گېرمانىيەلىك سەيياھ كرىستوف رېھاگنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە ساياھىتى(6)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.02.08
Chiristoph-Rehage-2.jpg Youtube، Twitter قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايچە لېيكې (雷克)، لاۋ لېي (老雷) تەخەللۇسلىرى بىلەن تونۇلغان گېرمانىيەلىك سەيياھ كىرىستوپ رېھاگ (Chiristoph Rehage) ئۇيغۇر بالىلار بىلەن.
christophrehage.com

«مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى ۋە 5-ئىيۇلدىن كېيىن مەن كۆرگەن مىللەتلەر ئارا ئىشەنمەسلىك»

گېرمانىيەلىك سەيياھ كرىستوف رېھاگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە سەپىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىغا ئوخشىمايدىغان ئاددىي ساپ نىيەتلىك ئۇيغۇرلارنى ۋە رايوندىكى نىسبەتەن تىنچ ۋەزىيەتنى كۆرگەن. ئەمما ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا بىر بىرىگە ئىشەنمەسلىك، كەمسىتىش ھەتتا ياخشى كۆرمەسلىكنىڭ ئاشكارا ئىپادىلىرىنىمۇ ھېس قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يامان كۆرسىتىش تەشۋىقاتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە نەتىجىسى ئىكەن. ئۇ بۇنى، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئارا زىديەت سېلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشى، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەڭ ئاسان باشقۇرۇش ئۇسۇلى» دەپ تەرىپلىدى.

گېرمانىيەلىك سەيياھ كرىستوپ رېھاگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتايدىكى 4646 كىلومېتىرلىق پىيادە سەپىرىدە 2012، 2010، 2008 ۋە 2016-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا بىرقانچە قېتىملىق پىيادە سەپەردە بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدىن پەرقلىق بولغان ئۇيغۇر دىيارىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن.

بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە ئۇ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە سەپىرىدىكى دەسلەپكى ۋە كېيىنكى تەسىراتىدىكى پەرقلەرنى مۇنداق بايان قىلدى: «مېنىڭ نەزىرىمدە، ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، قازاقلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، دوڭشاڭ مىللىتى ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇم تارتىۋاتقان، كۆرۈۋاتقان كۈنىمۇ ياخشى ئەمەس كىشىلەر ھېسابلىناتتى. ھېس قىلىشىمچە، ئۇلار چوقۇم مەلۇم بىر مىللەت كىشىلىرى بىلەنلا چەكلەنمەيتتى. بۇ مېنىڭ شىنجاڭدا دەسلەپ بايقىغانلىرىم ئىدى. شۇ چاغدا ھېس قىلىشىمچە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنچە چوڭ مىللىي زىدديەتمۇ يوق ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى كەمسىتىدىغان، بىر بىرىنى ئۆچ كۆرىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ كۆرمىگەنىدىم. شۇڭا شىنجاڭ يامان ئەمەس ئىكەن دېگەن تۇيغۇدا بولغانىدىم. ئۇ چاغدا ماڭا خىتايلارمۇ، باشقا مىللەتلەرمۇ ئوخشاشتەك بىلىنگەنىدى. ئەمما كېيىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگەردى. 2010-يىلى، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى› دىن بىر يىلدىن كېيىن، بىز كۆرگەن ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا نورمال ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئوبرازى پۈتۈنلەي قايرىپ قويۇلغانىدى. تەشۋىقاتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى ئارتىس چولپانلار ئىدى. ئۇلار گۈزەل قىزلار، قاملاشقان يىگىتلەر ئىدى. تەشۋىقاتلاردا ئۇيغۇرلار، ناخشا ئېيتىۋاتقان ياكى ئۇسۇل ئويناۋاتقان ھالەتتە تەرىپلىنەتتى. ياكى سوقماق ساتىدىغان ئالدامچى باققاللار ۋە ياكى ئوغرى-يانچۇقچى ھەتتا تېررورچى قىلىپ تەرىپلىنەتتى. ئەمما تەشۋىقاتلاردا نورمال ئۇيغۇرلار ئوبرازى كۆرۈنمەيتتى. ماڭا بەرگەن تەسىرى رايوندا خىتايلار، تۇڭگانلار، ئۇيغۇرلار ياكى قازاقلار بولسۇن، ھەممىسىدىلا ئۆز-ئارا بىر بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنىدى».

ئۇ، 2010-يىلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر دىيارى سەپىرىدە، خىتايلاشقان ئۈرۈمچىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇ يەردە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆرۈنۈشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئېھتىياجىغا ئاساسەن ياسالغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «2010-يىلى، يەنى ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› دىن كېيىن مېڭىپ ئۈرۈمچىگە كەلدىم. بۇ چاغدا ھەممە جاينى قوراللىق ساقچىلار قاپلىغانلىقىنى، ھەممە جاينىڭ خىتايلىشىپ كەتكىنىنى ھېس قىلدىم. مەن تۆمۈريول ئىدارىسى تەرەپكە ۋە چوڭ بازارغا باردىم. ھېس قىلغىنىم ھەممىسىدىلا ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئويۇن قويۇپ بېرىشكىلا تەييارلانغاندەك ھالەتنى سەزدىم. ئۇ يەردە كۆرسىتىلىۋاتقان مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلەرمۇ تەبىئىي ئەمەس ئىدى، ساياھەتچىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈنلا تەييارلانغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇلار مەن يولدا كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە پەقەت ئوخشىمايتتى. شۇڭا چىنلىق تۇيغۇسىمۇ بەرمەيتتى. شۇڭا مەن پۈتكۈل ئۈرۈمچىدە خىتايلار كۆپ ئىكەن، دېگەن تۇيغۇدا بولدۇم. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئاغرىدى. ھەقىقەتەنمۇ ئېچىندىم».

ئۇ ئەينى چاغدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتلىرىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرىپلەنسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە توردا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى، كىشىلەردە سۆز قىلىشتا ئېھتىيات قىلىدىغان، مىللەتلەر ئارا ئايرىمىچىلىق قىلىدىغان، بىر بىرىگە ئىشەنمەيدىغان، ئۆز-ئارا بىر بىرىنى كەمسىتىدىغان كەيپىياتىنى ئېنىق ھېس قىلغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە ئۆزى يولۇققان ئەھۋاللار ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى:

«ئۇ، چاغدىكى ئىككى ۋەقەنى مەن ئۇنىتالمىدىم. مېنىڭ ئۇ يەردە بىر خىتاي دوستۇم بار ئىدى. ئۇ تۆمۈريول ئىدارىسى تەرەپتە ئىشلەيدىكەن. ئۇ مېنى سامسا يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. سامسىخانىنى بىر تۇڭگان ئاچقانىكەن. ئۇ يەردە مەريەم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزچاقنى ئۇچراتتۇق. ئۇ قىز ئاتا-ئانىسى بىلەن بارغاندەك قىلمايتتى، ئەمما ئۇ تۇڭگان خوجايىننىڭ تونۇشىدەك ياكى دوستىنىڭ بالىسىدەك قىلاتتى. ئۇ، كىچىك قىز بىزگە بىر ناخشا ئېيتىپ بەردى. ناخشا بالىلار قوشىقى بولۇپ، مەزمۇنى بىرەيلەن قويغان ساقال توغرىسىدىكىدەك قىلاتتى. مەن ئۇ قىزچاقنىڭ ناخشىسىنى ئۈنگە ئېلىۋالدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ چاغدا مەن ئۇنى ئۈندىدار سالونىغا يوللىدىم. ئەمما ئۇ ناخشا ئۈندىداردىن ئۆچۈرۈۋېتىلدى. گەرچە ئۇ بىر ئۇيغۇر قىزى يەنى 8-9 ياشلاردىكى بالا ئېيتقان ناخشا بولسىمۇ، ئەمما ئۈندىدار سالونى ئۇ ناخشىنى سىغدۇرالمىدى. ئۇ ئەسەر ئۈندىداردىن چەكلەندى. بىلەمسىز مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ ھەيران قالدىم. مېنىڭ ئەسلى ئويلىغىنىم، مەن تاغا دېمەتلىك بىر خىتاي دوستۇم بىلەن تۇڭگاننىڭ ئاشخانىسىدا تاماق يېدۇق، ئۇ يەردە بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىدۇق، بۇ ئەسلى كومپارتىيە تەشۋىقاتىدىكى 56 مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى دېگەن تەشۋىقاتىغا تولىمۇ ئۇيغۇن كېلەتتى. نەزىرىمدە بۇنىڭ ئىنتايىن چوڭ تەشۋىقات قىممىتىمۇ بار ئىدى. ئەمما كومپارتىيە بولسا، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان زاكاز فىلىملەرنى ياخشى كۆرەتتى. مېنىڭ يوللىغىنىم بولسا ئۇنداق مەخسۇس زاكاز قىلىنغان فىلىم ئەمەس ئىدى. مېنىڭ يوللىغىنىم، كۆرگەنلىرىمنى ئىختىيارىي ھالدا سىنغا ئېلىپ ئىشلىگەن فىلىم ئىدى. شۇڭا كومپارتىيە ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويمىغان بولسا كېرەك. مەن بۇنى بەكلا يولسىزلىق دەپ ئويلىدىم. ئەسلى ئۇ نەرسە ئۇ يەردە تۇرۇۋەرسە ناھايىتى ياخشى بولاتتى. ئۇنىڭ ھېچكىمگە زىيىنى يوق ئىدى. چۈنكى ئۇ سەن بىر چەتئەللىككە زاكاز بېرىپ، ئالدىن-ئالا ئورۇنلاشتۇرغان كۆرۈنۈش بولماستىن، ئۇنىڭ ئۆزى بېرىپ كۆرگەن ھەقىقىي ئەھۋال ئىدى. ئۈرۈمچىدە ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى›دىن كېيىن ئۇنداق بىر مەنزىرە بولسا، تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمىدى؟ ئۇنى تەشۋىق قىلىش كېرەك ئىدىغۇ؟ ئەمما ئۇنىڭ جاۋابى ‹ياق› دېگەنلىك بولدى. ئۇندىن باشقا مېنىڭ فىلىم ھەققىدىكى ئىزاھاتىمدا ئىشلىتىلگەن ‹ئۇيغۇر› ياكى ‹مەريەم› دېگەن سۆزلەرنىڭ سەۋەبىدىنمۇ ئۇلار ئۇنى قوبۇل قىلالمىدى بولغاي. مەن بۇنىڭغا بەكلا ھەيران قالدىم. شۇ چاغدا ئويلىغىنىم، ھەتتا ئاشۇ فىلىممۇ چەكلەنگەن تۇرسا، ئۇيغۇرلار يەنە نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ دېگەنلىك بولدى».

