گېرمانىيەلىك سەيياھ كرىستوف رېھاگنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە ساياھىتى (2)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.01.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Chiristoph-Rehage-5.jpg كرىستوف رېھاگن قۇمۇل سەپىرىدە، قۇمۇلغا 90 كىلومېتىر قالغاندا چۈشكەن سۈرەت، 2008-يىلى.
christophrehage.com

كرىستوف رېھاگ: «ئۇيغۇرلاردىن قورقۇشتىن ئۇلار بىلەن دوستلۇق ئورناتقىچە»

گېرمانىيەلىك سەيياھ كىرىستوف رېھاگ (Chiristoph Rehage)نىڭ 2007-يىلى باشلىنىپ 2016-يىلى ئاخىرلاشقان خىتايدىن گېرمانىيەگە قايتىش سەپىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملەر يۇتۇپ تورىدا 2009-يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە داۋام قىلغان بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان 4646 كىلومېتىرلىق پىيادە سەپىرى ھەققىدە، ئېنگىلىزچە ۋە خىتايچە تارقىتىلغان پروگراممىلارنىڭ كۆرۈش قېتىم سانى مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.

كرىستوف رېھاگ ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە، ئۇنىڭ بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان سەپىرىدە ئۇچراتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى تەسىراتلىرى ئاسساسي سۆز تېمىسى بولدى. ئالدىنقى نۆۋەت ئېلان قىلىنغان سۆھبىتىمىزنىڭ 1-قىسمىدا، ۆىرىستوفقا ئارايۇلتۇز (شىڭشىڭشا) سەپىرىدە ئۇچرىغان تۇنجى ئۇيغۇردىكى ئاقكۆڭۈللۈك ۋە سەمىمىلىكنىڭ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ئاڭلىغىنىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىڭلار.

سۆھبىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا سەيياھ كرىستوف رېھاگ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئارايۇلتۇز سەپىرىدە ئۇچراتقان تۇنجى ئۇيغۇر بىلەن بولغان بىر كۈنلۈك سەپىرىدىن كېيىن، قۇمۇل سەپىرىدە ئۇچرىشىپ دوستلۇق ئورناتقان قاتناش ساقچىسى ئابدۇۋەلى ۋە تۇرپانننىڭ تۇيۇق يېزىسىدا ئۇنى ئۆيىدە تۇرغۇزغان بىر ئائىلىلىك ئۇيغۇر بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

كرىستوف رېھاگن ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان پىچاننىڭ تۇيۇق يېزىسى، 2008-يىلى.
كرىستوف رېھاگن ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان پىچاننىڭ تۇيۇق يېزىسى، 2008-يىلى.
christophrehage.com

كرىستوف رېھاگ ئەپەندى، ئۆزىنىڭ شۇ قېتىمقى پىيادە سەپىرىنىڭ ئۇنى خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى كۆرۈش ۋە تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلدى: «مەن بېيجىڭدىكى مەزگىلدە ماڭا بېرىلگەن تەلىماتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتالمىش ‹شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرى› ۋە ‹تىبەت مۇستەقىلچىلىرى› دېگەن ئىبارىلەر ئىدى. مەن يەنە ‹ئىسلام تېرورچىلىرى›نىڭمۇ بارلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمما شىنجاڭنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى راستلا بىلمەيتىم. سىزگە دېگىنىمدەك، مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم ‹شىنجاڭ ياۋايىلار ماكانى› دېگەندەك بىر تەرەپلىمە قاراشلار ئىدى. كېيىن سىزگە دەپ بەرگەن بىرىنچى ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنى تونۇغان ئىدىم.»

كرىستوف رېھاگ ئەپەندى، پىيادە مېڭىپ ئارايۇلتۇزدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزى ئۇچراتقان ئىككىنچى ئۇيغۇر، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى قۇمۇللۇق قاتناش ساقچىسى ئابدۇۋەلى بولغان. ئۇ ئابدۇۋەلىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلىگەن يېڭىچە تونۇش-چۈشەنچىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى، ھەتتا كېيىن ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقانلىقىنى مۇنداق بايان قىلدى:

«ئۇيغۇرلاردىن ئىككىنچى تونۇشقان ئادىمىمنى ئارايۇلتۇزدا ئۇچراتتتىم. ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ، ھەقىقىي ساقچى ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ خىزمىتى يولدىن ئۆتكەن يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئېغىرلىقتىن ئاشقان-ئاشمىغانلىقى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش ئىكەن. توغرا، ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇۋەلى ئىدى. ئابدۇۋەلى ئۆ نۆۋىتىدە يەنە فوتو سۈرەت تارتىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ھەۋەسكار ئىكەن. سەپەر جەريانىمدا بىز بىللە سۆھبەتلىشەتتۇق، ئۇ مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى. نۇرغۇن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. پىيادە مېڭىپ قۇمۇلغا بارغاندىن كېيىن، ئابدۇۋەلى يەنە ئالاھىتەن كېلىپ مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى. ئۇ چاغلار دەل رامازان مەزگىلى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئابدۇۋەلى مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ ئۆزى ھېچنىمە يېمەيتى. مېنى دائىم قوغۇن-تاۋۇز ۋە ئۇ يەرنىڭ ماروژنىلىرىنى يېيىشكە تەكلىپ قىلاتتى. ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىراتى، مەن ئىلگىرى بېيجىڭدە، سەنشىدە ياكى گەنسۇدا ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلار تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر تەسىرات ئىدى.»

