مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ دەلىللىرىنى ئىزدەپ ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان گېرمان مۇخبىرلىرى نەتىجىسىز قايتقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2023.03.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
germaniyelik-muxbir-lager-suret.jpg 4 نەپەر گېرمان مۇخبىرى سىنغا ئېلىۋالغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ئېگىز تاملارنىڭ ئۈستىدە كۆزىتىش مۇنارلىرى بولغان غايەت زور لاگېرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.
ardmediathek.de

4 نەپەر گېرمان مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ دەلىللىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۇرۇنۇشى ئەمەلگە ئاشمىغان.

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى تېپىش ئۈچۈن يېقىندا تامارا ئانتوني، ئېۋا شىمىت قاتارلىق 4 نەپەر گېرمان مۇخبىرى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بارغان. ئۇلار زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، لوندوندا لاگېر شاھىتى ئەرباقىت ئورتاباي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئورتاباي بۇندىن 6 يىل ئىلگىرى قامىلىپ، كۈنىگە 11 سائەتتىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان جازا لاگېرىنىڭ ئورنىنى سورىۋالغان.

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئۈنسىز-ساداسىز داۋام قىلىۋاتقان، مۇخبىرلارنى ۋە چەتئەللىكلەرنى ئەسلا قارشى ئالمايدىغان» ئۇيغۇر دىيارىغا قەدەم باسقان بۇ 4 نەپەر مۇخبىر ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىگە، ئاندىن ئورتاباي قامالغان جازا لاگېرىنى ئىزدەپ چۆچەككە بارغان. ئەمما ئۇلارنىڭ سەپىرى ئانچە كۆڭۈللۈك بولمىغان.

بۇ مەلۇماتلارنى گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ئا ر د 26-مارت ۋە 27-مارت كۈنلىرى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۈچ پروگرامما ئارقىلىق تارقاتتى. بۇ 3 پروگراممىنىڭ بىرى «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرامدۇ؟»، ئىككىنچىسى «خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك: تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟»، ئۈچىنچىسى «تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈش تەس» دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى.

بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، تامارا ئانتوني، ئېۋا شىمىت قاتارلىق 4 نەپەر گېرمان مۇخبىرى ئۈرۈمچىدە ئايروپىلاندىن چۈشكەن ھامان سۇئال-سوراققا دۇچ كەلگەن. ئۇلار ئۈرۈمچىدە ساقچىخانىغا ئەكىرىلىپ سوراق قىلىنىپلا قالماي، پاسپورتلىرى رەسىمگە تارتىلغان ۋە رەسىم ئاپپاراتى، تېلېفونلىرىدىكى بارلىق سۈرەتلەر، سىن كۆرۈنۈشلىرى يۇيۇۋېتىلىپ، 1 سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. مۇخبىرلار ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا قەدەمدە بىر ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە ئۇچراپ، ھەقىقەتەنمۇ بىزار بولغان. ھېچبىر ئۇيغۇر ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشقا جورئەت قىلالمىغان. ئۇلار چەتئەللىكلەر بىلەن پاراڭلاشقان كىشىلەرنىڭ دەرھال جازا لاگېرلىرىغا قامىلىدىغانلىقىنى بىلگەن.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ قورقۇنۇشنىڭ 21-ئەسىردە خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

مۇخبىرلار چۆچەككە قاراپ يولغا چىققان. ھەممىلا جايدا ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان پايلاقچى ماشىنىلار ئۈزۈلمىگەن. ئۇلار چۆچەكتىمۇ ئوخشاشلا قەدەمدە بىر ساقچىلارنىڭ ئاۋارىچىلىكلىرىگە ئۇچرىغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مۇخبىرلار مىڭبىر مۇشەققەتتە ئەرباقىت ئورتاباي سولانغان جازا لاگېرىنى تاپقان. ئەمما ئۇلار ماشىنىسىنى لاگېر دەرۋازىسى ئالدىدا توختاتماقچى بولغاندا، قارا كىيىم كىيگەن بىر نەپەر خادىم يۈگۈرۈپ كېلىپ، «بۇ جاي ھەربىي مەشىق ئورگىنى، ماشىنا توختىتىشقا بولمايدۇ، رەسىمگە تارتىشقا بولمايدۇ» دەپ، ئۇلارنىڭ ماشىنىدىن چۈشۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان.

4 نەپەر گېرمان مۇخبىرى چۆچەكتىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ئېگىز تاملارنىڭ ئۈستىدە كۆزىتىش مۇنارلىرى بولغان بۇ غايەت زور لاگېرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى سىنغا ئېلىۋالغان، بىراق بۇ تامنىڭ ئىچىدىكى ئېچىنىشلىق ھايات توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان. لاگېرنىڭ كۆلىمىدىنلا بۇ جايغا قانچە مىڭلىغان ئىنساننىڭ قامالغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن بۇ لاگېردىكى ئىنسانلارنىڭ قانداق مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى، قانداق ئازابلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىگەن.

فىلىمدا بايان قىلىنىشىچە، مۇخبىرلار ئۇيغۇر دىيارىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لوندوندا ئەرباقىت ئورتاباي بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، لاگېرنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىدۇ. ئەرباقىت ئورتاباي بۇ لاگېرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىچىدە ئۆزگىرىش يوقلىغىنى، بۇ جاينىڭ ھەربىي مەشىق ئورگىنى ئەمەس، بەلكى لاگېر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن يېڭىدىن تۈزۈپ چىققان «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ قانۇن بۇ يىلدىن باشلاپ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى مىڭدىن تۆۋەن بولغان گېرمان شىركەتلىرىگە قارىتا كۈچكە ئىگە ئىدى. ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى مىڭدىن يۇقىرى بولغان شىركەتلەرگە 2024-يىلىدىن باشلاپ تەتبىق قىلىناتتى. ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بارغان 4 نەپەر گېرمان مۇخبىرى گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى يەنە بىر نىشان قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇلار «تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەھۋاللارنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئاسانغا توختىمايدىكەن» دېگەن خۇلاسىگە كېلىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.