27-دېكابىر «شىخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ گېرمانچە تور سەھىپىسىدە «شىنجاڭدىن كەلگەن سادا: بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى، تۆت ئەۋلادنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى» ناملىق بىر زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. بۇ زىيارەت خاتىرىسىدا ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان 100 ياشلىق رابىيخان مەمەتنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىپ، «پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى» بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالانغانلىقى، 65 ئائىلە ئەزاسى بولغان بۇ جەمەتنىڭ «گۈلدەك ياشاۋاتقان» لىقى باش تېما قىلىنغان بولسىمۇ، ئاساسىي ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە «ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتى» بىلەن 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ تۇپراقنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر» بولغان ئىدى.
زىيارەت خاتىرىسىدا 1949-يىلىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا جەمئىي 696 كارۋاتلىق 54 داۋالاش ئورگىنى بارلىقى، يېڭى تۇغۇلغان ھەر 1000 بوۋاقتىن 400 نەپىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى، 1949-يىلىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى 30 ياشقىمۇ يەتمەيدىغانلىقى، لېكىن 2019-يىلىغا كەلگەندە ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىنىڭ يۈكسېلىپ 74.7 ياشقا يەتكەنلىكى، 1953-يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 3 مىليون 607 مىڭ 600 بولغان بولسا، 2020-يىلىغا كەلگەندە كۆپىيىپ 11 مىليون 624 مىڭ 300 گە ئۆرلىگەنلىكى رابىيخان مەمەتنىڭ ھېكايىسىگە ماسلاستۇرۇلۇپ بايان قىلىنغان.
ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى توغرىسىدىكى بۇ سانلىق مەلۇمات دەل مۇشۇ «شىخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ تور سەھىپىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارنى تۈپتىن ئىنكار قىلغان. مەسىلەن، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى «شىخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يالغانچىلىق ۋە ھەقىقەت» ناملىق ھۆكۈمەت ھۆججىتىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى داۋاملىق كۆپەيدى. 2010-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەسلىدىكى 10 مىليون 171 مىڭ 500 دىن 12 مىليون 718 مىڭ 400 گە كۆپەيدى، 2 مىليون 546 مىڭ 900 نوپۇس قوشۇلۇپ، ئۆرلەش نىسبىتى 25. 04 پىرسەنتكە يەتتى. ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 13، 99 پىرسەنتلىك ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، بارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ 22، 14 پىرسەنتلىك ئېشىش نىسبىتىدىنمۇ يۇقىرى، ھەتتا خەنزۇلارنىڭ 2 پىرسەنتلىك ئېشىش نىسبىتىدىنمۇ يۇقۇرى.»
خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇرىقى سانلىق مەلۇماتنى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپېيۇ 2021-يىلى 19-يانۋار خىتاي زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، مايك پومپېيۇغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت ھۆججىتىدە قوللانغان. ئەمما بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئوخشاش سانلىق مەلۇماتنى خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «خەلق گېزىتى» مۇ ئېلان قىلغان ئىدى. مەسىلەن، «خەلق گېزىتى» دە 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ رايونىدىكى نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرى توغرىسىدا ئانالىز دوكلاتى» ناملىق دوكلاتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى «12 مىليون 718 مىڭ 400» دەپ ئېلانغان. «شىنجاڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مەلۇماتلىرىمۇ ئوخشاش. ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر تەشۋىق قىلىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 11 مىليون 624 مىڭ 300» دېگەن سان بىلەن يۇقۇرىدا قوللانغان ساننى ئۆزئارا سېلىشتۇرسا، ئارىلىقتا 1 مىليون 94 مىڭ كىشىلىك نوپۇس پەرقى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇ ھالدا، «بۇ 1 مىليون 90 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قانداق غايىب بولۇپ كەتتى؟» دېگەن سوئال تەبىئىي پەيدا بولىدۇ.
مەلۇم بولغىنىدەك، دوكتۇر ئادرىيان زېنز مانا مۇشۇنداق خىتاي مەنبەلىرىدىكى پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن نوپۇس قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە كۆرە، بۇنىڭ ماھىيەتتە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بولىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» مۇ مۇشۇ خىل دەلىللەر ئاساسىدا بۇ يىل 9-دېكابىر كۈنى لوندۇندا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھۆكۈمىنى چىقارغان ئىدى. بىراق خىتاي ھاكىمىيىتى تۆنۈگۈنكى سۆزلىرىنى بۈگۈن ئىنكار قىلىپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر نوپۇسىنى يوققا چىقىرىشنى ئۆزىنىڭ ئىچكىي تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا داۋاملاشتۇرۇپلا قالماستىن، چەت ئەلگە قارىتىلغان تەشۋىقاتلىرىدىمۇ ئىزچىل بازارغا سالماقتا. بۇ خىتاينىڭ خەلقئاراغا «غايىپ بولغان 1 مىليون ئۇيغۇر نوپۇسى» نى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بىر تاكتېكىسىمۇ؟
«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق ئۇچۇر تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرى كۆپ چىقىدىغان بىر رايون بولغانلىقىنى، بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە خىتاينىڭ «1949-يىلىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى 30 ياشقىمۇ يەتمەيتى» دېگەن سۆزىنىڭ يالغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەرقانداق ساھەدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىھتىياجىغا قاراپ ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاينىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر نوپۇسىنى كەم كۆرسىتىشى، شەرقىي تۈركىستاندا ھەقىقەتەنمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن.
«شىنجاڭدىن كەلگەن سادا: بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى، تۆت ئەۋلادنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىنىڭ گېرمانچە تىلدا تارقىلىشىنىڭ گېرمانلارنى ئالداش ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى، جازا لاگېرلىرىنى گېرمانىيە خەلقىدىن يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مېھرىبان خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا بۇ خىل تەشۋىقاتلار بىلەن چاپان يېپىش مەقسىتىگە يىتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.