غايىب ئاكا-ئۇكا سەرتىراچ مۇرتىزا بىلەن مەھمۇتنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان زەيتۇنە مەمەت يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئانىسى ئايتۇرەم خۇدەشنىڭ بىر يىل لاگېردا يېتىپ چىققانلىقى، ئاكىسى مۇرتىزا مەمەت بىلەن ئىنىسى مەھمۇت مەمەتنىڭ ئۈچ يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوقلۇقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مۇرتىزا بىلەن مەھمۇتنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى ۋە ئاتالمىش كۇرسانتلارنىڭ ئۆز جايلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى بازارغا سالغان ئىدى. ئەمما لاگېرلاردىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۇتقۇنلارنىڭ تېخى ئۆيىگە قايتمىغانلىقى، بىر قىسمىنىڭ كېسىلىپ تۈرمىلەرگە، بىر قىسمىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن زاۋۇت-فابرىكالارغا يوللانغانلىقى، يەنە زور بىر قىسمىنىڭ تېخىچە لاگېردا ئىكەنلىكى ئۇيغۇر رايوندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىدىنمۇ ئاشكارىلانماقتا.

2015‏-يىلى توي قىلىپ تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن زەيتۇنە مەمەت 2017‏-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ يۇرتى ئۇچتۇرپان ئاقياردىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئۇ 2018‏-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بىر يىلغا يېقىن داۋام قىلغان ھەر خىل قاناللار بىلەن سۈرۈشتە قىلىش نەتىجىسىدە ئانىسى ئايتۇرەم خۇدەشنىڭ بىر يىر لاگېردا يېتىپ چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ ئانىسى بىلەن تېلېفوندا بىر كۆرۈشۈشنىڭ يولىنى قىلىۋاتقان مەزگىلىدە شۇنىڭغىچە ئىز-دېرىكى بولماي كېلىۋاتقان ئاكىسى مۇرتىزا مەمەت بىلەن ئىنىسى مەھمۇت مەمەتنىڭمۇ لاگېردا ئىكەنلىكىنىڭ شەپىسىنى ئالغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاقيار ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى مۇرتىزا ئاچقان گۈزەللىك سالونىنىڭ ساقچىخانا بىلەن 500 مېتىرچە ئارىلىقتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سالوننىڭ نۆۋەتتە ماڭدۇرىلىۋاتقان ياكى ئىشتىن توختىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بۇ خادىم نېمە ئۈچۈندۇر مۇرتىزا مەمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە گەپ ئېچىلىش بىلەن تەڭ كەيپىياتى جىددىيلەشتى ۋە سوئاللىرىمىزنىڭ داۋامىغا قۇلاق سېلىشتىنمۇ ۋاز كەچتى.

زەيتۇنەنىڭ دېيىشىچە، 2011‏-يىلىدىن بېرى ئۇچتۇرپاننىڭ ئاقيار يېزىسىدا گۈزەللىك سالونى ئېچىپ سەرتىراچلىق قىلىۋاتقان؛ بىر ۋە ئۈچ پەرزەنتلىك ئىككى ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان مۇرتىزا مەمەت بىلەن مەھمۇت مەمەتنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق بىر يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىگەن. زەيتۇنە گۇۋاھلىق باياناتىدا ئىككى قېرىندىشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارغا سولانغان مىليونلارچە كىشىلەرگە ئوخشاشلا گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇشىغا مىللىي كىملىكىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

زەيتۇنە ئىككى قېرىندىشىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى ھەققىدىكى پەرەزلىرىنى بايان قىلغىنىدا مۇرتىزانىڭ بەش ۋاق نامازنى تەرك ئەتمەيدىغان تەقۋادار بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، مەھمۇتنىڭ بولسا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئاكتىپ بىر كىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەتتە ئاكىسىنىڭ تۈركىيەگە كېلىش پىلانىنى تىلغا ئالغالىقىنى، مانا بۇنىڭ ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا باھانە قىلىنغان بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاقيار يېزىسىدىكى يەنە بىر ساقچى خادىمى زەيتۇنەنىڭ يۇقىرىقى پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى ۋە مۇرتىزا بىلەن مەمۇتنىڭ نۆۋەتتە ئۈچتۇرپاندىكى بىر لاگېردا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

زەيتۇنەنىڭ بايان قىلىشىچە، قېرىنداشلىرى ئىچىدە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىز-دېرىكى مەلۇم بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاينەزەر مەمەتنىڭمۇ يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوقالغان.