گېرمانىيەلىك سەيياھ كىرىستوف رېھاگنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە ساياھىتى (4)
2023.02.02
4. «خىتايدىكى سەپىرىمدە غەربكە ماڭغانسېرى تەكشۈرۈشلەر چىڭىپ كەتتى»
گېرمانىيەلىك سەيياھ كىرىستوپ رېھاگ ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت جەريانىدا، ئۇ 2008-يىلى 8-ئايدىكى «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى» مەزگىلدىكى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرۇپ، «خىتايدىكى سەپىرىمدە غەربكە ماڭغانسېرى تەكشۈرۈشلەر چىڭىپ كەتتى» دېدى. ئۇ يەنە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، 2010-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى 2-قېتىملىق سەپىرىنى، «ھەممە جاينى تولۇق قوراللانغان ساقچىلار قاپلىغان ئىدى» دەپ تەرىپلىدى. ئۇ ئۆز كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپ، «چەتئەللىكلەر ئۈچۈن مەخسۇس ياتاق تەسىس قىلىنىپتۇ، مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، ياكى خىتاي بولسۇن، كىملىكىدە «شىنجاڭلىق» بولسىلا، خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ياتاق بېرىلمەيدىكەن. كىشىلەر ۋەزىيەت ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن قورقاتتى» دەپ تەرىپلىدى.
كىرىستوپ رېھاگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2007-يىلى 11-ئايدا بېيجىڭدىن گېرمانىيەگە پىيادە قايتىش سەپىرىنى باشلىغىنىدا، خىتايدا زىيارەتتە بولغان چەتئەللىكلەرگە نىسبەتەن ۋەزىيەت بىرقەدەر ئەركىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ غەربىي رايونغا ماڭغانسېرى، ئۇنىڭغا بولغان تەكشۈرۈش ۋە چەكلىمىلەرنىڭ بارغانچە چىڭىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان.
كرىستوپ رېھاگ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن 2007-يىلى پىيادە سەپىرىمنى باشلىدىم. ئۇ چاغلار تېخى شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللار ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ مەزگىلدە پۈتكۈل خىتاي باشقۇرۇش نىسبەتەن كەڭرى، بىرقەدەر ئېچىۋېتىلگەن ھالەتتە ئىدى. ئۇ چاغلاردا مەن بېيجىڭدا، شاڭخەيدە، گۇاڭجۇدا بولسۇن ۋە ياكى قەيەردە ساياھەتتە بولاي، قايسى مېھمانخانىدا تۇرغۇم كەلسە شۇ يەردە تۇرالايتتىم. ئادەتتىكى مېھمانخانىلاردىن 2-3-دەرىجىلىك مېھمانخانىلار ۋە ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنىڭ ھەممىسىدە تۇرالايتتىم. ئۇلاردىن‹چەتئەللىكلەر تۇرسا بولامدۇ؟› دەپ سوراش ھاجەتسىز ئىدى. ئەمما مەن مېڭىپ گەنسۇغا كەلگىنىمدە، تۇنجى قېتىم لەنجۇدا مېھمانخانىدا تۇرماقچى بولغىنىمدا، ئۇلار مېنى‹كەچۈرۈڭ ئەپەندىم بۇ چەتئەللىكلەر ئۈچۈن ئېچىلغان مېھمانخانا ئەمەس، سىز چەتئەللىكلەر تۇرىدىغان مېھمانخانىغا بېرىڭ› دەپ رەت قىلدى. مەن ھەيران قېلىپ، ‹چەتئەللىكلەر تۇرىدىغان مېھمانخانا دېگىنىڭىز قانداق جاي؟ مېنىڭ پۇلۇم يەتمىدىمۇ؟› دەپ سورىدىم. ئۇلار ماڭا، ‹بىزنىڭ بۇ جاينىڭ چەتئەللىكلەرنى كۈتۈۋېلىش سالاھىتىمىز يوق› دەپ جاۋاب بەردى. شۇ چاغدا مەن تۇنجى قېتىم، بۇ يەر باشقا جايلارغا ئوخشىمايدىكەن، دېگەن ھېسسىياتتا بولدۇم. غەربكە ماڭغانسېرى بۇ خىل ئەھۋاللار كۆپىيىشكە باشلىدى. ئەلۋەتتە، بۇ چاغدا ئۇلار يېزىلاردا تېخى بۇ خىل باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ بولالمىغانىدى. ئۇ چاغلاردا تېخى پۈتكۈل گەنسۇ ياكى شىنجاڭدىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلمىغان ئىدى. ئەمما ناھىيەلەر ۋە شەھەرلەردە ئەھۋال يەنىلا ئوخشىمايتتى. ئۇ يەرلەردە قايسى مېھمانخانىدا تۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى سوراشقا توغرا كېلەتتى».
