0:00 / 0:00
يۇرتى قەشقەر توققۇزاقتىن بولغان، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان قۇربانگۇل مىجىت، 17 ياشلىق ئوغلى ئالىمجان ھېلاجى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىپ بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنىڭ زەنجىرسىمان بىر يۈرۈش تۈرلىرىنىڭ ئازاپلىرىنى بىر - بىرلەپ تېتىپ چىقماقتا. يۈرەك پارىسىنى يۈتتۈرۈپ قويۇش، سۈرۈشتىسى جاۋابسىز قېلىش، ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىققا ئۇچراش، ئولتۇراق ئۆيىدىن قوغلىنىش، نەزەربەند قىلىنىش، ئارقىسىغا پايلاقچى قويۇلۇش - مانا بۇلار، ئۇ 4 يىلدىن بۇيان دۇچ كەلگەن زورلۇق - زومبۇلۇقلارنىڭ بىر قىسمى.
تۆۋەندە قۇربانگۇل مىجىتنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىر توي سورۇنىدا پايلاقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.