مۇتەخەسسىسلەر: «گەۋىن نىۋسامنىڭ خىتايدىكى پائالىيىتى ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشىغا ۋە پىرىنسىپلىرىغا زىت»

0:00 / 0:00

يېقىندا، كالىفورنىيە شتاتىنىڭ باشلىقى گەۋىن نىۋسام (Gavin Newsom) نىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغان. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، گەۋىن نىۋسامنى ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلدى. ئۇنىڭ خىتايدا ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئامېرىكانىڭ قىممەت قارشى ۋە پىرىنسىپلىرىغا زىت دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2023-يىلى 10 ئاينىڭ 25-كۈنى گەۋىن نىۋسام (Gavin Newsom) بېيجىڭدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە باشقا خىتاي رەھبەرلىرى تەرىپىدىنمۇ قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان. ئۇ، خىتاي باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىدە: «بۇ يەرگە كېلىش مەقسىتىمىز ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش، دوستلۇقىمىزنى يېڭىلاش ۋە ئارىمىزدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىش. يېشىل ئېنېرگىيە ئىقلىم ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش» دېگەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) گەۋىن نىۋسامنىڭ خىتايغا ياخشى كۆرۈنۈش ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بارغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە پىرىنسىپلىرىغا زىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈردى: «گەۋىن نىۋسام خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مايىللىقىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن باردى. ئۆزىنى يېشىل ئېنېرگىيەگە ئۆتۈش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا باردىم دەيدۇ. ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل ۋە ئىقلىم ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن سىياسىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنغانىدى. بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتتا بۇنداق بىر زىيارەتنى قىلىشى قاملاشمىغانلىق. بۇ نۇرغۇن سوئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. گەۋىن نىۋسامنىڭ بۇ زىيارىتى خىتاينىڭ تەيۋەننى بېسىۋېلىش، يەنى تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئېلىپ بېرىلدى. ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، سانسىزلىغان پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇرۇشقا كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ خىتاي رەئىسى بىلەن دوستانە ئۆتكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن دەيدۇ. مېنىڭچە بۇ خاتا سىگنال بېرىدۇ. شۇنداقلا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق بار ئىكەن دېگەن ئۇچۇرنى بېرىدۇ. چۈنكى ئەگەر بىزنىڭ 50 شىتاتتىكى ھەر بىر شىتات باشلىقى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ياكى ئۆز شىتاتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنسا، ئۇنداقتا بۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سودا ۋەكىلىنى خىتاي بىلەن بولغان سودىلىشىشتا ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلىشتا ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ».

گەۋىن نىۋسام، 2004-يىلىدىن 2011-يىلغىچە سان-فىرانسىسكونىڭ شەھەر باشلىقى، 2011-يىلدىن 2019-يىلغىچە كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ ياردەمچى شىتات باشلىقى، 2019-يىلدىن باشلاپ كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى.

كالىفورنىيە ئامېرىكادىكى نوپۇسى ئەڭ چوڭ شىتات. يەر كۆلەم جەھەتتىن ئامېرىكادىكى ئۈچىنچى چوڭ شىتات بولۇپ، كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ ئىقتىسادى ئامېرىكادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ گەۋىن نىۋسام دېموكراتلار ئىچىدە مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە شەخس بولۇپ، جوۋ بايدېن 2024-يىلى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى بولماي قالسا، ئۇنىڭ جو بايدېننىڭ ئىزباسارى بولالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرەزلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. شۇڭا ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتى خىتاي تەرىپىدىن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئېرىشكەنىكەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەۋىن نىۋسامنىڭ ئاساسەن ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى خىتايغا بارغانلىقنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «گەۋىن نىۋسام كالىفورنىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان چوڭ شىركەتلەر ۋە ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن باردى. ئەمما بۇ ئامېرىكانىڭ تۈپ مەنپەئەتى ئۈچۈن زىيان ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گەۋىن نىۋسام ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەۋىن نىۋسامنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇش خىيالىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. لېكىن ئامېرىكا خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ تىپتىكى سىياسەتچىلەرنى ياقتۇرمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «گەۋىن نىۋسام خىتاي زىيارىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئالمىدى، پەقەت سودا-ئىقتىسادنىڭ گېپىنى قىلدى. ئەمما ئۇ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى دەپ ئامېرىكانىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتىنى قۇربان قىلدى».

دوكتور ئاندېرس مۇنداق دېدى: «يەرلىك ھۆكۈمەت يەنى شتات باشلىقلىرى ۋە شەھەر باشلىقلىرى خەلقئارا سىياسەتتىن يىراق تۇرۇپ، ئۇنى ۋاشىنگتونغا قويۇپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغان تەقدىردە بۇ ئامېرىكانىڭ سودىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. شىتات باشلىقلىرى ئۆز ئالدىغا شى جىنپىڭغا ئوخشاش ئىنتايىن كۈچلۈك مۇستەبىت دىكتاتورلار بىلەن سودا قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ شىتات باشلىقلىرى بۇ سودىدىن پايدا ئالىدۇ. كالىفورنىيە بۇنىڭدىن پايدا ئالىدۇ. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە ۋە سودىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ. شۇڭا بېيجىڭ چوقۇم ۋاشىنگتوننىڭ سودا ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلىشىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار كالىفورنىيە، تېكساس ۋە نيۇ-يورك بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلسا، خىتاي ئامېرىكانى تېخىمۇ ياخشى بۆلۈپ بويسۇندۇرىدۇ. بىز ئەخمەقلىق قىلىپ ئۇنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويىمىز».

10-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى ئەزاسى جۇمھۇرىيەت پارتىيەسىدىن بولغان ئارو كانا (Ro Khanna) گەۋىن نىۋسامنىڭ خىتاي زىيارىتىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېگەن:

«گەۋىن نىۋسام شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يەنى ئىرقى قىرغىنچىلىقنى سورىشى كېرەك ئىدى. ئاندىن سودىدىكى قىزىل رەقەم ۋە تەيۋەندىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ ھېچ بىرىنى قىلمىدى».

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن ياڭ كىم (Young Kim) گەۋىن نىۋسامنىڭ خىتاي زىيارىتىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ۋە فېنتانىل مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويمىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانىدى.