خىتاي، غايىب ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاي لاگېرلىرىدىكى غايىب ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «3 خىل كۈچلەر» گە ئىشتىراك قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ، «شىنجاڭدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ غايىب بولغانلىقى» توغرىسىدا يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ سۆزى يالغان بولسا، ئۇلارنىڭ غايىب ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ «3 خىل كۈچلەرگە» گە ئىشتىراك قىلغانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ باياناتنى ئۆتكەن يىلى 21-دېكابىر كۈنى باشلانغان خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نارازىلىق پائالىيىتى تۈركىيە جەمئىيىتى ۋە خەلقئارادا بارغانسېرى دىققەتكە سازاۋەر بولۇۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا تەكىتلىشىچە، «شىنجاڭدىكى پۇقرالار چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن نورمال ۋە ئەركىن ئالاقە قىلىۋاتقان» بولۇپ، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلار چەتئەلدە «شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» گە قاتناشقانلار ياكى شىنجاڭدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى «قاتىللىق، باسقۇنچىلىق، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى، ئوغرىلىق ياكى باشقا ئېغىر جىنايەتلەرگە چېتىلىپ، قاماققا ئېلىنغانلار» ئىكەن.

زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ سۆزى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيە ۋە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. تۈركىيەدىكى «كېلەچەك پارتىيەسى» نىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق باش ئەلچى ئۈمىد ياردىم 12-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۈمىد ياردىم مۇنداق دېدى: «بۇ قانداقلارچە ئۇيەردىكى كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ، بىز بۇنى چۈشەنمىدۇق. ئەسلى بىز بۇنى قوبۇلمۇ قىلمايمىز. ئۇيەردىكى كىشىلەردە بۇنداق ئالاقە يوق، ئەگەر تېررورلۇققا ئالاقىدار بىرەرى بولسا، زاتەن تۈركىيەدە تۇرالمايدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ساقچىسى ئۇنىڭغا يول قويمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشى پۈتۈنلەي خاتا».

مەزكۇر پارتىيەنىڭ يەنە بىر مۇئاۋىن رەئىسى سالچۇق ئوزداغ ئۆتكەن ھەپتە كونسۇلخانا ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارنى يوقلاپ، خىتاينى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۈمىد ياردىم 12-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلەش ئورنىغا خىتاينىڭ بېسىمنى بىكار قىلىشى، بەزى ھالقىلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۈمىد ياردىم، ئوتتۇرىدا ناھايىتى چوڭ بىر مەسىلە بارلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىمغا خاتىمە بېرىش مەسىلىنىڭ ھالقىسى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بەزى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ؛ «بۇ رايوندا نېمە ئىشلار بولدى؟ ئۇ لاگېرلاردا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ رايونغا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بېرىشىغا يول قويمايسەن؟ رايوندىن بىر قىسىم جىددىي خەۋەرلەر كەلمەكتە. مانا بۇ ئەسلى مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى ياشانغانلار، ئاياللار، بالىلارنىڭ نامايىشى بىلەن ھەپىلەشمىسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرسۇن».

مەدىنە ھىلالىدىن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ سىڭلىسى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن تۈرك گىراژدانلىرىدۇر. ئۇنىڭ سىڭلىسى مەۋلۇدە ھىلالىدىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇ غۇلجىغا تۇغقان يوقلاپ بارغاندا 2017-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. مەدىنە ھىلالىدىن 12-يانۋار رادىيومىزدا زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق پائالىيەتكە قاتنىشىپ باقمىغانلىقى، ئەگەر ئۇنىڭ سۆزى راست بولسا نېمە ئۈچۈن ھېچقانداق پائالىيەتكە قاتنىشىپ باقمىغان سىڭلىسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى سورىدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن. مەدىنە ھىلالىدىن سىڭلىسىنىڭ تۈركىيە گىراژدانى ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى قويۇپ بېرىپ، تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «مېنىڭ سىڭلىمنىڭ ھېچقانداق گۇناھى يوق» دەپ كۆرسەتتى.

بىز 12-يانۋار كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاي لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر تۈرك گىراژدانلىرىنىڭ مەسىلىسىنى سوراشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن جاۋاب ئالالمىدۇق. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. ۋاشىنگتوندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى سوئالىمىزغا يازما جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى.

تۈركىيەدىكى بەزى قانۇنشۇناس ئادۋوكاتلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نارازىلىق پائالىيىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى، بۇ پائالىيەتنىڭ شۇنداق غەلىبىلىك بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. تۈركىيەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسور، ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندى 12-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بىر بايانات ئېلان قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قېلىشى لاگېر قۇربانلىرى مۇنبىرىنىڭ 3 ھەپتىدىن بېرى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بارغان نامايىشلىرىنىڭ قانچىلىك غەلىبىلىك بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇيەردىكى 20-30 دەك ئۇيغۇر ياش، يەنى ئائىلىسى شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇندىكى بۇ ياشلار تىنچ ھالدا ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى تۈرك جەمئىيىتىدە قىزىقىش قوزغىدى. تۈركىيە جەمئىيىتى ئۇلارنى قوللاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغانلارمۇ ئۇيەرگە بېرىپ، ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بايانات ئېلان قىلىشىغا لاگېر قۇربانلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا قىزىقىش نۇقتىسىغا ئايلىنىشى سەۋەب بولدى».

ئىلياس دوغان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي قانچىلىك تەشۋىقات ئېلىپ بارسا بارسۇن، ئۇنىڭ دۇنيانى ئىشەندۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئىلياس دوغان مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ 4 يىلدىن بېرى سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك قانچىلىك تەشۋىقات ئېلىپ بارسا بارسۇن، دۇنيانى ئىشەندۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ تۈرمىگە تاشلىغان، جازا لاگېرلىرىغا قامىغان ئىنسانلار پەقەت خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن خەتەرلىك، دەپ قارالغان ئىنسانلاردۇر. ئىنسانلارنىڭ ئۇيغۇر ياكى قازاق بولۇپ تۇغۇلۇشتەك تۇغما كىملىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جىنايەت، دەپ قارالماقتا. بۇ فاشىستلارچە مۇئامىلە بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچقانداق ھەقلىق تەرىپى يوق. ئۇنىڭ ئالدىغا ئۇچرىغان ھەممە ئادەمنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىشى ئىشەندۈرەرلىك ئەمەس».

بىراق زۇلھايات ئىسمائىل 11-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئائىلىسى ياكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماسلىقىدا ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەن ياكى تېلېفون نومۇرىنى ئۇنتۇپ قېلىشىمۇ بۇنىڭدىكى بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەگەر ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقانلار خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا ئىلتىماس قىلسا ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس قىلغانلىقى، بىراق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.