غايىپ دوختۇر سەييارە نىجاتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى داۋەن ئاياللار قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

تۆت يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ غايىپ دوختۇرى سەييارە نىجات ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، سەييارە نىجاتنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى داۋەن ئاياللار قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئەمما ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، بولۇپمۇ ساقچىلارنىڭ سەييارەنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئائىلىسىگە نېمە ئۈچۈن ئۇچۇر بەرمەيۋاتقانلىقىنىڭ سىرى تېخى مەلۇم بولمىدى.

ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سەييارە نىجات خانىمنى تۇرۇش بۇيرۇقى.

غايىپ دوختۇر سەييارە نىجاتنىڭ 4 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمەسىلىكى، مەزكۇر ئائىلە ئەزالىرىدا سەييارنىڭ ھاياتىي ئامانلىقى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلغان. سەييارنىڭ تۈركىيەدىكى ھەدىسى نادىرە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «سەييارەنىڭ ئامېرىكادىكى كىچىك ئاپىسى پەرىدە خانىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، غۇلجادىكى ساقچى خادىملىرى سەييارەنىڭ دادىسىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، ھەركەتكە كېلىپ ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورگانلىرىدىن ئەھۋال سۈرۈشتە قىلغان؛ ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، بۇلار ئۇچۇر ئالالمىغان ۋە سەييارەنىڭ ئائىلىسنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ سۈرۈشتە قىلىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلغان.»

بىز سەييارەنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىسى تەۋە بولغان ساقچى ئورگانلىرىدىن سەييارە نىجاتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى بىر ئەمەلدار، سەييارە نىجاتنىڭ دېلوسىنى تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى ئىشلەۋاتقانلىقىنى ۋە شۇلاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما سەييارەنىڭ قانداق بىر دېلوغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

پەرىدە خانىم يەنە سەييارەنىڭ باشلانغۇچتىن ئالىي مەكتەپكە قەدەر، ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن باش چۆكۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتقان، مەسئۇلىيەتچان بىر كەسپ ئەھلى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا خۇددى رايوندىكى باشقا تۇتقۇنلارغا ئوخشاشلا مىللىي كىملىك ئارقا كۆرۈنۈشى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمىمۇ سەييارە نىجات ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى، ئەمما ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. بىز ئاخىرى سەييارە نىجات ئولتۇرۇشلۇق تەۋەلىكتىكى ساقچىخانا خادىمىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئالاقىدار خادىم دەسلەپكى جاۋابىدا ئۆزى باشقۇرىۋاتقان تەۋەلىكتە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن نورمال كۆرۈشىۋاتقانلىقىنى، ئائىلە ئەزالىرىغا ئۇچۇر بەرمەسلىك ئەھۋالىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭغا ئۆز تەۋەلىكىدىكى سەييارە نىجاتنىڭ 3 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوقلۇقى، ئائىلىسىنىڭمۇ ئۇچۇر ئالالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۇ سەييارەنى ئۆزلىرىنىڭ تۇتمىغانلىقىنى، ئۇنى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ تۇتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئۆزلىرىنىڭ سەييارەنىڭ ئىز-دېرىكى ھەققىدە ئىلگىرى بىر قاتار ئېنىقلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم سەييارەنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى داۋەن قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن سەييارنىڭ قول تېلېفونىدىن ئاتالمىش «مەسىلە» چىققانلىقى ئۈچۈن بىر كۈنى چۈشتىن كېينلىكتە كوچىدىنلا) بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ئۆيىدىن (تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشاكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن سەييارە نىجات ھەققىدە ئائىلىسىگە نېمە ئۈچۈن ئۇچۇر بېرىلمەيۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، بۇ ھەقتە ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلاشقا ئۆزلىرىنىڭ كۈچى، يەنى ھوقۇقى يەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي دائىرىلىرى2017 ‏-يىلى9 ‏-ئايدا سەييارەنىڭ ئائىلىسىگە بەرگەن تۇتۇپ تۇرۇش ئۇقتۇرىشدا، ئۇنىڭ3 ‏-قاماقخانىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇ3 ‏-قاماقخانا بىلەن بايىقى خادىم تىلغا ئالغان داۋەن ئاياللار تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ بىر ئورۇن ياكى ئەمەسلىكى مەلۇم ئەمەس.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بىر قىسىم تۇتقۇنلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن قەرەللىك ھالدا يۈ تۇرانە ۋە ياكى ئېكراندا كۆرۈشتۈرلمەكتىكەن. سەييارەنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئائىلىسىدىن 4 يىلدىن بۇيان مەخپىي تۇتۇلۇشى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ھەر خىل گۇمان پەيدا قىلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسى سەييارەنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.

سەييارەنىڭ كىچىك ئاپىسى پەرىدە خانىممۇ سەييارىنىڭ ھازىرغىچە غايىپلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلىدۇ.