گېرمانىيەدىكى خىتايپەرەسلەرنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ كەتتىمۇ؟ (1)

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.01.24
گېرمانچە مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى بىلەن تولۇپ تاشتى لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.
BITTER WINTER

2023-يىلى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغان كۈنلەردە، گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم ياشانغان تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئاقلايدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە جەمئىيىتىدە كۈچلۈك مەسخىرە ھەم تەنقىدلەرگە دۇچار بولغان ئىدى. 2024-يىلى كىرىشى بىلەنلا، گېرمانىيەدىكى يەنە بىر قىسىم مەشھۇر سىياسەتچىلەر ۋە قەلەمكەشلەر ئۇۋىسىدىن چۇۋۇلۇپ چىقىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چاپان ياپىدىغان زور ھەجىملىك ماقالىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىشقا باشلىدى.

غەربتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى يىللاردىن بۇيان «خىتاي غەرب دۆلەتلىرىدىكى پېنسىيەگە چىققان داڭلىق ئالىملارنى، سىياسەتچىلەرنى، مۇخبىرلارنى، پارلامېنت ئەزالىرىنى پارا بېرىش ئارقىلىق ئۈندەككە كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئۇرۇنماقتا» دېگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قاراشنىڭ راستلىقىنىڭ 2024-يىلى يىل تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشكارىلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

17-يانۋار گېرمانىيەدىكى قىزىق لىنىيە تور ژۇرنىلى ھېسابلانغان «تېلېپولىس» (Telepolis) ژۇرنىلىدا «NATO بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك: كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەتنى تەھلىل قىلىش» ناملىق 3 قىسىملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. 21-يانۋار كۈنى ئوخشاش بىر ماقالە يەنە «خىتاي ۋە شىنجاڭ: ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەشلەر رېئاللىقنىڭ تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلمەكتە» دېگەن نامدا ئېلان قىلىندى. بۇنىڭغا ماس ھالدا 20-يانۋار كۈنى «ئاز سانلىقلارغا زۇلۇم قىلىشمۇ ياكى غەربنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىمۇ؟» ناملىق بىر ماقالە «بېرلىنلىقلار گېزىتى» دە ئېلان قىلىنىپ، گېرمانىيەدىكى باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆچۈرۈپ تارقىتىلىشقا باشلىدى. بۇ ماقالىلەرنى ئېلان قىلغۇچىلار گېرمانىيەلىك تونۇلغان سىياسەتچىلەر ۋە گېزىت تەھرىرلىرى ئىدى.

 «NATO بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك: كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەتنى تەھلىل قىلىش» ناملىق 3 قىسىملىق ماقالە ياكى بۇ ماقالىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى بولغان «خىتاي ۋە شىنجاڭ: ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەشلەر رېئاللىقنىڭ تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلمەكتە» ناملىق ماقالىغا مۇنداق ئىبارىلەر كىرىش سۆز قىلىنغان:

«ئىنسانىيەت تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە زور جىنايەت ھېسابلىنىدىغان ‹ئورۋېلچە ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش› شەكلى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭنى ‹ئۈستى ئوچۇق تۈرمە› سىياقىدا تەسۋىرلەشلەرمۇ، بەلكىم كىشىلەرنىڭ غەزەپلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشكە كۇپايە قىلماسلىقى مۇمكىن.»

ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىلگەن: «خىتاي باش كۆتۈرگەنسېرى، ئۇنىڭغا بولغان قارشىلىقلارمۇ يۈكسىلىۋاتىدۇ. ئەڭ ئېغىر بېسىم NATO (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) غا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلمەكتە. بۇ سۈركىلىشلەرنىڭ يەنە قانداق تەرەققىي قىلىشىغا نەزەر سالايلى.» «ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىۋاتقان ۋە سىياسىي جەھەتتىن كۈچىيىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا ھازىر NATO غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي سەھنىلىرىدىكى ھەم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى دوكلاتلار ۋە مۇنازىرىلەرنىڭ ئۇرغۇلىرىمۇ كۈچىيىپ بارماقتا. يالغۇز بۇلا ئەمەس، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئەمدى ھەمكارلىقتىن رىقابەت دەرىجىسىگە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.»

ماقالىنىڭ ئەسلى باش تېمىسى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان NATO غا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى يورۇتۇپ بېرىشنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، گېرمانىيە ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 85 ياشلىق پىروفېسسورى ۋە تونۇلغان سىياسەتچى نورمان پېچ (Norman Paech) مەزكۇر ماقالىسىدە ئالدى بىلەن خەلقئارادىكى خىتاينى يامان كۆرۈشكە سەۋەب بولغان بەزى ئامىللارنى بىر قۇر نەزەردىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىدە توغرا بولغان تەرەپلىرىنى ئاتالمىش «پاكىتلار» ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلماقچى بولغان.

بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، خىتايغا قارىتا ھەر تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشى، ھەر ساھە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۈچلۈك بېسىمى ۋە ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر مەلۇماتلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاينى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئېغىر بېسىم ئاستىدا قويۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، خىتاينىڭ خەلقئارالىق بېسىملاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ماقالىنىڭ «كۈچىيىۋاتقان سۈركىلىشلەر: خىتاي NATO غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جىددىي نىشانى» ناملىق بىرىنچى بۆلىكىدە، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناكنىڭ خىتاينى «ئىچكىي ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت»، «خىتاي تېخنىكا ئوغرىلايدۇ»، «خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلارغا سىڭىپ كىرىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىش بىلەن بىرگە، «پېكىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى قوللايدۇ، بۇ ئۇرۇشتا ئۇكرائىناغا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە تەيۋەنگە تەھدىت سالىدۇ» دېگەن جۈملىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، پىكرىنى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ.

ماقالىنىڭ «ئۇلار شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭدا ئۆز پۇقرالىرىنى قىينايدۇ، تۈرمىگە تاشلايدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ» ناملىق بۆلىكىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى جازاغا ئۇچرىماقتا ھەمدە سودا ساھەسىدە يۈز بەرگەندەك، ئىلىم-پەن ساھەسىدىمۇ ھەمكارلىقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇلماقتا. بۇ خىل سۈركىلىشنىڭ سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ NATO دىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگۈسى ھەربىي توقۇنۇشلار ھەققىدە كىشىلەر ئاللىقاچان ئاشكارا مۇنازىرىلەرنى قانات يايدۇرماقتا. بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ ئاساسلىق ئېلېمېنتى، تىبەتتىكى، بولۇپمۇ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خىتاينى ئەيىبلەشنىڭ بىر قورالى قىلىۋېلىنغان بولۇشى مۇمكىن. فىرانسىيە، گوللاندىيە، كانادا پارلامېنتلىرى خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپلا ‹خىتاي شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، بۇنىڭ بەدىلىنى ئۆتەيدۇ› دېدى.»

«NATO بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك: كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەتنى تەھلىل قىلىش» ناملىق 3 قىسىملىق بۇ ماقالە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىغانلىقىغا 3 يىل بولغان بىر مەزگىلدە ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قەرەللىك كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ب د ت دا خىتاينى سوراققا تارتىدىغان يىغىن ھارپىسىدا بىر ئۇچۇم خىتايپەرەسلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان تېمىلاردا ماقالىلەر ئېلان قىلىشىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە غەربنىڭ سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك بىمەنە تەشۋىقاتلارنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«NATO بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك: كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەتنى تەھلىل قىلىش» ناملىق 3 قىسىملىق بۇ ماقالىدا، كىملەرنىڭ خىتاينى يەنە قانداق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىگە دائىر بەزى دىققەتكە سازاۋەر تېمىلارمۇ بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتە كېيىنكى قېتىملىق پىروگراممىمىزدا مەلۇمات بېرىشكە تېرىشىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.