تۈركىيەدىكى يوپۇرغۇلۇق مۇھاجىرلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2016-يىلى 5-ئايدا يوپۇرغىدىن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىققان تىجارەتچى ئىبراھىم قۇربان ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ئىز-دېرىكى غايىب بولغان. ئايروپىلان بېلىتى ئېلىنىپ بولغان ئىبراھىم قۇرباننىڭ ئايروپىلان ئۇچۇشقا ئىككى كۈن قالغاندا ئىز-دېرىكى غايىب بولۇشى ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى دوستلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇلار، ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئىبراھىم قۇرباننىڭ يوپۇرغىدا قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكىدىن 2 يىل كېيىن خەۋەر تاپقان. مۇخبىرىمىزنىڭ يوپۇرغىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئىبراھىم قۇرباننىڭ قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى.
ئەسلىدە يوپۇرغىنىڭ تېرىم يېزىسىدىن بولغان ۋە ئۈرۈمچىدە ئابلىز سودا سارىيىدا دۇكان ئېچىۋاتقان تىجارەتچى ئىبراھىم قۇربان، 2016-يىلى 4-ئايدا بىر دوستى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەن. تۈركىيەدىكى ئىككى ھەپتىلىك ساياھىتى جەريانىدا تۈركىيەدە تىجارەت قىلىشنى پىلانلىغان ئىبراھىم قۇربان، شۇ يىلى 5 -ئايدا يوپۇرغىدىن تۈركىيەگە قاراپ ئىككىنچى رەت سەپەر قىلغان. ئەمما ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى غايىب بولغان. ئۇنىڭ بۇ سەپىرىدىن خەۋىرى بولغان ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى دوستلىرى، ئۇ بېلىتىنى ئالغان ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. 2017-يىلى باشلانغان لاگېرغا ئادەم تۇتۇش دولقۇنى، ئىبراھىم قۇربان ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشنى تېخىمۇ مۈمكىنسىزلەشتۈرگەن. ئارىدىن ئىككى يىلچە ئۆتكەندە، ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى دوستلىرى ئىبراھىم قۇرباننىڭ يوپۇرغا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەمەت ئوبۇل تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە تۇتۇلغانلىقى، يوپۇرغىغا ئەكېتىلىپ سوراق قىلىنغانلىقى ۋە قاماقخانىدا قىيىن-قىستاقتىن جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.
يوپۇرغىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن بىر ساقچى خادىمى «بۇنىڭ يۈز بەرگىنى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىش» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، ئىبراھىم قۇرباننىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. تۈركىيەدىكى يوپۇرغۇلۇق مۇھاجىرلارغا كەلگەندە ئۇچۇردا، ئىبراھىم قۇرباننىڭ قانداق بىر گۇمان بىلەن تۇتۇلغانلىقى ۋە نېمە توغرىسىدا سوراق قىلىنغانلىقى دېيىلمىگەن. 3 ئاينىڭ ئالدىدا رادىيومىز قولغا چۈشۈرگەن، يوپۇرغا ناھىيەلىك پارتكومغا ئائىت مەخپىي دوكلاتتا، يوپۇرغىدا 2016 -يىلىدىن باشلاپ خىتايچە «داتوڭليەن» دەپ ئاتالغان چەتئەل بىلەن ئالاقە ئۈزۈش دولقۇنى قوزغالغانلىقى، يەكشەنبەبازار يېزىسىدىنلا چەتئەلگە چىقىپ كەلگەن 46 كىشىدىن 36 نەپىرىنىڭ 2018 -يىلىنىڭ بېشىغا قەدەر كېسىلگەن ۋە لاگېرغا سولانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يوپۇرغىدىكى ساقچى خادىملىرىدىن بىرى، ئىبراھىم قۇرباننىڭ قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئىبراھىم قۇرباننىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرنىڭ ساقچى ساھەسىدىكىلەردىنمۇ مەخپىي تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ خادىم؛ ئۇنىڭ شۇ كۈنلەردە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى ۋە دوختۇرخانىدا ياندۇرۇپ كېلىنگەندە قاماقخانىدا جان ئۈزگەنلىكىنى مەزكۇر دېلوغا قول تىققان ساقچى سەپداشلىرىدىن ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما ئىبراھىم قۇرباننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا يوپۇرغىدا چەتئەلگە چىقىپ كىرگەنلەرلا ئەمەس، چەتئەلدە تۇغقىنى بارلارنىڭمۇ ئېغىر تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ۋە بەزىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈنلا، لاگېرغا سولانغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
يۇقىرىدا، تۈركىيە سەپىرىدە غايىب بولۇپ كەتكەن يوپۇرغا تېرىملىق تىجارەتچى ئىبراھىم قۇربانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇتۇلغانلىقى ۋە يوپۇرغىدا قاماقخانىدا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.
0:00 / 0:00