كرىستوف رېھاگ ئەپەندى ئۆزى دوستلۇق ئورناتقان قاتناش ساقچىسى ئابدۇۋەلىدىن كېيىن، يەنە تۇرپاننىڭ تۇيۇق دېگەن يېرىدە ئۇنى ئۆيىدە تۇرغۇزغان بىر ئائىلىلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ خىتايلارغا بولغان قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى:

«كېيىن تۇرپاننىڭ تۇيۇق دېگەن يېرىدە مەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە تۇردۇم. بۇ ئائىلىدە ماڭا ئاكا دېمەتلىك چوڭ ئوغلى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئىنىسى 4 جان بار ئىكەن. بۇ ئاكام ماڭا ئۆزىنىڭ خىزمىتى يوقلىقىنى، شىنجاڭدا خىزمەت تېپىشنىڭ تەسلىكى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ بەردى. شىنجاڭدا ئىش پورسىتى بولمىغاچقا، ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولغان ئىكەن. ئەمما ئانىسى ئۇنىڭ ئىچكىرىگە بېرىشىغا قارشى ئىكەن. مەن ئۇنىڭدىن ‹ئاپىڭىز نېمە ئۈچۈن سىزنىڭ بېرىشىڭىزغا قوشۇلمايدۇ؟› دەپ سورىدىم. بۇ چاغدا ئۇ ئوخشاشلا بىر تەرەپلىمە قارىشىنى ئىپادىلەپ، ‹ئىچكىرى ئەمەسمۇ، خىتايلار كۆپ. خىتايلار پاكىز ئەمەس، خىتايلاردىن ئالدامچىلار كۆپ، خىتايلار يۇرتى قالايمىقان، شۇڭا ئاپام ئەنسىرەيدۇ. يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى، شىنجاڭ خاتىرجەم ۋە بىخەتەر› دەپ جاۋاپ بەردى.»

كرىستوف رېھاگ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەيلى خىتايلار بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ۋە ياكى باشقا خەلقلەر بولسۇن، ئۇ شۇ قېتىمقى سەپىرى جەريانىدا، خىتايدا بىر بىرىنى يەكلەش خاھىشىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى ئاساسىي سەۋەب بولغان دەپ قارايدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغدا مېنىڭ ھېس قىلغىنىم كۆپلىگەن كىشىلەردىكى ئۆز-ئارا بىر بىرىنى يەكلەش قارىشى بولدى. ئەلۋەتتە، بىر كىچىك يېزىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ شىئەن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بارسا، ئۇ جايلار ئۇنىڭ ئۈچۈن قالايمىقان كۆرۈنىدۇ، ئۇ جايلاردا ئۇ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالمايدۇ. ئەكسىچە ئېيتقاندا، بېيجىڭ ياكى شىئەندىن يىراق چۆل-جەزىرە ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بىر كەنتكە كەلگەندىمۇ، ئوخشاشلا ناتونۇشلۇق تۇيغۇسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئاڭلاۋاتقان خەۋەرلەر ۋە ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا ئۈزلۈكسىز ھالدا ‹ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېرورچىلار، رادىكال ئىسلامچىلار› دەپ تەشۋىق قىلىنسا، سەن ئەلۋەتتە ئۆزۈڭنى خەتەر ئىچىدە ھېس قىلىسەن. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش. مەن ھېچقانچان خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ماڭا يامانلىق قىلغىنىنى كۆرمىدۈم. ئوخشاشلا مەن شىنجاڭدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ماڭا يامانلىق قىلغىنىنى ھېچ كۆرمىدىم.»

كرىستوف رېھاگ ئەپەندنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سەپىرى جەريانىدا يېزىلاردا نامرات ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى، شەھەرلەردىكى خىزمەتسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنى، ئۇششاق تىجارەت بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە تىرمىشىۋاتقان ھەر خىل ئۇيغۇرلارنى ئۇچراتقان. بۇ ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ خاتېرىسىدە ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، ئۆچمەس خاتىرىلەرنى قالدۇرغان ئىكەن.

ھالبۇكى، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە سەپىرى جەريانىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ قاتتىق ھىمايە قىلىدىغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى چەكسىز ساداقەت بىلەن بىجا كەلتۈرىدىغان يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۇچراتقان. ئۇ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بۇ زېمىندا بىر قىسىم يەرلىك كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان بۇ خىل ساداقىتىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ سەپەر جەرىيانىدا ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغىنىدا، دەسلەپ ئۆزىگە ياردەم قىلىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلغان بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ ئەكسىچە ئۆز خىزمىتىنى خىتايلاردىنمۇ ئاشۇرۇپ ئورۇنلايدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر ساقچى ئۇنى ئەڭ قاتتىق ۋاستىلەر بىلەن سوراق قىلغىنىدا، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىدىغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭلا نىسبەتەن ياخشى كۈن كەچۈرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىكەن.

سۆھبىتىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.