تۈركىيەنىڭ ئىزمىر كۆچمەنلەر مەركىزىدە غايىب بولغان ئۇيغۇر ئايالىنىڭ ئاقىۋىتى ئەندىشە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.09.07
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قارا قولىدىن ئەندىشە قىلماقتا
Yettesu

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇرۇسۇل تۇنىياز ئىزمىر شەھىرىدىكى كۆچمەنلەر مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇقلۇق ئانىسى قۇۋانخان ھەمزى بىلەن ئاخىرقى قېتىم 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېفوندا سۆزلەشكەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم سۆزلىشىشى بولۇپ قالغان.

ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ ئانىسىدىن قايتا خەۋەر ئالالمىغان. ئابدۇرۇسۇل تۇنىيازنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئادۋوكات تۇتۇپ ئىككى يىلدىن بېرى ئانىسىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۈركىيە ئەدلىيە تارماقلىرىغا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، بىراق مەيلى ئىزمىر كۆچمەنلەر ئىدارىسى بولسۇن، مەيلى ئىزمىردىكى سوت مەھكىمىسى بولسۇن، بۇنداق بىر ئايالنىڭ ئىزمىر كۆچمەنلەر مەركىزىگە سولانغانلىقىنى رەت قىلغان.

ھەتتا ئۇ تۈركىيە ئاساسى قانۇن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى يېقىندا ئۇنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. بۇ سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئەرزىنىڭ نېمە ئۈچۈن رەت قىلىنغانلىقىغىمۇ ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. ئىزمىر ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2019-يىلى 9-ئايدا ئۇنىڭ ئادۋوكاتىغا ئەۋەتكەن جاۋاب خېتىدە، «مەركىزىمىزدە ئابدۇرۇسۇل تۇنىياز ئىسىملىك چەتئەللىكنىڭ ئانىسى بولغان قۇۋانخان ھەمزى ئىسىملىك چەتئەللىك يوق» دەپ كۆرسىتىلگەن.

لېكىن ئابدۇرۇسۇل تۇنىيازنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭدا ئانىسىنى ئىزمىر كۆچمەنلەر مەركىزىنىڭ سولىغانغانلىقى، ئۇنىڭ كۆچمەنلەر مەركىزىدىن ئابدۇرۇسۇلغا تېلېفون قىلىنغانلىقىغا ئائىت دەلىللەر بار ئىكەن. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئانىسىنىڭ غايىب بولۇشىغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قۇۋانخان ھەمزى ئۇلار ئاخىرقى قېتىم تېلېفون سۆزلەشكەن 28-ئىيۇن كۈنى كۆچمەنلەر مەركىزىدىن غايىب بولغان بولۇپ، ئۇ ئانىسىنىڭ غايىب بولغانلىقىدىن بىر ھەپتە كېيىن خەۋەر تاپقان.

ئابدۇرۇسۇل ئانىسىنىڭ 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 31-كۈنى تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلغان زىننەتگۈل تۇرسۇن قاتارلىق تۆت ئۇيغۇرنىڭ قاتارىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭغا قۇۋانخان ھەمزى ئىسىملىك بىرسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئادۋوكاتىغا غەيرىي رەسمىي قانال ئارقىلىق قۇۋانخان ھەمزىنىڭ تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زىننەتگۈل تۇرسۇنمۇ ئىلگىرى ئىككى پەرزەنتى بىلەن ئىزمىردىكى كۆچمەنلەر مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان شۇنداقلا ھەر ئىككىلىسى تۈركىيەنىڭ ھاتاي ۋىلايىتىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىزمىردىكى كۆچمەنلەر مەركىزىگە ئېلىپ كېلىنگەن. زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ 2019-يىلى 31-ئىيۇن كۈنى تاجىكىستان پۇقراسى، دېگەن قالپاق بىلەن دۈشەنبىگە يولغا سېلىنغانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى دۈشەنبە ئايرودرومىدا ئۆتكۈزۈۋېلىپ غۇلجىغا ئېلىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. رادىيومىز ئۆتكەن يىلى زىننەتگۈلنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى، ئىككى پەرزەنتىگە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قاراۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان ئاتاقلىق ئادۋوكات، تۈركىيە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندى 7-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئەرزنىڭ كونكرېت تەپسىلاتى توغرىسىدا بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقى، بىراق بۇ ئەرزنى ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى مەھكىمىسىگە سۇنۇش پۇرسىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋاقىت قەرەلى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

پروفېسسور ئىلياس دوغان مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ۋاقىت قەرەلى بار. ۋاقىت قەرەلى بىر كۈن ئۆتۈپ كەتسە ھېچنېمە قىلالمايسىز. كۆچمەنلەر مەركىزىنىڭ ئىنكار قىلىشى مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى مەھكىمىسى قايىل بولامدۇ-يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش كېرەك. بىز بۇ مەسىلىنىڭ مۇتەخەسسىسى. بۇنداق دېلولاردا ئادۋوكاتلار كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشى، شۇنىڭغا قارىتا دەلىل توپلىشىمىز كېرەككى، ھەقلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقسۇن. بۇ ئەھۋالدا بۇ كىشىنىڭ ئائىلىسى ھېچبولمىسا تۈركىيە دۆلىتىدىن يۇقىرى مىقداردا روھىي زىيان تۆلىمى بولسىمۇ ئالالايدۇ».

ئىلياس دوغاننىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت ئۆزىنىڭ قىلمىشنى ئىنكار قىلسىمۇ، لېكىن بۇ خىل دېلولار دۆلەتنىڭ بۇ خىل خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىكەن.

ئىلياس دوغان مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئىنكار قىلىۋاتىدىغۇ، ئىنكار قىلسۇن مۇھىم ئەمەس. يېڭىدىن ئەرز قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاساسى قانۇن سوت مەھكىمىسى ۋە ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلىدۇ. نەتىجىدە دۆلەتنىڭ خاتالىقى نامايان قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەرزلەر دۆلەت بۇنداق خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمىسۇن، دەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئادەم ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئۆلدى ياكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. بىراق ھېچبولمىسا ئۇنىڭغا ئوخشاش زىيانكەشلىك نامزاتى بولغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش ئاقىۋەتكە قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولىدۇ».

لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ «ھېچكىمنى تەن جازاسى ياكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىشقا ئۇچرايدىغان بىر دۆلەتكە قايتۇرۇپ باقمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. كېيىنرەك تۈركىيە كۆچمەنلەر باش ئىدارىسى «ئۆزىنى خىتاي پۇقراسى زىننەتگۈل تۇرسۇن، دەپ تونۇشتۇرغان بىرى» نىڭ تاجىكىستان پۇقراسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ يولدىشى ۋە ئىككى پەرزەنتى بىلەن تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئەندىشە ياراتقان ئىدى. پروفېسسور ئىلياس دوغان، تۈركىيە قانۇنلىرىدا ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلسە، زۇلۇمغا ئۇچراش خەۋپى يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭ قايتۇرۇلۇشى چەكلىنىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشنىڭ ئاساسى قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ قانۇنلىرىمىزدا بىر كىشىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلسە زۇلۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭ قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشى چەكلىنىدۇ. بىزنىڭ قانۇن سىستېمىمىز مانا مۇشۇنداق. شۇڭا ئادەتتىكى ئەھۋالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ تەن جازاسى ۋە زۇلۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى. شۇ تۈپەيلى ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلىرىمىزغا خىلاپ. ئەگەر خىتايدا ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك جىنايى ئىشلارغا ئارىلاشقان بولسا، پەقەت شۇ جىنايەت بىلەن سوتلىنىش شەرتى ئاستىدا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىن»

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى پەرزەنتنىڭ ئانىسى بولغان قۇۋانخان ھەمزى ئوغلى ئابدۇرۇسۇل بىلەن تۈركىيەگە 2016-يىلى چىققان. ئابدۇرۇسۇل بالىلارنىڭ كىچىكى بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئۇ كىچىك ۋاقتىدا تۈگەپ كەتكەنىكەن. ئۇنىڭ ئاكىسى ياسىن تۇنىياز 2012-يىلى 19 يېشىدا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. قۇۋانخان بىلەن ئابدۇرۇسۇل 2016-يىلى تۈركىيەگە ماڭغاندا ياسىن تۇنىياز خىتاينىڭ شىخۇدىكى تۈرمىسىدە قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقانىكەن.

ئابدۇرۇسۇل تۇنىياز، نۆۋەتتە يا ئىزمىر كۆچمەنلەر مەركىزىدە غايىب بولغان ئانىسىنىڭ تەقدىرىدىن ياكى شىخۇ تۈرمىسىدىكى ئاكىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.