گېرمانىيەلىك سەيياھ كرىستوف رېھاگنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە ساياھىتى (1)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.01.25
Chiristoph-Rehage-1.jpg Youtube، Twitter قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايچە لېيكې (雷克)، لاۋ لېي (老雷) تەخەللۇسلىرى بىلەن تونۇلغان گېرمانىيەلىك سەيياھ كىرىستوپ رېھاگ (Chiristoph Rehage) ئۇيغۇر رايونىغا پىيادە كېتىۋاتماقتا.
christophrehage.com

1. «سەپىرىمدە خىتاي تەشۋىقاتىغا ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرلارنى كۆردۈم»

كىرىستوپ رېھاگ (Chiristoph Rehage) يوتۇپ، تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە خىتايچە لېيكې (雷克)، لاۋ لېي (老雷) تەخەللۇسلىرى بىلەن تونۇلغان گېرمانىيەلىك سەيياھ. ئۇنىڭ بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان 4646 كىلومېتىرلىق پىيادە سەپىرى ھەققىدە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە تىلدا ئىشلەنگەن «ئۇزۇن يول» ناملىق بىرقانچە قىسىمدىن تەركىب تاپقان ھۆججەتلىك فىلىمى، 2009-يىلدىن باشلاپ كەڭ تارقىلىپ زور قىزىقىش قوزغىغانىدى.

كىرىستوپ رېھاگ ئەپەندىنىڭ يۇتۇپ تورىدىكى فىلىملىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ گېرمانىيەدىكى بەدنەندورف (Bad Nenndorf) ناملىق كىچىك بازاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا كىچىكىدىنلا چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ئوخشىمىغان يۇرتلارنى كۆرۈش، دۇنيانى كېزىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغانىكەن. ئۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەزگىلىدىلا يەنى 16 يېشىدا ئامېرىكىغا كېلىپ بىر يىل ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەنگەن، كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان يىلى، ئۇ يەنە فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن فىرانسۇز تىلى ئۆگەنگەنىكەن. ھالبۇكى، بۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭدا پارىژدىن يۇرتى بەدنەندورفقا پىيادە قايتىش ئىستىكى قوزغالغان. نەتىجىدە ئۇ ھاياتىدا تۇنجى قېتىملىق 10 نەچچە كۈنلۈك مۇشەققەتلىك پىيادە سەپەر ئارقىلىق پارىژدىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ھەيران قالدۇرغانىكەن.

پارىژدىن پىيادە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسەت، تارىخ ۋە خىتايشۇناسلىق كەسپىدە ئىككى يىل ئوقۇغان كىرىستوپ رېھاگ، 2005 يىلى 22 يېشىدا خىتاينىڭ بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىغا خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە كەلگەن. ئۇ بۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە كۆپ قېتىم ساياھەتتە بولغان.

ئۇ ئۆزى سىزغان سەپەر خەرىتىسى بويىچە، 2007-يىلى نويابىر ئېيىدىن 2016-يىلغىچە، ئوخشىمىغان ۋاقىت ئىچىدە بىرقانچە بۆلەك بويىچە، خىتايدىن گېرمانىيەگە پىيادە قايتىش سەپىرىنى داۋام قىلغان. ئۇنىڭ بۇ سەپىرىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپە بىر يىل داۋام قىلغان بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە قايتىش يولىدىكى 4646 كىلومېتىرلىق پىيادە سەپىرى بولغان. ئۇنىڭ 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن باشلىغان 1-قېتىملىق پىيادە سەپىرى، 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئاياغلاشقان. ئۇنىڭ بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە پىيادە يۈرۈش سەپىرىدىكى سەرگۈزەشتلىرى ئېلان قىلىنغان پروگراممىلارنىڭ كۆرۈش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، نەچچە مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.

Youtube، Twitter قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايچە لېيكې (雷克)، لاۋ لېي (老雷) تەخەللۇسلىرى بىلەن تونۇلغان گېرمانىيەلىك سەيياھ كىرىستوپ رېھاگ (Chiristoph Rehage) ئۇيغۇر بالىلار بىلەن.
Youtube، Twitter قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايچە لېيكې (雷克)، لاۋ لېي (老雷) تەخەللۇسلىرى بىلەن تونۇلغان گېرمانىيەلىك سەيياھ كىرىستوپ رېھاگ (Chiristoph Rehage) ئۇيغۇر بالىلار بىلەن.
christophrehage.com

كىرىستوپ رېھاگ ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز ئۇنىڭ بېيجىڭدىن گېرمانىيەگە پىيادە قايتىش سەپىرىدە ئۇنىڭغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى تەسىراتلىرى توغرىسىدا بولدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، بېيجىڭدىن باشلانغان پىيادە سەپىرىدە 2008-، -2010، 2012-ۋە 2016-يىللىرى ئىلگىرى ئاخىر 4 قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدا سەپەردە بولغان.

