ھازىرغا قەدەر ئاننالېنا بايېربوكنىڭ خىتايغا نىسبەتەن كەسكىن پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن ھەمدە يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ 176 بەتلىك كېلىشىمىدە «تەيۋەن، شىنجاڭ، خوڭكوڭ مەسىلىسى» گە كۆپلەپ ئورۇن بېرىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوك بۇ ھەقتە تېخى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى. 2-دېكابىر گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوكنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاي توغرىسىدا قىلغان تۇنجى ئاشكارا بايانلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دە «خىتاينى بايقۇت قىلىش: تېننىس جەمئىيىتى خىتايغا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشقا قوشۇلدى» ؛ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD دا «دىيالوگ بىلەن قاتتىق قوللۇقنى تەڭ ئىشلىتىش» ؛ «سۈرەتلەر» گېزىتىدە «بايېربوك مۇستەبىتلەرگە تېخىمۇ قاتتىققول بولماقچى» ؛ «ئەينەك» ژۇررنىلىدا «بايېربوك خىتايغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى»؛ «زامان» گېزىتىدە بولسا «ئاننالېنا بايېربوك خىتاي بىلەن ئارىلىق ساقلىماقچى» دېگەندەك تېمىلاردا خەۋەر ۋە ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوكنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قارىشى ۋە خىتايغا تۇتۇدىغان پوزىتسىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىگە كەڭ ئورۇن بەردى.
ئەسلىدە گېرمانىيەنىڭ يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوك 1-دېكابىر كۈنى بېرلىندا نەشىردىن چىقىدىغان «TAZ» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سايلامدا غەلىبە قىلغان يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن، بۇ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ھەجمى زور بىر زىيارەت خاتىرىسى بولغان ئىدى. بىراق مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنىڭ بايانلىرى ئىچىدىن بىرقانچە نۇقتىنى كېسىپ ئېلىپ، ئۇنى قىززىق تېما سۈپىتىدە بەس-بەستە تەرغىپ قىلىشقا باشلىغان. بۇ نۇقتىلارنىڭ بىرى، ئاننالېنا بايېربوكنىڭ يېڭى خىتاي سىياسىتىگە دائىر قاراشلىرى، ئىككىنچىسى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى، ئۈچىنچىسى، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى مەيدانى مەسىلىسى ئىدى.
ئاننالېنا بايېربوك ئۆزىنىڭ يېڭى خىتاي سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا، ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە «رېئاللىققا چاپان يېپىش ۋە زۇۋانىنى تۇۋاقلىۋېلىش» يولىنى تۇتقانلىقىنى، «سۈكۈتنىڭ قايىل قىلىش كۈچى» گە ئىشەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «دىيالوگ دېگەنلىك، چىرايلىق گەپ قىلىش ۋە كۆزىنى يۇمىۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس» دېگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، كونكىرېت قىلىپ: «ئەگەر شىنجاڭغا ئوخشاش مەجبۇرىي ئەمگەك ئومۇملاشقان رايونلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىگە پۇرسەت بەرمىسەك، خىتايغا ئوخشاش ئېكىسپورت دۆلىتى ئۈچۈن بۇ چوڭ مەسىلە بولىدۇ» دېگەن ھەمدە بۇ تەدبىرنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئورتاق قوللانغاندىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئاخبارات ۋاستىلىرى يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوكنىڭ يۇقۇرىقى سۆزىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكىگە چېتىلغان تاۋارلارنى مەيئىي قىلىش ئارقىلىق خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن زەربە بېرىشنىمۇ نەزەردە تۇتقانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ھەمكارلىققا چاقىرغانلىقى شەكلىدە تەھلىل قىلغان ۋە شۇنداق تەرغىپ قىلغان. بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئاننالېنا بايېربوكنىڭ «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرى ئوخشىمايدۇ، بىز ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دېگەن سۆزىنى «ئاننالېنا بايېربوك بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېگەن شەكىلدە تەشۋىق قىلغان.
بۈگۈنكى ئاننالېنا بايېربوك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پۈتۈن خەۋەرلەردە ئۇنىڭ سۆزلىرى «يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى خىتاي سىياسىتى» تەرىقىسىدە بايان قىلىنماقتا ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىۋېلىپ ئېغىر باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى خەۋەرلەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈلمەكتە. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەتە توختالغاندا، ئاننالېنا بايېربوكنىڭ يۇقۇرىقى سۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆپ مەمنۇن قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ كەلگەن يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئاننالېنا بايېربوكنىڭ گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىگە باشلىق بولۇشى ۋە ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي سىياسىتى ھەققىدە ئاشكارا توختالغاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشنى ئۇنۇتمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ خىتاينى جازالاش نىيىتىنى ئاشكارا قىلغانلىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى بىر بىشارەت سانىلىدىكەن. بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى مېھرىبان خانىم ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يېڭى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولغىنىدەك، گېرمانىيەدە بۇ يىل 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى غەلىبە قىلىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان ئىدى. 6-دېكابىر كۈنى بۇ يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت پارلامېتتا تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، رەسمىي ئىش باشلايدىكەن.