گېرمانىيەدىكى «تېلېپولىس» (Telepolis) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «NATO بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك: كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەتنى تەھلىل قىلىش» ناملىق ماقالە بىلەن «بېرلىنلىقلار گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان «ئاز سانلىقلارغا زۇلۇم قىلىشمۇ ياكى غەربنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىمۇ؟» ناملىق ماقالىلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ئىنكار قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇردىن ئىبارەت «مەدەنىيەتسىز ياۋايىلار» نى ئۆزگەرتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
«NATO بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك: كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەتنى تەھلىل قىلىش» ناملىق ماقالىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەش» ناملىق بۆلىكىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم ئورگانلار ۋە شەخسلەرنى ساناپ ئۆتىدۇ. ئالدى بىلەن، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «خەۋەرلەر لىنىيەسى ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ 2021-يىلى 3-ئايدا خىتاينىڭ 1949-يىلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» غا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئاندىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن ۋېنسېل مىخالكې (Wenzel Michalke)نىڭ گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى خۇلاسىلەپ چىققانلىقى، خىتاينىڭ رىم خەلقئارا ئادالەت سوتىنىڭ 7-ماددىسىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىن ئۆلتۈرۈش، قىيناش، نازارەت قىلىش، مەدەنىيەت ۋە دىننى يوقىتىش، جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، كەڭ كۆلەمدە سىستېمىلىق ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى سادىر قىلىپ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ماقالىنىڭ «دەلىل-ئىسپاتلار ۋە دوكلاتلار: شىنجاڭدىكى دېلولار» ناملىق بۆلىكىدە شى جىنپىڭ 2023-يىلى تۇيۇقسىز ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە، د ئۇ ق نىڭ 28-ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى، مىللىي كىملىكىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ. ئارقىدىن گېرمانىيەلىك قەلەمكەش ماتىياس بۆلىڭېر (Mattias Bölinger)نىڭ «ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ھېلىھەم شەپىسىز ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. كوممۇنىزىم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز (Adrean Zenz)، پروفېسسور ئالىكساندېر گۆرلاخ (Alexander Görlach)، «ئەينەك ژۇرنىلى» نىڭ ئوبزورچىسى گىئورگې فارىيان (George Farian) قاتارلىق بىر تالاي كىشىلەرنىڭ خىتاينى دۆلەت تېررورلۇقى سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ.
خەلقئارادىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تەسىرىنى تازىلاش ئۈچۈن زور ئېنېرگىيە سەرپ قىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پەقەت 2023-يىلى بىر يىل ئىچىدىلا 400 ۋەكىللەر ئۆمىكىنى، نەچچە مىڭلىغان چەت ئەللىكنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدىن گېرمانىيەدىكى بىر بۆلۈك خىتايپەرەست شەخسلەرمۇ ئورۇن ئالغان ئىكەن. خىتايغا ماھىللىقى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان بۇ شەخسلەرنىڭ بەزىلىرى خىتايدىن ئېرىشىدىغان خۇسۇسىي مەنپەئەتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشقا داۋاملىق تىرىشماقتا ئىكەن.
ماقالىنىڭ «خەلقئارالىق غەزەپ ۋە ئىنكاس» ناملىق بۆلىكىدە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەنلىكى ۋە بىر بۆلۈك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ خىتاينىڭ بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلاتقانلىقى ۋە ياۋروپاغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ. بۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ 2020-يىلى 19-نويابىر ۋە 2021-يىلى 17-ماي كۈنلىرى 14 مۇتەخەسسىسنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خەلقئارا قانۇن بويىچە باھالاش» تېمىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
مەلۇمكى، «NATO بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك: كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەتنى تەھلىل قىلىش» ناملىق ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قارارلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى چۈشەنچىسىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، گېرمانىيە ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 85 ياشلىق پروفېسسورى نورمان پېچ (Norman Paech) مەزكۇر ماقالىسى ئۈچۈن خىتاينى خۇشال قىلغۇدەك دەرىجىدە قالتىس بىر «تەسىر يارىتىش» قا ئۇرۇنغان.
ھالبۇكى، گېرمانىيەدىكى ھېچبىر رەسمىي ھەم داڭلىق مەتبۇئاتلار ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى ئۈچۈن ئورۇن بەرمىگەن. ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىككى نەپەر خىتايپەرەست پروفېسسورنىڭ ئەسەرلىرى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ئورۇن ئالالمىغان بولسىمۇ، ھېچبولمىسا شىۋېتسارىيەنىڭ «يېڭى زۈرىكلىكلەر گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمما پروفېسسور نورمان پېچنىڭ بۇ ئەسىرى پەقەت «تېلېپولىس» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىدە خىتاينى ھەقلىق كۆرسىتىشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان.
نۆۋەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدىكى چۆكۈش ۋە داۋالغۇشلارنى باشتىن كۆچۈرۈۋاتقان خىتاينىڭ غەربنىڭ مەبلەغلىرىگە جىددىي ئېھتىياجى بارلىقىنى تىلغا ئالغان ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دىن ئىبارەت بۇ قارا داغدىن خەلقئارادىكى ئوبرازى خۇنۈكلەشكەن خىتاي ھاكىمىيىتى، غەربنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنياغا ئۆزىنى يېقىملىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يولدا تۈرلۈك نەيرەڭلەرنى ئىشقا سالماقتا ئىكەن.
«NATO بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك: كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەتنى تەھلىل قىلىش» ناملىق ماقالىنىڭ «گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى تەكشۈرۈش» ناملىق بۆلىكىدە، گېرمانىيە پارلامېنتى گەرچە خىتاينى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى تۈرلۈك دەلىللەر ئاساسىدا ئېتىراپ قىلىپ، خىتاينى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارنى قوبۇل قىلىشىغا ئاساس بولغان دەلىللەر ماقالىدا تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، ماقالىنىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ھۇجۇمى باشلانغان.
«NATO بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك: كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەتنى تەھلىل قىلىش» ناملىق ماقالىنىڭ ئىككىنچى قىسمىغا «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن كۆزىتىش» ۋە «خىتاينىڭ تالاش-تارتىشتا قالغان تېررورلۇققا قارشى تەدبىرلىرى، زىددىيەتلىك قاراشلار» دېگەن باش ماۋزۇلار قويۇلغان بولۇپ، بۇ قىسىم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ئاتالمىش «پاكىتلار» بىلەن تولغان.