كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى غايىب قازاق يازغۇچى ناگىز مۇھەممەد ھەققىدە جىددىي ھەرىكەت باشلىدى

0:00 / 0:00

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئالتايلىق غايىب قازاق يازغۇچى، ئالتاي غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ئىشخانىسىنىڭ سابىق خادىمى ناگىز مۇھەممەدنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار چاقىرىقىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جياڭغا خەت يېزىپ، ناگىز مۇھەممەتنىڭ ئەھۋالى، ئۇنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىدا قەيت قىلىنىشىچە، ناگىز مۇھەممەد 2018-يىلى 3-ئايدا قازاقىستانغا چىقىپ قايتىپ كېلىشىدە قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ناگىز مۇھەممەدنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىل بۇرۇن دوستلىرى بىلەن كەچلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، قازاقىستان مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىشى سەۋەب بولغانلىقى، ئۇنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مەخپىي سوتلانغانلىقى ۋە 7 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىز 29-ئاپرېل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە شۇنداقلا ناگىز مۇھەممەدنىڭ بۇرۇنقى خىزمەت ئورنى بولغان ئالتاي غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ھېچكىم ئالمىدى. قازاقىستاندىكى پائالىيەتچىلەر ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ناگىز مۇھەممەد ھەققىدىكى بۇ سۆزلەرنى قازاقىستاندىكى پائالىيەتچى بەگزات 29-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتتى.

خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى يەرلىك يازغۇچى، شائىر، سەنئەتچىلەرگە قارىتىلغان. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار بۇ ھەرىكەتتە تۇتقۇن قىلىنغان 386 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنى ئېنىقلاپ چىققان. ناگىز مۇھەممەد مۇشۇ مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنىپ، كېسىلگەن قازاق زىيالىيلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 29-ئاپرېل ناگىز مۇھەممەتنىڭ مەسىلىسىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاينى رايوندىكى «مەدەنىيەت زوراۋانلىق سىياسىتى» گە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى سىياسىتى ۋە تەتقىقاتى ئىشلىرى دىرېكتورى جېيمىس تېيگېر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز ئۇلارنى بۇ خىل مەدەنىيەت زوراۋانلىق سىياسىتىگە دەرھال خاتىمە بېرىپ، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز. بىز شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە ئۇنىڭ تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ئىچكى مەسئۇلىيىتىنى خاتىرىلىتىمىز. بىز ئۇلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغىنىمىزدا، بىز يەنە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسى قانۇنى، ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىنىڭ تۈپ پرىنسىپلىرىغىمۇ ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان بولىمىز».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ناگىز مۇھەممەدنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق تەقىب ئاستىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۈپ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭ باياناتىدا، خىتاينىڭ «قانۇن-بەلگىلىمىلرىدىكى مۈجمەللىك ھەرقانداق ئاممىۋى ۋە دىنىي ئىپادىلەرنى جىنايەتلەشتۈرۈپ، رايوندا ھېچقانداق ئاۋازغا بوشلۇق قويمىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پروگرامما مەسئۇلى زۇمرەتئاي ئەركىن 29-ئاپرېل رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇر ۋە قازاق مەدەنىيەت سەرخىللىرىنى مەقسەتلىك نىشانغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ئادەملەرگە قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتە ئاۋازى بار، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇۋاتقان ئادەملەر. خىتاينىڭ مەقسىتى مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىش بولغاچقا نىشانىنى بۇ ئادەملەرگە قاراتتى، دەپ ئويلايمىز».

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىدىكى جېيمىس تېيگېر خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى تۈپ مەقسىتىگە قارىتا ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش پىكىردە. ئۇ خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتى دەۋرىمىزدىكى ئەڭ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ دەۋرىمىزدە ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان سۆز ئەركىنلىكى، ئىپادە ئەركىنلىكى، دىنىي، مەدەنىيەت ۋە تىل ھوقۇقىغا قارىتا سىستېمىلىق بىر باستۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باستۇرۇشتا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت يازغۇچىلىرىنى، شائىر، ژۇرنالىست، نەشرىياتچى ۋە زىيالىي قاتارلىق مەدەنىيەت سەرخىللىرىنى نىشانغا ئېلىشى شۈبھىسىز. پاكىت شۇكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرى ۋە ئىجادكارلىرى يىغىۋېلىندى، تۇتقۇن قىلىندى ياكى غايىب بولدى. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ سىياسەتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەقسىتى رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتۇر».

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بىر ھۆكۈمەتنىڭ 21-ئەسىردە باشقا مەدەنىيەتنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشى «ئەخلاقىي كرىزىس» ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئومۇميۈزلۈك تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. بۇ يەردە پۈتۈن بىر مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىش خەۋپى مەۋجۇت. ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاسرايدىغان ھەرقانداق ئىنسانغا نىسبەتەن بۇ بىر ھۇجۇم ۋە يىرگىنچلىك، دەپ قارىلىشى كېرەك. 21-ئەسىردە بىر ھۆكۈمەتنىڭ بىر مەدەنىيەتنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشى بىر ئەخلاقى بۆھراندۇر».

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناگىز مۇھەممەد 2018-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئالتايدا ساقچىخانا چاقىرتىلىپ، ئۇنىڭ قازاقىستان زىيارىتى ھەققىدە سوراق قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. 2018-يىلى 12-ئايدا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ناگىزنىڭ سوراق جەريانىدا قىيىن-قىستاققا ئۇچراپ، سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى، 2019-يىلنىڭ باشلىرى ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئازراق ياخشىلانغاندا تۈرمىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.