گېرمانىيەلىك سەيياھ كرىستوف رېھاگنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە ساياھىتى (8)
«ساياھەت يېتەكچىسىسىز كېزىشىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ھاياتىنى كۆرۈش ئۈچۈن، لاگېرلار ھەققىدىكى تەنقىدىم ھەققانىيەت ئۈچۈندۇر!»
گېرمانىيەلىك سەيياھ كرىستوف رېھاگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە سەپىرىدە ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ساياھەت ئۆمەكلىرى ياكى ساياھەت يېتەكچىلىرىگە قوشۇلماي، ئۆزى يالغۇز ساياھەت قىلىش يولىنى تاللىغان.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن ئادەتتە ساياھەت يېتەكچىسى تەكلىپ قىلمايمەن، ئەمما مۇزېيخانىلارغا كىرگىنىمدە ئۆزۈم بىلمەيدىغان نەرسىلەر ھەققىدە مەخسۇس خادىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاشنى ئەلۋەتتە خالايمەن. ئادەتتە بىرەر شەھەرنى زىيارەت قىلغان چېغىمدا، بولۇپمۇ قەدىمىي قەشقەر شەھىرىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ماڭا يول باشلىشىنى ئەسلا خالىمىدىم. ئادىشىپ قالساممۇ مەيلى دېدىم، چۈنكى مەن ئۈچۈن ئادىشىپ قېلىشنىڭ ئۆزى بىر خوشاللىق تۇيغۇسى بېرەتتى. چۈنكى سىز ئادىشىپ قالغان چېغىڭىزدىلا، قەشقەرنىڭ كىشىلەرنى ئادشتۇرۇپ قويغۇدەك سېھرى كۈچىنى ۋە سىرلىقلىقىنى ھېس قىلىدىكەنسىز. مانا بۇ تۇيغۇ مېنى راھەتلەندۈرەتتى.»
كرىستوف رېھاگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى تەكلىپ قىلماسلىقىغا سەۋەپ بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئوبرازى ئۇنىڭغا چىنلىق تۇيغۇسى بەرمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۆز تۇيغۇسى بىلەن ھېس قىلىشنى ئىستىگە ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىدا ئۇيغۇرلار ئات مىنگەن، تۆگە مىنگەن ۋە ياكى قوي بېقىۋاتقان ھالەتتە تەسۋىرلىنىدىكەن. بەزىلىرىدە ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىۋاتقان قىلىپ تەسۋىرلەنسە، يەنە بەزىلىرىدە <تېرورچى ئۇنسۇر>لار قىلىپ تەسۋىرلىنىدىكەن. سىز بۇ خىل تەشۋىقاتلاردا سىياسىي تەشۋىقات تۈسىدىن باشقا تەسۋىرلەرنى كۆرمەيسىز. ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىدا كومپىيوتېر ياسىيالايدىغان ۋە باشقا كەسپلەر بىلەن شوغۇللىنالايدىغان ئۇيغۇرلارنى كۆرەلمەيسىز. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىدا ھىچقاچان ھەقىقىي ئۇيغۇرلار ئوبرازى ئەكس ئەتمەيدۇ. سىز كۆرگەن پادىچىلار شىملىرىنى كىيىپ خىزمەتكە كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل تەشۋىقاتلاردا كۆرەلمەيسىز.»
ئۇ يەنە 2008-يىلى ئۈرۈمچىگە بارغان چېغىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان «زەم-زەم كولا» ماركىلىق ئىچىملىكنى تولىمۇ ياقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما بۇ خىل ئۇيغۇرلار ئوبرازىنى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدا كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلدى.
«بىلەمسىز؟ مەن شىنجاڭدىكى چېغىمدا <زەم-زەم كېلى> دەپ ئاتىلىدىغان يەرلىك ئىچىملىكنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئىچتىم. بۇ ئىچىملىك 2008-يىللاردا بار ئىدى. بۇ ئىچىملىك تەمى ئىنتايىن ياخشى زامانىۋى ئىچىملىك ئىدى. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئەينى چاغدا مەن <زەم-زەم كولا>نى ئىنتايىن ياقتۇرغان ئىدىم. مەن بۇ ئىچىملىكنىڭ ئېلانىنىمۇ كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭدا كوچا ئۇسسۇلى ئويناۋاتقان شوخلۇقى ئۇرغۇپ تۇرغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سۈرىتى بار ئىدى، ئەمما بۇ خىل ئۇيغۇرلار ئوبرازىمۇ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا يوق ئىدى.»
كرىستوف رېھاگ ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە سەپىرىدە ئۆزى تونۇشقان ھەر خىل كەسپلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساياھەت نۇقتىلىرىدا كۆرسىتىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«سەپەر جەريانىدا مەن ھەر خىل كىشىلەرنى كۆردۈم. كىچىك كەنتلەرگىمۇ باردىم. مەسىلەن، تۇرپاندىكى تۇيۇققا بارغىنىمدا ئۇ يەردە ساياھەتكە تايىنىپ پۇل تېپىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆردۈم. ئارايۇلتۇز (شىڭشىڭشيا) دا قومۇللۇق ئابدۇۋەلى ئىسىملىك فوتو سۈرەت تارتىشقا ھەۋەس قىلىدىغان ئۇيغۇر قاتناش ساقچىسى بىلەن تونۇشتۇم. كۇيتۇندا تۇتقۇن قىلىنغىنىمدا، ماڭا قەبىھ مۇئامىلىدە بولغان يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ساقچى ئوفىتسېرىنىمۇ كۆردۈم. كېيىن يەنە باشقىلار بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلار ھەر خىل كىشىلەر ئىدى. چۈنكى مەن يولدا نېمىنى كۆرسەم، كىمنى كۆرسەم، شۇنىڭ بىلەن تونۇشتۇم، ئەمما بۇ جەرياندا مەن مەخسۇس ئۇلارنى ئۆزۈم ئىزدەپ بارمىدىم ياكى بۇ سەپىرىم مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن بولمىدى.»
كرىستوف رېھاگ ئەپەندىدىن «سىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتىڭىزدە، ساياھەت يېتەكچىلىرىنى تەكلىپ قىلماسلىقىڭىزغا ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ھەققىدىكى گۇمانىي تۇيغۇلىرىڭىز سەۋەپ بولغانمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى:
«مەن ئەينى چاغدا بۇنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. مەن بۇ جەھەتتە خىتايدىكى ھەممە رايونننىڭ ئەھۋالى ئوخشاشمۇ، بۇنىمۇ بىلمەيمەن. ئەمما شىنجاڭنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدا، ئۇلار ئۇ جاينى بىرقەدەر سەزگۈر جاي دەپ قارىسا كېرەك. شۇڭا ئۇلار بۇ جايدا بىر قەدەر ئالاھىدە ساياھەت يېتەكچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىمۇ كۆپ تەرەپلىمە بولسا كېرەك. ئۇلار بىر تەرەپتىن، ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن سىزنى نازارەت قىلىشىمۇ مۇمكىن.»
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بىر چەت ئەللىك بولۇشتەك سالاھىتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە سەپىرىدە رايوندىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشى ۋە سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان. شۇ چاغدا ئۇ يەنە ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى يوشۇرۇنچە نازارەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ ھېس قىلغان.
ئۇ بۇ ئەھۋاللارنى مۇنداق بايان قىلدى: «شۇ چاغدا مەن ئۇلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندىم. ئۇلار مېنى مېھمانخانىغا قاماپ قويغاندا، چوقۇم مېنى كۈزۈتۈپ تۇرىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئەمما مەن ئۇلارنىڭ رۇخسىتى بىلەن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىرتلارغا چىقتىم. ئاشپۇزۇلغا تاماق يىگىلى باردىم. قارىماققا ماڭا ئەگىشىۋالغان ئادەممۇ كۆرۈنمەيتى. ئەمما ئېبنىق ھالدا مېنى كۈزۈتىۋاتقان بىرىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلاتتىم.»
كرىستوف رېھاگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە سەپىرىدە نارارەت ۋە تەقىپ قىلىنىشلارغا داۋاملىق ئۇچرىغان، ئەممۇ بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنى تەمكىن تۇتقان ۋە كۆپ ئويلىۋالماسلىققا تىرىشقان. ئۇ مۇشۇنداق قاتتىق نازارەت ئاستىدىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە سەپىرىنى داۋام قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەن ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر گېرمانىيەلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەندە تەبىئى ھالدىكى بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بار ئىدى. مەن كۆڭلۈمدە، <ھە، مېنى كۆزىتىپ تۇرغان تاغامدا بەلكىم ماڭا نىسبەتەن بىر خىل قىزىقىش تۇيغۇسى بولسا كېرەك> دەپ ئويلايتىم. چۈنكى مەن ئەزەلدىن بەك كۆپ ئويلاپ ئۆزەمگە بېسىم قىلىۋېلىشنىمۇ خالىمايتىم. شۇڭا سەپىرىمنى يەنىلا داۋام قىلاتتىم.»
كرىستوف رېھاگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىرقانچە قېتىملىق سەپىرى ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەر ھەققىدە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان. ھالبۇكى، ئۇ 2017-يىلىدىن كېيىن مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىشىنى ئەسلا قوبۇل قىلالمىغان.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ قارىشىمچە، ئاتالمىش <قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى> ياكى <يىغىۋېلىش لاگىرلىرى> شەك-شۈبھىسىزكى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدا نۇرغۇن كىشىلەر خاتىرجەم ياشاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن، مەيلى قازاقلار بولسۇن ياكى خىتايلار بولسۇن ھەممىسى شۇنداق. ئۇ يەردە مىليوندىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىندى، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. نەدىمۇ شۇنچە كۆپ <تېرورچى> ياكى قايتا تەربىيەلىنىشكە تېگىشلىك كىشىلەر بولسۇن؟! يەنە كېلىپ بۇ خىل قايتا تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمى بارمۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا مېنىڭ دېيدىغىنىم <سەن قورقۇتۇش ئارقىلىق بىر جاينى ئىدارە قىلماقچى، ئەكسىچە بۇ ئارقىلىق ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىسەن. مەن بۇنى بەك قورقۇنۇچلۇق ئەھۋال دەپ قارايمەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى باشتىن-ئاخىر بۇ خىل زوراۋانلىقنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشقا نىسبەتەن بىرىنچى ئىنكاسى زوراۋانلىق ئارقىلىق باستۇرۇش!»
كرىستوف رېھاگ ئەپەندى 2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاخىرىقى سەپىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە زىيارەتتە بولالمىغان. ئەمما ئۇ ھەر خىل قاناللار ئارقىلىق، ئىلگىرى سەپەر جەريانىدا تونۇشقان بەزى دوستلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يۇتۇپ، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئۇلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغان يوللانمىلارنى ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىپ تۇرغان.
بىز ئۇنىڭدىن ئۇنىڭدىن <بۇ پائالىيەتلىرىڭىز سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىدىڭىزمۇ؟> دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتەمدۇ دېگەندە، ئۇلار ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىشى مۈمكىن، ئەمما مېنىڭ ئويلايدىغىنىم، مەن بىر چەت ئەللىك تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرالمىسام، ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتەلمىسەم ھەم دېيىشكە پېتىنالمىسام، ئۇ ھالدا خىتاي پۇقرالىرىدىن مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولسۇن، ئۇلاردىن بۇ ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھەققىم بولمايدۇ، ئەلۋەتتە! مېنىڭ چەت ئەل پاسپورتىم بار، مەن چەت ئەلدە تۇغۇلغان بىرى، مېنىڭ خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ئائىلەم ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىممۇ يوق. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مېنىڭغا بېسىم پەيدا قىلالىغۇدەك بىرەر ئاجىزلىقىممۇ يوق. ئۇلار مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەتلا ماڭا قايتا ۋىزا بەرمەسلىكى، مېنى خىتايغا بارغۇزماسلىقى مۇمكىن، ھەتتا تور دۇنياسىدا مېنى قارىلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭغا پەرۋايىم پەلەك. ئىشقىلىپ، مەن بۇ مەسىلىدە قورقۇنچاقلىق قىلسام بولمايدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى مەنمۇ ئىنكاس قايتۇرالمىسام، ئۇ ھالدا خىتايدا ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بارلار قانداقمۇ ئىنكاس قايتۇرالىسۇن؟»
(تۈگىدى)