شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى غايىب ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى جەمئىيەتتىن يوشۇرماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.03.30
abdulla-abbas-ziyaliy.jpg شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىيولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇللا ئابباس ئەپەندى.
Baidu

جەمئىيەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017‏-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايوندىكى نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن زور بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار تۇتۇپ كېتىلگەن.

بۇلاردىن ئاز ساندىكىلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى تېخى ئائىلىسى ياكى ئىش ئورنىغا قايتمىغان. بىر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئىككى يىلدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇللا ئابباس بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە جەمئىيەتتە گەپ تارقالغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خادىملىرى مەزكۇر ئۇچۇر ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى بىردەك رەت قىلدى.

ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلەردىن تاشپولات تېيىپ، ئازاد سۇلتان، ئابدۇكېرىم راھمان، ئارسلان ئابدۇللا، زۇلپىقار بارات قاتارلىق 15 ئەتراپىدا رەھبىرىي ۋە ئىلمىي خادىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ۋە بۇلاردىن بىرنەچچىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەمما تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنغان يەنە كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاقىۋىتى تا ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. مەسىلەن، پروفېسسور باتۇر ئەيسا، ئابدۇرېھىم ماھمۇت، نۇربىيە يادىكار، نەبىجان ھەبىبۇللا، ئاسىيە مۇھەممەدسالىھ، ئابدۇسالام ئابلىمىت قاتارلىقلار تا ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىنلا ئىز-دېرىكى مەلۇم بولمايۋاتقان يۈزلەرچە ئىلمىي خادىملارنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئۆتكەن ھەپتە بىر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى غايىبلاردىن بىرى ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇللا ئابباس بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەنلىكى ۋە ئائىلىسىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، مېيىتىنىڭ خۇپىيانە يەرلىككە قويۇلغانلىقى ھەققىدە ئۈرۈمچىدە ئاۋام ئارىسىدا گەپ-سۆزلەر تارقالغان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال مەزكۇر ئىنستىتۇتقا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان ئالاقىدار خادىم بۇ ئۇچۇر ھەققىدىكى سوئالىمىزغا بىرئاز گاڭگىراش ۋە ئىككىلىنىش ئىچىدە جاۋاب بەردى. ئۇ جاۋابىدا ئابدۇللا ئابباس ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇردىن ئۆزىنىڭ خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر ئىنستىتۇتتىكى يەنە بىر خادىم ئابدۇللا ئابباسنىڭ بىر يىل بۇرۇن پېنسىيىگە چىققانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئىنستىتۇتنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكى بىر خادىم سوراۋاتقان سوئاللىرىمىزنىڭ سەزگۈر تېما ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئابدۇللا ئابباسنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۆتكەن يىلى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇيغۇر رايوندىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسىي يىغىنىنىڭ نەق مەيدان خاتىرىسى ئىكەنلىكى پەرەز قىلغان بىر ئاۋازلىق ئۇچۇردا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخىپ بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، تۇتقۇندىكى زىيالىيلارنىڭ تىزىملىكى ۋە سانى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئالاقىدار خادىملار نۇربىيە يادىكار، نەبىجان ھەبىبۇللا، ئاسىيە مۇھەممەدسالىھ قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى ۋە بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلدى. ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ خادىمى بۇ ئەھۋاللارنىڭ سەزگۈر تېمىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ غايىب ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا سىر تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئەمما تېخى دەلىللەنمىگەن، پروفېسسور ئابدۇللا ئابباس تاتار مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇ ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك ھاياتىنى ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋە بۇ جەرياندا 70 تىن ئارتۇق دوكتور ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭ «بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدىكى بىيوگرافىيەىسىدە دېيىلىشىچە، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سابىق بىيولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي مەملىكەتلىك 10 ‏-، 11‏- ۋە 12 ‏-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.