كىرىستوپ رېھاگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، ئۇ 2010-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا 2-قېتىملىق پىيادە سەپىرىنى باشلىغىنىدا ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي ھالەتكە يەتكەن. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆرگىنى، «ھەممە جاينى تولۇق قۇراللانغان ساقچىلار قاپلىغان، كوچىلاردا ساقچى ئاپتوموبىلى ھەتتا تانكىلار چارلاپ يۈرگەن» مەنزىرە بولغان.
ئۇ ئەينى چاغدا ئۆزى كۆرگەن ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى ۋە پىيادە بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى مۇنداق تەرىپلىدى:
«ئەمما 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئەھۋال ئۆزگەردى. راھەتسىزلىكنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. 2-قېتىم بارغان ۋاقتىم 2010-يىلى ئىدى. ئۇ چاغ 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى مەزگىل ئىدى. ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە يېرىنى قوراللىق ساقچىلار قاپلىغانىدى. ھەر بىر تاللا بازىرىغا كىرگىنىڭىزدە سومكىلارنى ئېچىپ تەكشۈرەتتى. ھەر بىر ئىشىكتە قوراللىق ساقچىلار پوستا تۇراتتى. يەنە كېلىپ ئۇلار تولۇق قوراللانغان قوراللىق ساقچىلار ئىدى. پۈتكۈل شەھەرنى ساقچى ماشىنىلىرى قاپلىغانىدى. ھەتتا ھەربىيلەر ئىشلىتىدىغان تانكىلارمۇ كوچىلاردا چارلاپ يۈرەتتى، ئۇلار قاتناش يوللىرىدىمۇ ئۇچراپ تۇراتتى. مەن پىيادە سەپىرىم جەريانىدا، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇلارنىڭ يول توسۇپ پاسپورت ۋە باشقا ھۆججەتلىرىمنى تەكشۈرۈشىگە ئۇچراپ تۇردۇم. ئەنە شۇ چاغدا مەن شىنجاڭدىكى باشقۇرۇش ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن قاتتىق ئىكەن دېگەن ھېسسىياتقا كەلگەن ئىدىم».
كىرىستوپ رېھاگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەيلى 2008-يىلدىكى پىيادە سەپىرىدە بولسۇن، ياكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنكى ئۇيغۇر دىيارى سەپىرىدە بولسۇن، ئۆزى يولۇققان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللاردىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن.
ئۇ سەپىرىدە تونۇشۇپ، دوست بولغان بىر خىتاي كىشىنىڭ ئۆزىنى «شىنجاڭلىق» دەپ تەرىپلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنى ماختاپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ھەرقانداق تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى مۇنداق ھېكايە قىلىپ بەردى: «مېنىڭ ئۇ يەردە ناھايىتى ياخشى دوست بولغان بىرقانچە خىتاي تونۇشلۇرۇممۇ بار. مەسىلەن بىر تاغا يوللۇق دوستۇمنى ئېيتسام، ئۇ 50-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەشتە خېنەندە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن 15 ياشلىق بىر بالا مەزگىلىدە شىنجاڭغا كەلگەنىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ شىنجاڭلىق بولغىنىدىن پەخىرلىنىدىكەن. ئۇنىڭ شىنجاڭغا مۇھەببىتى بار ئىكەن. ئۇنىڭدا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار، تۇڭگانلارغا نىسبەتەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتايلاردەك تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسى ئىپادىلەنمەيتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان چېغىمدا، ئۇ‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشپوزۇللىرىنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇلار پاكىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىلىرى خىتايلار ئاچقان ئاشخانىلاردىن پاكىز› دەپ تەرىپلەيتتى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ دوست تۇتۇشتا ئايرىمىچىلىق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا، ئۇ دائىم مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى تېمىلاردىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا‹بۇ يەردە مىللىي مەسىلىلەر بارغۇ؟› دېگىنىمدە، ئۇ‹بۇلارنى دېيىش ئەپسىز› دەيتتى، چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ قورقۇپ قالغاندەك قىلاتتى».
