گېرمانىيە شىركەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق سەل قاراشنىڭ ئىمكانىيەت دائىرىسى تارايماقتىكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.10.29
گېرمانىيە شىركەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق سەل قاراشنىڭ ئىمكانىيەت دائىرىسى تارايماقتىكەن ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېفان ۋوللېنشتېين(Stephan Wollenstein) شاڭخەي ماشىنا كۆرگەزمىسىدە ID 6 ماركىلىق ماشىنىسىنى تونۇشتۇرماقتا. 2021-يىلى 19-ئاپرېل، شاڭخەي.
AP

ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي بازىرىغا تايىنىپ قالغان گېرمانىيە شىركەتلىرى، خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە چەت ئەل شىركەتلىرىنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇشىدەك بېسىمى سەۋەبلىك يېڭى يول تېپىشقا، خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىدىكى بىر مەزگىللىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتىكەن.

26-ئۆكتەبىر «سىياسەت» كۈندىلىك گېزىتىدە گېرمانىيە شىركەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ مەسىلە ھەققىدە تونى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە «بېرلىنغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بىپەرۋا قاراش بارغانسېرى قېيىنغا توختىماقتا» دېگەن كىرىش سۆز بىلەن باشلانغان ئىدى. ماقالىدە، نۆۋەتتە گېرمانىيە شىركەتلىرى خىتايدا يولۇقىۋاتقان سىياسىي چەكلىمە ۋە تەقىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە سەل قاراش تۈپەيلى پەيدا بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي ھەم ئەخلاقىي بېسىم، غەرب قىممەت قارىشى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجى قاتارلىق ئوبىيېكتىپ ئامىللارنىڭ گېرمانىيەنى خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، گېرمانىيە ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا بىر تاللاشنىڭ ئىستىقبالى يوقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە بايان قىلىشىچە، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئاپتوموبىل ۋە ماشىناسازلىق سانائىتى گورۇھى بولغان ۋولكىسۋاگېن ۋە زىمېنىس گەرچە خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقى ئارقىلىق يىللاردىن بۇيان گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئەمدى ئاخىرلاشقان. شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە چەت ئەل شىركەتلىرىنى تىزگىنلەش، نازارەت قىلىش تۈزۈلمىسىنىڭ كۈچىيىشى، ئۇنىڭ قوشنا ئەللەرگە شەكىللەندۈرىۋاتقان تەھدىتلىرى، ئىشغالى ئاستىدىكى مىللەتلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى، خىتايدا گېرمانىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىشى، خىتايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ بارغانسېرى كۈچلۈك بېسىم شەكىللەندۈرىشى قاتارلىق ئامىللار، بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى شىرىن چۈشلىرىنى بەربات قىلىپ تاشلىماقتىكەن. ئۈرۈمچىدە تارماق زاۋۇتى بولغان ۋولكسۋاگېن ماشىنا شىركىتى بولسا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دېگەن شىكايەت سەۋەبلىك فېدىرال ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرىۈشىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

«گېرمانىيە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى» نىڭ مەسئۇلى سىگفېرد رۇسۋۇرم گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى تەقدىرى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا توختالغاندا، گويا ئۇ سانائەت لىدېرى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىر خادىمى كەبى سۆز قىلىپ: «كىشىلىك ھوقۇق دۆلەتنىڭ ئىچكىي ئىشى ئەمەس» دېگەن ھەمدە شىركەتلەرنى خىتايدىن ئۈمىد كۈتمەي، ئۆزلىرى باش بولۇپ «خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنىڭ قىزىل سىزىقىنى سىزىشى لازىم» لىقىنى تەكىتلىگەن.

«گېرمانىيە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى» يېقىندا ئېلان قىلغان «مۇستەبىتلەر بىلەن ھەمكارلاشقان چاغدىكى مەسئۇلىيەت» ناملىق كۆرسەتمىدە «شىركەتلەر پايدا ياراتقاندىلا ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئەگەر بىز ئىقتىسادىي جەھەتتىن زەئىپلەشسەك، دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىمىزنىمۇ قوغداپ قالالمايمىز» دېگەنلەرنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، «شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىشى ۋە ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمراھنىڭ دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇلىشى، قوبۇل قىلىش قېيىن ئەھۋالدۇر» دېگەنلەرنى ئىپادە قىلغان. كۆرسەتمىدە يەنە «سوغۇققانلىق بىلەن باھالىغاندا، خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىدىكى ئۆزگىرىش ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى، ‹يەر شارىۋى ھەمكارلىققا تايىنىپ بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دېموكراتىك قۇرۇلمىنى ئىلگىرى سۈرۈش› دېگەن ئارزۇلىرىمىز ئەمەلگە ئاشمىدى» دېيىش ئارقىلىق، خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ كۆزلىگەن مەقسەدكە يىتەلمىگەنلىكى، «سودا ھەمكارلىقىغا تايىنىپ تۇرۇپ خىتاينى دېموكراتىيەگە يېتەكلەش» تىن ئىبارەت مېركىل تەشەببۇس قىلغان بۇ شىرىن خىيالدىن ۋاز كېچىشنىڭ زامانى كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئانجىلا مېركىلنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن گېرمانىيەدىكى پارتىيەلەرنىڭ باشقىچە بىر خىتاي سىياسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ماقالىدە تىلغا ئېلىشىچە، گېرمانىيە خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەر بىلەن سودا ھەمكارلىقىنى ئۇزۇن يىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر دۆلەت بولۇپ، بۈگۈنگە كەلگەندە، خىتاي گېرمانىيەنىڭ مۇھىم ماشىنىسازلىق تېخنىكىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ بولغان. ئەمدى گېرمانىيەگە بۇرۇنقىدەك ئېھتىياجىمۇ قالمىغان. زۆرۈر تېپىلسا گېرمانىيە شىركەتلىرىنى سىقىپ چىقىرىۋېتەلەيدىغان ھالغا يەتكەن. مەېركىلنىڭ خىتايغا بولغان يۇمشاق قوللۇق سىياسىتىنىڭ ئاقىۋېتى كۈنسېرى قاراڭغۇلاشقان. بۇ سەۋەبتىن 9-ئايدىكى سايلامدا غەلىبە قىلغان گېرمانىيەدىكى يېشىللار پارتىيەسى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىش ئالدىدا تۇرغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بىرلىشىپ، تېخىمۇ كەسكىن بولغان «يېڭى خىتاي سىياسىتى» نى بەرپا قىلىش، قىممەت قاراشلىرى ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەمكارلىشىش تەشەببۇسىدا بولغان.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مىېھرىبان خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، گېرمانىيەدە ئانجېلا مېركىل بەرپا قىلغان كونا خىتاي سىياسىتىنىڭ گۆرى قېزىلىشقا باشلىغانلىقىنى، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەر مەسىلىسىدە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، بېلگىيە، گوللاندىيە، چېخىيە قاتارلىق دۆلەتلەر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، گېرمانىيە پەقەت «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دائىرىسىدە چەكلىنىپ قالغان ئىدى. ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولغان گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىقلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرى سەۋەبلىك «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا كەسكىن مۇئامىلىدە بولالمايۋاتقانلىقى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. گەرچە بۇ دۆلەتلەر ئالدىنقى ھەپتىلەر ب د ت دا ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئورتاق باياناتقا ئىمزا قويغان 43 دۆلەتنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ.

نۆۋەتتە خىتايدا گېرمانىيەنىڭ 5 مىڭدىن ئارتۇق شىركەتلىرى ھەر خىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقتىكەن. بۇ شىركەتلەرنىڭ بىر قىسمى خىتاينىڭ تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قىستىشى، خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغرىلىشى، سانلىق مەلۇماتلارنى مەلۇم قىلىشقا مەجبۇرلىشى، ئۈزلۈكسىز نازارەت قىلىشقا ۋە تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە يولۇقۇشى سەۋەبلىك خىتايدىكى تىجارەتلىرىگە خاتىمە بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە ئىكەن. شى جىنپىڭنىڭ يېقىندىن بۇيان «ئورتاق بېيىش» شۇئارى ئاستىدا خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرنى قامال قىلىشى، ئاخباراتلارنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشى، دۆلەتنىڭ كۈنسېرى بېكىنمە ھالەتكە قاراپ ئىلگىرىلىشى ۋە مۇستەبىتلىك پاتقىقىغا بارغانسىرى چۇڭقۇر چۆكۈشى، «ئۇنىۋېرسال خىتاي ھېرىسمەنلىكى» گە گىرىپتار بولغان گېرمانىيە شىركەتلەرىدە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا ئىكەن. شىركەتلەر بۇنىڭ داۋاسى ئۈستىدە جىددىي ئىزدەنمەكتە ئىكەن. «گېرمانىيە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى» بولسا گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىغا مەدەت بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.