گېرمانىيەلىك سەيياھ كرىستوف رېھاگنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە ساياھىتى (3)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.02.01
Chiristoph-Rehage-2.jpg Youtube، Twitter قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايچە لېيكې (雷克)، لاۋ لېي (老雷) تەخەللۇسلىرى بىلەن تونۇلغان گېرمانىيەلىك سەيياھ كىرىستوپ رېھاگ (Chiristoph Rehage) ئۇيغۇر بالىلار بىلەن.
christophrehage.com

كىرستوف رېھاگ: «خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ كۆردۈم»

گېرمانىيەلىك سەيياھ كرىستوف رېھاگ (Chiristoph Rehage) رادىيومىز بىلەن ئۆتكۈزگەن ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق سۆھبەتتە، 2007-يىلىدىن 2016-يىللىرى ئارىلىقىدا بېيجىڭدىن گېرمانىيەگە پىيادە قايتىش سەپىرىدە، خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرلارنى كۆرگەنلىكىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەپ ئۆتكەن ئىدى.

سۆھبىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، كرىستوف رېھاگ ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سەپىرى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى چەكسىز ساداقەت بىلەن ئورۇنداۋاتقان يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىمۇ كۆرگەنلىكىنى ئاڭلاتتى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان بۇ زېمىندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساداقەت بىلەن ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭلا ياخشى كۈن كەچۈرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كرىستوف رىھاگ ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەردىكى كۆچمەن خىتايلار بىلەن يەرلىك خەلقلەر ھەققىدىكى ئىلگىرىكى قاراشلىرىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى:

«مەن ئىلگىرى خىتايلار شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزىنى ناھايىتى چوڭ تۇتىدۇ دەپ بىلەتتىم. مېنىڭ نەزەرىمدە ئۇلار مۇستەملىكىچى مىللەت بولغاچقا، ئۇلاردا ئۆزىنى يۇقۇرى ئورۇنغا قويۇدىغان ۋە راھەت ياشايدىغان كىشىلەر كەيپىيات مەۋجۇت دەپ بىلەتتىم. شەخسىي تەسەۋۋۇرۇمدا ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ئۇ يەردىكى قازاقلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئورنى تۆۋەن، ئۇلار راھەتسىز ياشايدۇ دەپ بىلەتتىم. ئەمما مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋالنىڭ مۇتلەق ئۇنداق ئەمەسلىكىنىمۇ ھېس قىلدىم. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ياخشى ياشايدىكەن. ئۇلار ماڭا بۇ ھاكىمىيەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋالغاندەك، بۇ ھاكىمىيەتكە ماسلىشىۋاتقاندەك بىلىندى. مەن كۆرگەن ھۆكۈمەت كادىرلىرى ياكى ساقچىلار بولسۇن، ماڭا ئۇلار بۇ ھاكىمىيەتنى ئىنتايىن قوللايدىغاندەك كۆرۈندى.»

ئۇ سەپەر جەريانىدا، ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈشكە يولۇققان بىر كەچمىشىنى تۆۋەندىكىدەك ھىكايە قىلدى: «بىر قېتىم مەن شىنجاڭدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىندىم. شۇ چاغدا بەزى كىچىك ئىختىلاپلار يۈز بەرگەن ئىدى. ئۇلارغا قىلغان قوپال مۇئامىلەم سەۋەبلىك ئۇلار مېنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر مېھمانخانىغا سولاپ قويدى. مېنىڭ بارلىق ھۆججەت ۋە نەرسىلىرىمنى تەكشۈرىمىز دەپ ئېلىپ كېتىشتى. مېنى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى خىتاي، يەنە بىرى ئۇيغۇر ئىدى. ئۇلار قارىماققا يۇقۇرى دەرىجىلىك ساقچىلاردەك قىلاتتى.»

كرىستوف رېھاگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دەسلەپ ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئۇيغۇر ساقچىنى كۆرگەندە ئۇنى ئۆزىگە ياردەم قىلىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىشلار پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولغان ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا مەن ئۇيغۇر ساقچىنى كۆرگىنىمدە، ئۇ ماڭا ياردەم قىلارمۇ، ھېچ بولمىسا ماڭا بىراز يۇمشاقراق مۇئامىلىدە بولارمۇ دەپ ئۈمىدلەنگەن ئىدىم. مەن كۆڭلۈمدە بىر چەت ئەللىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارنىڭ يېرىگە كەلدىم، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ ياخشى بولمىغان بىر تەرىپى بىلەن ئۇچراشتىم، مەن ئۇلارنىڭ ساقچىلىرىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدۇم، شۇڭا ئۇلار مېنى تۇتقۇن قىلدى، دەپ ئويلايتىم. ئۇ ئۇيغۇر ساقچىنى ماڭا يۇمشاقراق ۋە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلغان ئىدىم. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىدى! ئۇمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا قوپال ۋە رەھىمسىز ئىدى. مەن شۇ چاغدىلا، ‹ھە ئىشلار ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە› دەپ قويدۇم. كۆڭلۈمدە بولسا، ‹سەن بىر ئۇيغۇر تۇرۇقلۇق، شۇنداق قىلامسەن؟› دېگەن ئوي كەچكەن ئىدى. بۇ مېنىڭ ئەينى چاغدىكى كۆزىتىشىم ئىدى.»

كرىستوف رېھاگ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بىر چەت ئەللىك بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بۇ زېمىندا بۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان بۇ قەدەر ساداقىتىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ۋە بۇنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىدى:

«مەن بىر چەت ئەللىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ قىلمىشلارنى تازا چۈشىنەلمىدىم. مەن ئۇلارنى كۆرگىنىمدە، ‹سەن بۇ ھاكىمىيەتنى مۇشۇنداق قوللىغان ۋاقتىڭدا، ئۆز مىللىتىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن بولمامسەن، شۇنداقمۇ؟› دېگەن ھېسسياتتا بولدۇم.»

كرىستوف رېھاگ ئەپەندى، بېيجىڭدىن گېرمانىيەگە پىيادە قايتىش سەپىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن «ئۇزۇن يول» ناملىق كۆپ قىسىملىق پروگراممىسىدا، «خىتاي ئىچىدىكى سەپىرىمدە غەربكە ماڭغانسېرى، ماڭا بولغان تەكشۈرۈشلەر چىڭىپ باردى. 2007-2008-يىللاردىن كېيىنكى سەپەرلىرىمدە، سىياسىي ۋەزىيەت تېخىمۇ چىڭىپ كەتتى» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى.

پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىملىرى داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.