كىرىستوپ رېھاگ مۇنداق دېدى: «مەن 2008-يىلى 1-قېتىم شىنجاڭغا پىيادە باردىم. بۇنىڭدا شىڭشىڭشادىن ئۈرۈمچىگە باردىم. 2010-يىلى ئۈرۈمچىدىن كۈيتۇن ۋە شىخۇغا پىيادە باردىم. 2012-يىلى شىخۇدىن ئىلى تەرەپتىكى قورغاسقا باردىم. 2016-يىلى يەنە شىنجاڭغا بېرىپ قورغاس ئېغىزىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ كەتتىم. بۇ مېنىڭ ئاشۇ سەپەردە شىنجاڭدا تۇرغان مەزگىللىرىم».

كىرىستوپ رېھاگ ئەپەندىنىڭ خىتايدىن گېرمانىيەگە پىيادە قايتىش سەپىرى ھەققىدىكى فىلىملىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئۆزى بەلگىلىگەن خەرىتە لىنىيەسى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدا پىيادە سەپىرىنى داۋام قىلىش جەريانىدىكى دەم ئېلىش مەزگىللىرىدە يەنە، مەخسۇس قەشقەر ۋە خوتەندىمۇ زىيارەتتە بولغان. ئۇ سەپەر ھەققىدىكى فىلىملىرىدا ئۆزى ئۇچراتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش ئادىتى ۋە مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئۇنىڭدا ئۇنتۇلماس تەسىراتلار قالدۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كىرىستوپ رېھاگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بېيجىڭدا تۇرغان مەزگىللەردە ئەتراپىدىكى خىتاي تونۇشلىرىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سەلبىي تەشۋىقاتلارنى ئىنتايىن كۆپ ئاڭلىغان. بۇ سەۋەبلىك، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كاۋاپلىرىنى يېيىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئاچقان ئاشپۇزۇللارغا بېرىپ غىزالانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە ئۇيغۇرلارغا يېقىنلاشماسلىق، ھەتتا ئۇلاردىن قورقۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغانىكەن.

كىرىستوپ رېھاگ ئەپەندى «ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتىڭىز قانداق بولغان ئىدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «راستىمنى ئېيتسام مەن بېيجىڭدا كاۋاپ يېگىلى بارىدىغان جاينىڭ ئىگىسى قازاق مىللىتىدىن ئىدى. ئۇ شىنجاڭدىن كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر ئەمەس ئىدى. بەزىدە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ كاۋاپخانىلىرىغا باراتتىم. ئەمما ئۇلار بىلەن پاراڭلاشمايتتىم، بىرنەچچە زىق كاۋاپ يەپلا قايتاتتىم. چۈنكى، مېنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دەسلەپكى تەسىراتلىرىم ياخشى ئەمەس ئىدى. مەن دەسلەپ كۆرگەن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ شەرق تەرەپتىكى شەھەرلىرىدە ئۆزگىچە تورت ساتىدىغان يەنى سوقماق ساتىدىغان ئۇيغۇرلار ئىدى. مەن 2005-يىلى بېيجىڭغا بارغان مەزگىلىمدە ئۇ نەرسىنى يېيىشتىن ۋە ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشتىن قورقاتتىم. ئەتراپىمدىكى خىتاي تونۇشلىرىم، ھەتتا چەتئەللىكلەرمۇ ماڭا ئۇلارنى ئالدامچى دەپ تەرىپلەيتتى. ئۇلار ماڭا ‹سەن ئۇ نەرسىنى يېمەكچى بولساڭ، ئۇلار ناھايىتى چوڭ بىر پارچىنى كېسىپ، سېنى ئېلىشقا مەجبۇرلايدۇ، سەندىن ئىنتايىن كۆپ پۇل ئېلىۋالماقچى بولىدۇ. ئەگەر سەن ئېلىشنى رەت قىلساڭ ئۇنىڭ بىرقانچە شايكىلىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ. ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ› دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى. شۇڭا مەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇلاردىن بىرئاز قورقاتتىم ۋە ئارىلىق ساقلايتتىم».

كىرىستوپ رېھاگ يەنە كېيىن ئۆزىنىڭ پىيادە يۈرۈش سەپىرىنى باشلىماقچى بولغاندىمۇ، ئۇنىڭ بۇ پىلانىدىن خەۋەر تاپقان خىتاي تونۇشلىرىنىڭ ئۇنى بۇ سەپىرىدە ئۇيغۇرلاردىن ئاگاھ بولۇشقا ئۈندىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى: «كېيىن مەن پىيادە سەپەر قىلىش قارارىغا كەلدىم. ئەينى چاغدا مەن شىنجاڭنى بىلمەيتتىم، چۈنكى ئۇ جايغا بېرىپ باقمىغانىدىم. مەن پىيادە سەپىرىمنى باشلاشتىن ئىلگىرى بېرىپ باققان ئەڭ غەربتىكى جاي دۇنخۇاڭ ئىدى. مەن شۇ چاغدىكى پويىز سەپىرىمدىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇچراتمىغانىدىم. كېيىن مەن پىيادە سەپىرىمنى باشلىدىم، سەنشىدىن ۋە شەنشىدىن ئۆتتۈم. كېيىنچە نىڭشيا ۋە گەنسۇغىمۇ باردىم. گەنسۇغا يېتىپ بارغىنىمدا، يەرلىك كىشىلەر مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ‹بۇ يەرلەر ھەر ھالدا ياخشى، ئەمما شىنجاڭغا بارغىنىڭدا ئۇ جايلار پايانسىز ۋە ئادەم شالاڭ، چۆل-جەزىرىلەر، ئۇ جايلار ئىنتايىن خەتەرلىك؛ ئىككىنچىدىن ئۇ يەردىكى ئادەملەردىن ئاگاھ بول. ئۇلارنىڭ مىجەزى قوپال، ئالدامچىلار كۆپ. ھەر خىل زوراۋانلىقلار يۈز بېرىشى مۇمكىن. سەن ئاگاھ بول! › دېگەنىدى. ئەمما مەن قارارىمنى بېرىپ بولغىنىم ئۈچۈن، قانچىلىك خەتەر بولاتتى دەپ قارىدىم ۋە يەنىلا شۇ لىنىيە بويىچە مېڭىشنى قارار قىلدىم. چۈنكى مەن ئۇ چاغدا ئاللىقاچان خىتايلارنىڭ بىر ئىشلارنى ئاشۇرۇپ دەيدىغان خاراكتېرىنى بىلىپ قالغانىدىم. ئۇلار باشقىلارنى ناھايىتى قورقۇنچلۇق قىلىپ تەرىپلەشكە، باشقىلار ھەققىدە جىنلار ھېكايىسىنى ئېيتىشقا ئامراق ئىدى».

ھالبۇكى كىرىستوپ رېھاگ ئۈچۈن ئارايۇلتۇز (شىڭشىڭشا) دىن قۇمۇلغىچە بولغان مۇساپىدە، ئۇنىڭغا سەپەرداش بولغان تۇنجى ئۇيغۇر بىلەن بولغان سەپەر جەريانىدىكى ئۇقۇشماسلىق كۈتمىگەن نەتىجە بىلەن ئاياغلاشقان.

ئۇ، بۇ سەپەرنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئىلگىرىكى سەلبىي چۈشەنچىلىرىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى مۇنداق قىزىقارلىق بايان قىلدى: «شىڭشىڭشادىن ئۆتسەملا قۇمۇلغا باراتتىم. بۇ سەپىرىمدە مەن شىڭشىڭشاغا بارماي تۇرۇپ، تۇنجى ئۇچراشقان سەپەردىشىم بىر ئۇيغۇر بولدى. سىزگە دېسەم، مەن دەسلەپ ئۇنىڭدىن ناھايىتى قورقتۇم. ئۇ كىشى گەنسۇنىڭ ليۇ يۈەن دېگەن بىر كىچىك بازىرىدىن شىڭشىڭشاغا بېرىش ئۈچۈن چىققان سەپىرىمدە ماڭا ئۇچرىدى. ليۇ يۈەندىن شىڭشىڭشاغا 150 كىلومېتىرچە يول بار ئىدى. بۇ يولنىڭ ھەممىسى چۆل-جەزىرە بولۇپ، ئادەم يوق ئىدى. ئەينى چاغدا مەن قول ھارۋامغا 3-4 كۈنلۈك ئوزۇقلۇقۇمنى بېسىپ يولغا چىقتىم. شۇ چاغدا 40-50 ياشلاردا بولسا كېرەك، ئىنتايىن ئاددىي بىر خۇرۇم ئاياق كىيگەن، كىيىملىرىمۇ ئادەتتىكىچە بىر كىشى، مەن بىلەن بىللە ماڭماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەن دەسلەپ ئۇنىڭ قانداق ئويى بارلىقىنى بىلەلمىدىم. ئۇ ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇردى. ئۇ ماڭا يامىدىغان خىتاي تىلى بىلەن ئۆز مەقسىتىنى ئۇقتۇرغانىدى. ئۇ سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلىتى ۋە خىتايلارغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەسلى بىر مىس كېنىغا مەبلەغ سالغانلىقىنى، ئەمما خىتايلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ، بارلىق پۇلىنى خىتايلار ئالداپ ئېلىۋېلىنغانلىقىدىن شىكايەت قىلدى. ئاندىن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغانلىقىدىن ئاغرىندى. ئاندىن ئۇ مەندىن ‹سېنىڭ يېنىڭدا قانچىلىك پۇلۇڭ بار؟› دەپ سورىدى. ئۇنىڭ ئادەمسىز بۇ چۆللۈكتە مېنىڭ پۇلۇمنى سورىشى مېنى ئەندىشىگە سالدى. ئەمما ئۇ يەنە مېنى خاتىرجەم بولۇشقا ئۈندەپ، ئۆزىنىڭ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى بولغىنى ئۈچۈن، يولدىكى ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى ۋە ھەر ۋاقىت ياردەمگە توختىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مېنىڭ پۇلۇمنى سورىغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا يېنىمدا 50 سوم خەلق پۇلى بارلىقىنى ئېيتتىم، مېنى ئەنسىرەتكىنى ئۇنىڭ مېنىڭ يېنىمدىكى پۇلغا قىزىقىشى ئىدى. كېيىن يەنە ئۇنىڭ يول بويى ئىچىدە ئايەت ئوقۇپ ئىبادەت قىلىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى سېزىشكە باشلىدىم، ئۇ ئامىن-ئامىن دەيتتى. ئەمما مەن ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى بىلەلمىدىم. مەن ئۇنى رادىكال ئىسلام تېررورچىلىرىمىكىن دەپ پەرەز قىلدىم. مەن ئۇنىڭدىن، سەن نېمە قىلىۋاتىسەن دەپ سورىدىم. ئۇ سېنىڭ پۇلۇڭنى ھېسابلاۋاتىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئۇنىڭغا، سېنىڭ مېنىڭ پۇلۇمنى ھېسابلاش ھەققىڭ يوق، بۇ مېنىڭ پۇلۇم دېدىم. مەن يەنە بۇ سېنىڭ ئىشىڭ ئەمەس، سەن مېنىڭ ئۈچۈن باش قاتۇرما، دېدىم. مەن بەكلا قورقۇپ كېتىۋاتاتتىم، چۈنكى قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغانىدى، مەنمۇ ئۇخلىشىم كېرەك ئىدى. مۇشۇ چاغدا ئۇ ماڭا، مەن ئەمدى قايتاي دېدى. مەن ئۇنىڭدىن، قانداق كېتىسەن؟ دەپ سورىدىم. ئۇ يولدا كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىللارنى توسسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ھەقىقەتەن بىر يۈك ئاپتوموبىلىنى توسۇپ توختاتتى، ئۇلار ئۇنى تونۇيدىكەن، بۇ چاغدا مەن ئۇھ. . دېدىم. مەن ئىچىمدە، بۇ ئادەم ئەمدى مېنىڭ پۇلۇمنى بۇلىمايدىغان بولدى، دەپ خاتىرجەم بولدۇم. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتتا ئۇ ماڭا قاراپ، لېي كې مەن ھېسابلاپ باقتىم، سېنىڭ يېنىڭدىكى پۇلۇڭ يەتمەيدىكەن، دېدى. ئاندىن يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى! دەل شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ مەقسىتىنى بىلدىم، ئەسلى ئۇ ماڭا پۇل بەرمەكچى ئىكەن! . . . .»

سۆھبىتىمىز مۇشۇ جايغا كەلگەندە، كىرىستوپ رېھاگ ئەپەندى، شىڭشىڭشا چۆللۈكىدە ئۆزى ئۇچراتقان تۇنجى ئۇيغۇر ھەققىدىكى بايانلىرىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى. . . ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلدى.

بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى.

«توغرا! ئۇنىڭ مېنىڭدىن قانچىلىك پۇلۇڭ بار؟ دەپ سورىشى، ئەسلىدە مەن قۇمۇلغا يېتىپ بارغىچە پۇلدىن قىينىلىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن بولغانىكەن. مەن تۇنجى ئۇچراتقان ئۇيغۇر، ئەسلىدە ئىنتايىن ياخشى بىر ئادەم ئىكەن! ئەمما مەن يول بويى ئۇنىڭدىن قورقۇپ مېڭىپتىمەن. ئىلگىرىكى چۈشەنچىلىرىم سەۋەبلىك، ئۇنىڭ كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى بىلمەسلىكىم مۇشۇنداق بىر ئۇقۇشماسلىققا سەۋەب بولغان ئىكەن».

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا گېرمانىيەلىك سەيياھ كىرىستوپ رېھاگ يەنى خىتايچە تەخەللۇسى لاۋ لېينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە ساياھىتى ھەققىدىكى سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ 1-قىسمىنى ئاڭلىدىڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.