دائىرىلەر غايىب دوختۇر سەييارە نىجاتنىڭ نەدىلىكىنى ئائىلىسىگە 4 يىلدىن كېيىن بىلدۈرگەن، ئەمما تېخىچە سىماسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-دوختۇرخانىنىڭ غايىب دوختۇرى سەييارە نىجات ھەققىدە بۇ يىل يانۋاردا رادىيومىز تەرىپىدىن ئىككى پارچە خەۋەر بېرىلىپ، 15 كۈن ئۆتكەندە ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكى دائىرىلەر تەرىپىدىن غۇلجادىكى ئاتا-ئاناىسىغا ئۇقتۇرۇلغان. مەزكۇر ئائىلە سەييارە تۇتۇلۇپ 4 يىلدىن كېيىن ئېرىشكەن بۇ تۇنجى خەۋەردىن بەلگىلىك دەرىجىدە مەمنۇن بولغان بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە ئۇنىڭ بىلەن نە تېلېفوندا، نە ئېكراندا كۆرۈشۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. مەزكۇر ئائىلە نۆۋەتتە سەييارەنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىدىنمۇ گۇمانلانماقتا.

غايىب دوختۇر سەييارە نىجات تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ غۇلجادىكى ئاتا‏-ئانىسى 4 يىلغىچە ئۇنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. سەييارە نىجاتنىڭ تۈركىيەدىكى ھەدىسى ۋە ئامېرىكادىكى تۇغقانلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئەھۋالنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاپ، ئارىدىن ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندە ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۇنىڭ غۇلجادىكى ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ بېرىپ، سەييارەنىڭ ئۈرۈمچى بىرىنچى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ۋە ئۇنىڭ پات ئارىدا ئائىلىسى بىلەن تېلېفون ياكى ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

سەييارەنىڭ ئامېرىكادىكى تۇغقانلىرىدىن رەخى ھاجى بۇ تۇنجى ئۇچۇرنى ئالغاندىن كېيىن، سەييارەنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىدىن بىراز خاتىرجەم بولغان ۋە سەييارەنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلۈشىنى ۋە سالامەتلىكى ھەققىدە ئىجابىي بىر ئۇچۇر ئېلىشنى كۈتكەن. گەرچە دائىرىلەر مەزكۇر ئۇچۇرنى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى يەتكۈزگەن ۋە ھازىرغا قەدەر بىر يېرىم ئايچە ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ۋەدىسى تېخىچە ئەمەلىيلەشمىگەن. سەييارەنىڭ غۇلجادىكى ئاتا-ئانىسى تېخىچە سەييارە بىلەن نە ئىكراندا، نە تېلېفوندا كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن.

بۇ ئەھۋال نۆۋەتتە سەييارەنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى تۇغقىنى رەخىي ھاجىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا. رەخىي ھاجىنىڭ قارىشىچە، تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئەڭ باشتا ئائىلىسىگە بىلدۈرۈلۈپ بولغان بىر مەھبۇسنىڭ 4 يىلغىچىمۇ دېلوسىنىڭ خۇلاسىسى چىقماسلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېكران ياكى تېلېفوندىمۇ كۆرۈشتۈرۈلمەسلىكى نورمال بىر ئەھۋال ئەمەس، بەلكى قورقۇنۇچلۇق بىر ئىشارەت ئىكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى ئايلاردا لاگىر شاھىدى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇنىڭ لاگېر ئىچىدىكى جىنسىي زورۋانلىقلار ھەققىدە بەرگەن باياناتلىرى رەخىي ھاجىنىڭ گۇمان ۋە ئەندىشىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

سەييارە نىجات ھەققىدە ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا ئىگىلىگەن بىر خەۋىرىمىزدە، ئۇنىڭ ساقچىلارغا ماسلاشمىغانلىقى ئۈچۈن دېلوسىنىڭ خۇلاسىسى چىقمايۋاتقانلىقى ۋە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرلمەيۋاتقانلىقى بىر ساقچى خادىمى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان ئىدى. لاگېر شاھىدلىرى، ساقچىلارنىڭ «ماسلاشماسلىق» دېگەن بۇ شىكايىتىنى چوڭ-كىچىك ھەر خىل ئاقىۋەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

نۆۋەتتە سەييارەنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ھەققىدە دائىرىلەر بەرگەن ئۇچۇرنىڭمۇ توغرىلىقىدىن گۇمانلانماقتا. سەييارەنىڭ غايىبلىقى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ ئاخباراتقا ئېغىز ئاچقان رەخىي ھاجىم، خەلقئارا جامائەت ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ سەييارە نىجاتنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشىغا داۋاملىق ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.

يۇقىرىدا غايىب دوختۇر سەييارە نىجاتنىڭ ئەھۋالى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇنىڭ نەدىلىكىنى ئائىلىسىگە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تېخىچە سېيماسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.