال ئالاقە تورلىرىنىڭ گېرمانىيەدىن سىقىپ چىقىرىلىشى ۋە خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلغان ئىدى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن مېھرىبان خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، 5 پارتىيەنىڭ جاۋابلىرىدىن نۆۋەتتە قۇرۇلغۇسى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ «ئۇيغۇر سىياسىتى» نى بىلىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەزكۇر «پارتىيەلەرنىڭ جاۋابى» دا ھەرقايسى پارتىيەلەر ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىجابىي، مۆتىدىل ياكى سەلبىي جاۋابلارنى بەرگەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتكەن بولۇپ، 17 بەتلىك بۇ جاۋابتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيەدىكى پارتىيەلەر ئارىسىدا جىددىي بىر مۇنازىرە تېمىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئىسپاتلانغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت