چەتئەللەردىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر گېزىتىنىڭ يېتەكچىسى يولداش ئازاماتوف ۋاپات بولدى

يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنى ئۇزۇن يىللار داۋامىدا باشقۇرغان، قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى، يازغۇچى يولداش ئازاماتوف 74 يېشىدا ۋاپات بولدى.

يولداش ئازاماتوفنىڭ ۋاپاتى قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئېچىندۇردى. چۈنكى ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئەدەبىيات، ژۇرنالىزم ساھەسىدە كەڭ تونۇلغان شۇنىڭدەك ئۆزى باشقۇرغان گېزىت ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەسسە قوشقان ئەرباب ئىدى.

مەلۇمكى، يولداش ئازاماتوف باشقۇرغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قازاقىستاندا 1957-يىلدىن تارتىپ تا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگۈچە «كوممۇنىزم تۇغى» نامىدا چىققان ۋە كېيىن «ئۇيغۇر ئاۋازى» دەپ ئۆزگەرتىلگەنىدى. ئۇ قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ئومۇمەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتى ھېسابلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئاتاقلىق زىيالىيلار ۋە ژۇرنالىستلار تەرىپىدىن رەھبەرلىك قىلىنىپ كەلگەنىدى. ھەر خىل يىللاردا ئۇنى ئەخمەتجان مەمەتوف، ئابدۇللا مەشۈروف، تۇرداخۇن نەزەروف، يولداش ئازاماتوف ۋە باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى باشقۇرۇپ كەلگەنىدى.

مەرھۇم يولداش ئازاماتوف «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنى 1987-ۋە 2012-يىلار ئارىلىقىدا، يەنى 25 يىل داۋامىدا باشقۇرغان بولۇپ، سالامەتلىكىگە بولا دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، جاۋابكارلىقى چەكلەنگەن «قازاق گېزىتلىرى» ھەسسىدارلىق شىركىتىدە باش مۇدىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى خىزمىتىدە ئىشلىگەنىدى.

مەرھۇم بىلەن خوشلىشىش مۇراسىمى 6-ئاۋغۇست كۈنى ئۇنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۆيىدە كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن تار شەكىلدە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا زىيالىيلار، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يۇرتداشلىرى قاتناشقان. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان قازاقىستاننىڭ سابىق سېناتورى مارس باتتالوف، يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئىسمايىلجان ئىمىنوف، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى شۆھرەت مەسىموف، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئوسمانجان ئوبۇلوف، «ۋېچېرنىي ئالماتى»، يەنى «كەچلىك ئالمۇتا» گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئابدۇخېلىل جەلىلوف ۋە باشقىلار يولداش ئازاماتوفنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ژۇرنالىستىكا ساھەلىرىگە قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف يولداش ئازاماتوفنىڭ ماھىر تەشكىلاتچى، رەھبەر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «يولداش ئازاماتوف قولىدا مەن ئالىي ئوقۇش ئورنى ئوقۇغۇچىسى بولۇش ئالدىدا ئىشلىدىم. دەسلەپكى ماقالىلىرىمنى يولداش ئازاماتوفقا مۇشۇ گېزىتكە رەھبەرلىك قىلغاندىن تارتىپ بەردىم. ژۇرنالىستىكا كەسپىمنى تاللىشىمدا بۇ گېزىت ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى. ئۇ بىزگە رەھبەرلا ئەمەس، ئۇستازمۇ بولدى. ئۇنىڭ يەنە بىر چوڭ ئىشى كادىر مەسىلىسىنى يېشىشتە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى».

يېرشات ئەسمەتوف يولداش ئازاماتوفنىڭ جەمئىيەتلىك ئىشلاردىمۇ چوڭ پائالىيەتچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە 18 يىل مابەينىدە مىللەتلەر دوستلۇقى، رازىمەنلىك، بىرلىك يولىدا تىنماي ئەمگەك قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىنىشىچە، يولداش ئابدۇقادىر ئوغلى ئازاماتوف 1947-يىلى قازاقىستاننىڭ ياركەنت رايونىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1965-يىلى ياركەنت شەھىرىدىكى ھازىرقى خېلىل ھەمرايېف نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالمۇتا شەھىرىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژۇرنالىستىكا فاكۇلتېتىنىڭ رۇس بۆلۈمىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇنى 1971-يىلى تاماملىغان. يولداش ئازاماتوف 1971-1984-يىللىرى جۇمھۇرىيەتلىك «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ رېداكسىيەسىدە ئەدەبىي خادىم، بۆلۈم باشلىقى ۋە باش مۇھەررىرنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىملىرىدا ئىشلىگەن. 1984-يىلى ئۇ موسكۋادىكى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 1987-يىلغىچە ئالمۇتا ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىدا ئىشلىگەن.

ئالمۇتا ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ سابىق رەئىسى رېھىمجان توختاخۇنوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يولداش ئازاماتوفنىڭ ۋاپاتى بولۇپمۇ ئۇنىڭ يۇرتى ياركەنت تەۋەسىدە ياشاۋاتقان يۇرتداشلىرى ئۈچۈن چوڭ ۋە ئورنى تولماس يوقىتىش بولغانكەن. ئۇ مەرھۇمنىڭ ئومۇمەن قازاقىستان مەتبۇئاتىنىڭ راۋاجلىنىشىغىمۇ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقانلىقىنى ۋە بۇ جەھەتتە ياش ژۇرنالىستلارنىڭ تەربىيەلىنىپ چىقىشىغىمۇ دېگەندەك نەزەر ئاغدۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «يولداشنى مەن 60-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ ياخشى بىلىمەن. ئۇ كىروف مەكتىپىدە، يەنى ھازىرقى خېلىل ھەمراھ نامىدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرى مەن پېداگوگىكا تېخنىكومىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ مەكتەپكە مۇزىكا پېنىدىن مۇئەللىم بولۇپ كەلگەندىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئاغىنە بولدۇم. شۇ ۋاقىتلاردا يولداش كىچىك-كىچىك يۇمۇرلىرىنى، ماقالىلىرىنى يېزىپ يۈرگەنىدى. يولداش ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆسۈشىگە چوڭ ھەسسە قوشتى. ئۇ›ئۇيغۇر ئاۋازى‹نى ئەڭ قىيىن يىللاردا ساقلاپ قالدى».

رېھىمجان توختاخۇنوف غوجەخمەت سەدۋاقاسوف، قۇددۇس غوجامياروف قاتارلىق ئۇيغۇر ئەربابلىرى ۋە تونۇلغان قازاق زىيالىيلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بۈگۈنكى كۈندە ۋابا ۋەزىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن يولداش ئازاماتوفنى ئاخىرقى يولغا ئۇزىتىش مۇراسىمىنىڭ ناھايىتى تار دائىرىدە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يولداش ئازاماتوف ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «يۈتكەن پىچاق» «يادىكارنىڭ بوۋىسى»، «ئۈمىد»، «بىزمۇ ياش بولغان» ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغان. ئۇ يەنە «20-ئەسىر نامايەندىلىرى»، «ئۆلۈمگە قىيمايدىغان ئىنسان ئىدى»، «تارىخ ساۋاقلىرى ياكى ئۆتمۈشسىز كېلەچەك يوق»، «ئەڭ ئېغىر پەيتلەردىمۇ قەدىر-قىممىتىنى يوقاتمىغان» توپلاملىرىنىڭ لايىھە ئاپتورى ۋە توپلىغۇچىسى بولغان. ئۇنىڭ ھىكايىلىرى رۇس، قازاق تىللىرىدىمۇ نەشر قىلىنغان شۇنىڭدەك بىرقىسىم ھېكايىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تارقىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغانىدى.

18 يىل جەريانىدا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ ئەزاسى، شۇنداقلا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسىنىڭ ئەزاسى بولغان ۋە كۆپلىگەن دۆلەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.