گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىل كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك گېرمانىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتايدا پەيدا بولۇپ يەر شارى خاراكتېرلىك ئاپەتكە ئايلانغان كورونا ۋىرۇسى ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ جىددىي ساراسىمە پەيدا قىلدى. گېرمانىيەدە بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 15 مىڭغا ئۇلاشقان 18-مارت كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل خانىم تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، گېرمانىيەنىڭ تارىختا كۆرۈلمىگەن قېيىن بىر سىناققا دۇچ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
مەركىل خانىم نۇتقىنى مۇنداق باشلايدۇ: «ۋەتەنداشلار، كورونا ۋىرۇسى دۆلىتىمىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا دىراماتىك بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلماقتا. نورمال ھالىتىمىز، ئاممىۋى تۇرمۇشىمىز، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمىز ھېچ قاچان كۆرۈلمىگەن سىناققا دۇچ كەلمەكتە. مىليونلىغان كىشىلەر ئىشقا بارالمايۋاتىسىلەر، بالىلىرىڭلار مەكتەپكە ياكى يەسلىلەرگە بارالمايۋاتىدۇ، تىياتىرخانىلار، كىنوخانىلار ۋە ئىش ئورۇنلىرى تاقالدى، بەلكىم ئەڭ ئېغىر كەلگىنى بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىلاردىن مەھرۇم قېلىۋاتقىنىمىز بولسا كېرەك. ئەلۋەتتە، ھەركىمنىڭ بىزدىن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قانداق بىر ۋەزىيەتكە يولۇقىدىغانلىقى توغرىسىدا سورايدىغان نۇرغۇن سوئاللىرى ۋە ئەندىشىلىرى بار.»
مەركىل خانىم گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن خەلققە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ خەلقنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ دېموكراتىيەنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ئىشىنىمەنكى، ئەگەر بارلىق پۇقرالار ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى كۆرۈپ يېتەلىسە، بىز بۇ سىناقتىن ئۆتۈپ كېتەلەيمىز. ماڭا ئىشنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىمگە ئىجازەت بېرىڭلار. سىلەرنىڭمۇ جىددىي قارىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن بۇيان، ياق، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھەرىكەت بىرلىكى ھېچقاچان بۇنداق خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئەمەس.»
مېركىل خانىم شۇندىن كېيىنكى سۆزلىرىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنى تېز ئارىدا تىزگىنلەش، خەلقنى نورمال ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ۋاقىتقا ئېھتىياجى بارلىقىنى، خەلقنىڭ ئۆزىنى مۇداپىيە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى تەكىتلەيدۇ.
ئالدىنقى كۈنلەر فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرونمۇ كورونا ۋىرۇسى توغرىلىق تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ: «بىز ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە ئۆتتۇق، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلماقتىمىز،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان ئىدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، پۈتۈن دۇنيا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى جىددىي جەڭ قىلىۋاتقان بىر چاغدا خىتاي تەرەپ بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىغۋالارنى تارقىتىپ، خەلقئارادا زور غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختالغاندا كورۇنا ۋىرۇسى تۈپەيلى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇپ يېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنيا ھەم خىتايغا كەلتۈرۈۋاتقان ئاپەتلىرى توغرىسىدا بۈگۈن د ئۇ ق تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن باشقا ئەللەر ئارىسىدا كەلگۈسىدە سوغۇق ئۇرۇش مۇناسىۋىتى شەكىللىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكادىكى ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ خادىمى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن پايدا-زىيانلىرى توغرىسىدا توختالغاندا جازا لاگېرلىرى، خوڭكوڭ مەسىلىسى ۋە كورونا ۋىرۇسىدىن ئىبارەت 3 چوڭ مەسىلىنىڭ دۇنياغا خىتاينىڭ ماھىيىتىنى تونۇتۇش رولىنى ئۆتىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ياۋروپادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئىش توختىدى. چېگرالار قامال قىلىندى. كىشىلەر ئۆيلىرىگە قامىلىپ قالدى. بۈگۈن، يەنى 20-مارت چۈش سائەت 12:00 دىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى فىرانسىيەدە 10 مىڭ، گېرمانىيەدە 16 مىڭ، ئىسپانىيەدە 18 مىڭ، ئىتالىيەدە 41 مىڭ كىشىدىن ھالقىپ، ياۋروپا پۇقرالىرىدىكى ۋەھىمىلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
0:00 / 0:00