كرىستوپ رېھاگ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى سانجىغا يېقىن بىر تۇڭگان ئاشپۇزۇلىدا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئايالنىڭ بالىسى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىگە قارىتا، باشقا بىر ئاز مىللەتتىن بولغان ئەر-ئايالنىڭ، ئۇيغۇرلارغا بولغان پوزىتسىيەسى ئۇنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنتالمىغان 2-ۋەقە ھەققىدە توختىلاي. ئۇ ئۈرۈمچىنىڭ شىمالى تەرىپى ياكى سانجىغا يېقىن جاي بولسا كېرەك، 2010-يىل ياكى 2012-يىلدىكى ۋەقە ئىدى. مەن بىر كىچىك ئاشپۇزۇلدا تاماق يەۋاتقانىدىم. ئاشخانىدا مەندىن باشقا يەنە ئىككىيلەن يەنى بىر جۈپ ئەر-ئايالمۇ تاماق يەۋاتقان ئىدى. ئاشخانا خوجايىنى تۇڭگان بولسا كېرەك. شۇ چاغدا ئاشخانىغا بىر ياشانغان ئايال كىرىپ كەلدى. ئۇ ئايال مەن بىلمەيدىغان بىر تىلدا، كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ھالدا، شىكايەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇ قولىدا بىر ياش ئەرنىڭ رەسىمىنى تۇتۇۋالغانىدى. ئۇ سۆزلەپ بولۇپ كېتىپ قالدى. مەن ئۇ ئىككىيلەندىن ‹بۇ ئايال كىم ئىكەن؟ ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟›دەپ سورىدىم. ئۇلار ماڭا چۈشەندۈرۈپ، ‹ئۇ بىر ئۇيغۇر موماي ئىكەن، ئۇنىڭ بالىسى تۇتقۇن قىلىنغاندەك قىلىدۇ. ئۇ بۇ يەردە شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ‹لۈكچەك ساقچىلار بالامنى تۇتۇپ كەتتى دەيدۇ›، دېدى. مەن ئۇلاردىن، ‹سىلەر بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟›دەپ سورۇدۇم. بۇلار ئۇ چاغدا چۈشەندۈرۈش بېرىپ: ‹ئۇلار ئۇيغۇرلار، بىزگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار دائىم ئىش چىقىرىدۇ. بىز نىسبەتەن تىنچ خەلق، ئىش چىقارمايمىز›، دەپ جاۋاب بەردى. شۇ چاغدا مەن ھەيران قالدىم. ئىچىمدە ‹ھە ئەسلى مۇنداق ئىكەندە›، دەپ قويدۇم. ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىدىن يەنە بىر دەرىجە تۆۋەن دەپ قاراشمۇ قانداق؟ مەن ھەيران قالدىم. ئەمما بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا سولاندى. شۇ چاغدا بۇ ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغانىدى».

كرىستوپ رېھاگ ئەپەندى سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزى ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەن، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا بىر بىرىگە ئىشەنمەسلىك، كەمسىتىش ھەتتا يامان كۆرۈش كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋالدىن ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر مىللەتلەر ئارىسىدىكى بۆلۈنۈش بولغىنىدا، ئۇ كىشىلەر ئۆز ئارا ئىتتىپاقلاشمايدۇ. ئۇلار بىرلىكتە ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرمايدۇ. بىلەمسىز، ئۇ چاغدا ئۇلار ئۆز-ئارا مىللىي زىددىيەت توقۇنۇشلار ئىچىدە ئالدىراش بولىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغاندا، ھۆكۈمەتمۇ ئارام ئالىدۇ. مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم مانا شۇنداق»

كرىستوپ رېھاگ ئەپەندى يەنە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئارا زىددىيەت سېلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش تاكتىكىسىنى، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەڭ ئاسان باشقۇرۇش ئۇسۇلى» دەپ تەرىپلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى مەسىلە نېمە؟ مەسىلە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ بولغىنىدا! شىنجاڭدا، شىزاڭدا، ئىچكى موڭغۇلدا كۆرۈۋاتقىنىمىز مىللىي زىددىيەت قوشۇلغان مۇستەبىت تۈزۈم، ئۆچمەنلىك قوشۇلغان مۇستەبىت تۈزۈم. مېنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، خىتايلارغىمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، كومپارتىيەنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى شىنجاڭدا مىللەتلەر ئارا زىددىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدۇر».

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.