بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «دېموكراتىيە ۋە مۇستەبىتلىك: ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تاللىشى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.09.30
بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «دېموكراتىيە ۋە مۇستەبىتلىك: ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تاللىشى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قۇرۇلتاي بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى «دېموكراتىيە ۋە مۇستەبىتلىك: ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تاللىشى» ناملىق يىغىندا. 2021-يىلى 30-سېنتەبىر، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

30-سېنتەبىر بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «دېموكراتىيە ۋە مۇستەبىتلىك: ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تاللىشى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېما سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىنغان.

«ياۋروپا ئاۋازى» ۋە «دېموكراتىك خىتاي بىرلىكسېپى» نىڭ تەشكىللىشى بىلەن 30-سېنتەبىر بېرلىندا «دېموكراتىيە ۋە مۇستەبىتلىك: ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تاللىشى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. ئەسلى غول تېمىسى «ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تۆت كوچىنىڭ ئېغىزىدا تۇرماقتا، دېموكراتىيە ۋە مۇستەبىتلىك-ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خىتاي، خوڭكوڭ، تەيۋەننىڭ مۇستەبىت دېكتاتورغا بولغان ئورتاق قارشىلىقى» دىن ئىبارەت بولغان مەزكۇر يىغىنغا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، خىتايشۇناسلار، ئاخباراتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە تونۇلغان قەلەمكەشلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى بىۋاسىتە ۋە تور ئارقىلىق قاتناشقان.

«دېموكراتىيە ۋە مۇستەبىتلىك: ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تاللىشى» ناملىق يىغىنغا قاتناشقۇچىلار. 2021-يىلى 30-سېنتەبىر، گېرمانىيە.
«دېموكراتىيە ۋە مۇستەبىتلىك: ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تاللىشى» ناملىق يىغىنغا قاتناشقۇچىلار. 2021-يىلى 30-سېنتەبىر، گېرمانىيە.

مەزكۇر يىغىننىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خوڭكوڭدا ‹دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى› ئەسلىدىكى خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك كرىزىس پەيدا قىلدى، دېموكراتىيە ۋە قانۇن-تۈزۈم چەكلىنىپلا قالماي، ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم 50 يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ› دېگەن ۋەدىمۇ كۆپۈككە ئايلاندى». «ئۇيغۇرلار رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلدى، ‹جازا لاغىرلىرى› كەبى چەكلەنگەن رايونلار تەسىس قىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇققا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىندى، ئۇيغۇرلار رايونىنى تېررورلۇق كرىزىسى قاپلىدى. ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر بۇنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى› دەپ بېكىتتى. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ‹دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى› نىڭ روھىغا ئېغىر دەرىجىدە ئاسىيلىق قىلغانلىق، شۇنداقلا ئوچۇق ئاشكارا ئىرقىي تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاپەت خاراكتېرلىك قىلمىش ئىدى». «تەيۋەنگە قارىتا، تەيۋەن دېڭىز ساھىللىرى ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى توختىماستىن چارلاش ۋە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ، زور ھەربىي بېسىم شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، تەيۋەنگە بولغان تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتىنى كۈچەيتمەكتە. تەيۋەن خەلقى سىياسىي ۋە ھەربىي بېسىمنىڭ قورقۇنچى ئاستىدا قالماقتا. تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەھلىكە ۋە كرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە. پۈتكۈل دېموكراتىك دۆلەتلەر بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈمەكتە ۋە نەپرەتلەنمەكتە. ئەمما ب د ت ۋە نۇرغۇنلىغان ئاسىيا، ئافرىقا دۆلەتلىرى گويا ھېچ ئىش بولمىغان كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، قۇلاقلىرىنى يوپۇرىۋالماقتا. خەلقئارا قانۇننىڭ ئېتىبارى بۇ يەردە يوقالماقتا.»

يىغىن باياناتىدا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيىتى مۇنداق يورۇتۇپ بېرىلگەن: «جۇڭگودا مۇستەبىت دىكتاتورنىڭ ھۆكۈمرانلىقى داۋاملاشماقتا، خەلق يۇقىرى سىياسىي بېسىم ئاستىدا ئەركىنلىك، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بولغان قۇللارغا ئايلانماقتا، پۈتكۈل دۆلەتكە بىرلا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا، ئاۋازلار ئۆچۈرۈلمەكتە. سۆزلىگەن گۇناھى، يازغان جىنايىتى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە تاشلانغانلارنىڭ دېلولىرىنىڭ ھېسابى يوق. جۇڭگودىكى دېموكراتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، دىنىي زاتلار قاتتىق باستۇرۇلۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىغا سۈرگۈن قىلىندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىرئاز بايلىق توپلىۋالغان بۇ ھاللىقلارنىڭ ھالىمۇ خەتەرلەر ئىچىدە قېلىپ، نۇرغۇنلىرى قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا.»

«دېموكراتىيە ۋە مۇستەبىتلىك: ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تاللىشى» ناملىق بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قۇرۇلتاي بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بىۋاسىتە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىندا ئىككىنچى بولۇپ سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختىلىپ ئۆتكەن. يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان غەيۇر قۇربان ئەپەندى، بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر يىغىندا تەيۋەننىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى شيې جىۋېي، شىۋېتسارىيەدىكى «يېڭى زۈرىكلىكلەر گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى يۈرگېن كال، فرانسىيەدىكى خىتايشۇناس مارى ھولىزمان، گېرمانىيەلىك خىتايشۇناس گابرېلى زاتلېر قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق كىشىلەر نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە خىتاي خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىتلەرچە باستۇرۇش سىياسىتىنى، تەھدىتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

خىتاي ئوبزورچىسى خۇ پىڭ يىغىندا سۆز ئالغاندا، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى ستانلىننىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىدىن ئۆرنەك ئالغان ئىنسانىيەتكە قارشى رەزىل سىياسەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرى ئۈستىدىن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان شەكىلدە ياۋايىلارچە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

يىغىن 2 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئەتە 1-ئۆكتەبىر كۈنى يىغىن ئەھلى بېرلىندا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىغا قارشى ئورتاق نامايىش ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.