كىرىستوپ رېھاگ ئەپەندى يەنە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن بۇ كىشى بىلەن ئۇچراشقان چاغدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە قېتىملىق سۆھبەتنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «كېيىن ئۇ يەنە ئۆزى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ساياھەتتە بولغىنىدا، ئۇنىڭغىمۇ شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا مېھمانخانىلاردا ياتاق بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ گەرچە خىتاي بولسىمۇ، ئەمما كىملىكىدە شىنجاڭلىق دەپ يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، ‹كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، بىزنىڭ بۇ يەردە ئادەم توشۇپ كەتتى› دەپ رەت قىلىنغانىكەن. مەن 2008-يىلى، 2010-يىلى ۋە 2012-يىللاردىكى سەپىرىمدە ئۇنى ئۈچ قېتىم ئۇچراتتىم. 1-قېتىم 2008-يىلى ئۇچراتقانىدىم. 2010-يىلى ئۇنى كۆرگىنىمدىمۇ ئۇنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى تۇيغۇسى ئۆزگەرمىگەنىكەن. ئۇيغۇرلارغا بولغان قارىشىمۇ ئۆزگەرمىگەنىكەن. ئەمما ئۇ ھەرقاچان بۇ تېمىلاردىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. مەسىلەن 2008-يىلىدىكى مەزگىلدە، ئۇ مىللىي زىددىيەت ھەققىدە سۆزلەشنى خالىمايتتى، شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدىكى گەپلەردىن، سىياسىي تېمىلاردىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. 2010-يىلدىن كېيىن يەنى ‹5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى› دىن كېيىن، 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز ئېچىشنى خالىمايتتى. ئۇ ماڭا‹لېي كې، بىز باشقا پاراڭلارنى قىلىشايلى، بۇ تېمىدا سۆز ئېچىش ئەپسىز› دەيتتى. چۈنكى ئۇ قورقاتتى».
كىرىستوپ رېھاگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ سەپەر جەريانىدا ئۇچراتقان كىشىلەردىن مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، مەيلى تۇڭگان ياكى خىتايلار بولسۇن، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ساقچى خادىملىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۆزىدەك بىر چەتئەللىككە يېقىنلىق قىلىدىغانلىقى ۋە كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بەزىدە مەن ئۇلارنىڭ سۆزلەش ئىستىگىنىڭ شۇنداق كۈچلۈكلۈكىنى سېزىمەن.
ئۇلارنىڭ نۇرغۇن سۆزلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە ساقلىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. ھەممىسىلا مېنى شۇنداق تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. خىتايلار بولسۇن، تۇڭگانلار بولسۇن، ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى قازاقلار بولسۇن، قايسى مىللەت كىشىلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر چەتئەللىككە يۈرەك سۆزلىرىنى قىلىشنى خالايتتى. ئۇلار قارىماققا ئۆز-ئارا ئىشەنمەيدىغاندەك كۆرۈنەتتى. ئەمما ئۇلار مېنىڭ بىر گېرمانىيەلىك ساياھەتچى ئىكەنلىكىمنى جەزىملەشتۈرەلىگەن چېغىدا، بۇ كىشىدىن خاتىرجەم بولسام بولىدىكەن، كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلسام بولغۇدەك دېگەن ھېسلارغا كەلسە كېرەك دەپ ئويلايمەن».
ئۇ 2010-يىلىدىكى ئۇيغۇر دىيارى سەپىرىدە، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مېھمانخانىغا سولانغىنىدا، ئۇنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاڭ فامىلىلىك پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي ساقچى بىلەن بولغان 3 كۈنلۈك سۆھبەت ھەققىدىكى تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«ئۇ، 2010-يىلى يۈز بەرگەن ۋەقە ئىدى. ئۇلار مېنى تۇتۇۋالدى. مېنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن مېھمانخانىغا سولاپ بىرقانچە كۈن تەكشۈردى. ئۇلار مەن ئۈچۈن ۋاڭ فامىلىلىك بىر ساقچىنى ئورۇنلاشتۇردى. مەن دەسلەپ ناھايىتى قورقۇنچ ئىچىدە قالدىم. چۈنكى بىر مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەتتە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق ئىدى. دەسلەپ مەن ھەقىقەتەن ئۇ كىشىدىن ئىنتايىن قورققانىدىم. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ، مەن بىلەن چاي سۆھبىتى قىلاتتى. مەندىن‹سىز تەيۋەنگە بارغانمۇ؟ سىز شىزاڭغا بارغانمۇ؟ سىز ئۇيغۇرچە بىلەمسىز؟ بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىڭىز؟ ئاتا-دانىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟ سىز جۇڭگو تارىخنى چۈشىنەمسىز؟ سىز بىزنىڭ رەئىسىمىز ماۋغا قانداق قارايسىز؟› دېگەندەك سوئاللارنى سورايتتى. ئۇ چاغدا مەن ئۇنىڭغا يالغان گەپ قىلىشنىمۇ ئويلىغانىدىم، يەنى مەن ماۋ زېدوڭنى ياخشى كۆرىمەن، شىزاڭ( تىبەت ) مۇستەقىلچىلىرى بەكلا رەزىل دەپ جاۋاب بېرىشنى ئويلىغانىدىم. ئەمما كېيىن بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇنداق سۆزلەرگە ئۇنىڭ ئىشىنىشىمۇ ناتايىن ئىدى. ئۇ ئۇنداق دۆتمۇ ئەمەس ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا راست گېپىمنى قىلدىم. مەن ئۇنىڭغا: ‹كىمنىڭ مۇستەقىل بولماقچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. بۇلار مەن قارار بېرىدىغان ئىشلارمۇ ئەمەس. ئەمما مەن سىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممە يەرنى ساقچىلار ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر قاپلاپ كېتىپتۇ. سەن ئۇ يەرگە ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى ئەكىرسەڭ راستلا مۇۋاپىق ئەمەس›، دېدىم. بۇ كىشى مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماڭا خاپا بولۇپ كەتمىدى، سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنىمۇ ئىپادىلىمىدى. ئەكسىچە سۆھبىتىمىز تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى ئېيتىشقا باشلىدى. ئۇ 9 ياشلىق قىزىنىڭ پىئانىنو ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، قىزىنىڭ يەنە ئىنگلىزچە ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەم كەلگۈسىدە قىزىنى چەتئەلگە چىقىرىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنە شۇ چاغدا مەن ئىچىمدە، ھەتتا سەنمۇ شۇنداق ئويلايدىكەنسەندە دېدىم. مەن ئۇ چاغدا ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي بىلەن 3 كۈن سۆھبەتلەشكەنىدىم. ئۇ يامان كىشىدەك قىلمايتتى. مەن ئۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن تەيۋەن ھەققىدىكى، تىبەت ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئېيتقانىدىم. ئۇمۇ ماڭا بالىسىنى چەتئەلگە چىقارماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى».
كىرىستوپ رېھاگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە دېيەلمەيدىغان بەزى ئىچكى سىرلىرىنى، ئۆزىگە ئوخشاش بىر چەتئەللىككىلا دېيەلىگەنلىكىدىن، بۇ دۆلەتتىكى مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ كىشىلەرنى نابۇت قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانىكەن.
بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز ئۇنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.
«ئەپسۇس، ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇس! ئەپسۇسلىنارلىقى سېنىڭ تۈزۈمىڭ مۇشۇنداق بىر تۈزۈم بولغانلىقىدا. مېنىڭچە ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ يەردىكى ئەھۋال ياخشىراق بولغان بولاتتى. ئۇ كىشىلەر پەقەت ئۆز ۋەزىپىسىنىلا ئادا قىلغۇچىلار ئىدى. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ساغلام بولمىغان بىر تۈزۈم ئاستىدا ئىشلەۋاتقانلار، ئائىلىسىنى بېقىۋاتقانلار ئىدى. ئەگەر ئۇلار باشقا بىر جەمئىيەتتە ياشىغان بولسا، بەلكىم ئۇلار پۈتۈنلەي نورمال كىشىلەردىن بولۇشى مۇمكىن ئىدى».
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.