ئادۋوكات مايكېل پوللاك: ئۇيغۇرلار ھازىر ئەڭ زور كۆلەمدە مەجبۇرىي غايىب قىلىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى خەلق

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خەلقئارا خاتىرە كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن ھەر يىلىدىكى 30-ئاۋغۇست كۈنىدە، دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا غايىب قىلىۋېتىلگەن ھەمدە مەجبۇرىي يوسۇندا يوق قىلىۋېتىلگەن خەلقلەر ۋە كىشىلەر مەخسۇس ئەسلىنىدۇ. ب د ت نىڭ ئالاقىدار قارارىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەجبۇرىي غايىبلىق يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇپ، بۇ ئىزچىل ئوخشىمىغان ئىرق، دىن ۋە سىياسىي مەۋقەگە مەنسۇپ كىشىلەرنى نىشان قىلىپ كەلمەكتە.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس، 2020-يىللىق «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خەلقئارا خاتىرە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەجبۇرىي غايىب بولۇش جىنايىتى ئەۋج ئالدى، كونا دېلولارنىڭ ئازابلىق ئاغرىقى يەنىلا كەسكىن، چۈنكى يوقاپ كەتكەن مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرى نامەلۇم بولۇپ، بۇ جىنايەت يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ يېقىنلىرى تۇرمۇشىدا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن.

گۇتېرېس باياناتىدا يەنە «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا ئاساسەن، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىش ھوقۇقى بار. مەن ئەزا دۆلەتلەرنى بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمەن»، دەپ تەكىتلىگەن.

ب د ت تور بېتىدە بۇ خەلقئارالىق كۈننىڭ بېكىتىلىش تارىخى ھەققىدىكى بايانلاردا، ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى قارارىغا ئاساسەن، 2011-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 30-ئاۋغۇست خەلقئارادا، مەجبۇرىي غايىب قىلىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار كۈنى سۈپىتىدە، رەسمىي تۈردە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.

بىر ھاكىمىيەتنىڭ شەخسلەرنى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشى كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى مەجبۇرىي لاگېرلارغا قاماش بىلەن، مەجبۇرىي غايىب قىلىشنىڭ يېڭى بىر پەللىسىنى ياراتقانلىقى مەلۇم.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 30-ئاۋغۇست خەلقئارا مەجبۇرىي غايىب قىلىنغانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە دۇنيا مىقياسىدا زالىم ھاكىمىيەتلەر، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ساقچىلىرى ياكى ھەربىي خادىملىرى قاتارلىقلارنىڭ قولىدا مەجبۇرىي غايىب بولغان بارلىق كىشىلەرنى ئەسلەيدىغانلىقىنى تەكتلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان بىر يېرىم مىليوندىن 3 مىليونغا قەدەر بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىشنىڭ قۇربانلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆز باياناتىدا، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 2017-يىلى 4-ئاي ۋە 5-ئايلاردىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈشكە باشلىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى ۋە بۇ يەردە سىياسىي تەربىيە، قىيىن-قىستاق ھەم ناچار شارائىتلارغا دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. باياناتتا بۇ ھەقتە «يېقىنقى ئۈچ يىلدا 1 مىليون 800 مىڭدىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ پاناھلىنىش لاگېرىدا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشقا ئۇچرىغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىنغانلىقى، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغانلىقى» كۆرسىتىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا يېقىنقى 3 يىلدا ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەجبۇرىي غايىب قىلىنغان شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندە قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ مىللەت ۋە جەمئىيەتكە قورقۇنچ ھەمدە كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشلىرى ۋە بۇنىڭ تەسىرىدە غايىب قىلىنغانلارنىڭ ئەھۋاللىرىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ياكى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن چەتئەللەردىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئەھۋاللارنىڭ كۆپ يۈز بەرگەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. باياناتتا: «ئۆتكەن 15 يىلدا، 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر 16 ئوخشىمىغان دۆلەتتىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن غايىب بولغان» دېيىلگەن.

باياناتتا تۆۋەندىكىدەك مىساللار كۆرسىتىلگەن: «2009-يىلى 12-ئايدا، 22 ئۇيغۇر كامبودژادىن خىتاي قايتۇرۇلغان ۋە غايىب بولغان. 2015-يىلى 7-ئايدا، 109 ئۇيغۇر تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ۋە غايىب بولغان. 2017-يىلى 7-ئايدا، مىسىردىكى يىگىرمە نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىندى. 2018-يىلى 4-ئايدا، گېرمانىيەدىكى 22 ياشلىق ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچى خاتا ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەھۋالى مەلۇم ئەمەس».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوپچە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشى 2009-يىللاردىن باشلاپ كەسكىنلەشكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنى ئۇيغۇر خەلقىنى جازالاش ۋە باستۇرۇش قورالى سۈپىتىدە داۋاملىق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىزچىل بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز ئەندىشىلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تېگىشلىك ھەل قىلىش چارىلىرى تېپىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەكلەرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىۋاتقان «چەتئەلدىكى ئادالەت» گۇرۇپپىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى مايكېل پولاك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «مېنىڭ ئادۋوكاتلىق تەجربەمدىن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشى، ئۇنىڭ خاراكتېرى ھەمدە كۆلەم جەھەتتە ئەڭ زور ۋە ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. تارىخىي نۇقتىدىن ئالغاندا ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىلار مۇشۇ خىل زور كۆلەملىك مەجبۇرىي غايىب قىلىشنىشڭ قۇربانى بولغان ۋە بۇنىڭ ئازابىتا ھازىرغا قەدەر داۋام قىلماقتا» دېدى.

ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى، ئۇ جاينىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشىدىن باشقا يەنە، يېقىندىن بۇيان مەجبۇرىي غايىبلىقنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندۇرۇلغانلارنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى ھەم ئۇلارنىڭ رەسمىي ئەدلىيە تارماقلىرى ئارقىلىق لاگېرلارغا قامالغانلارغا ئادالەت تەلەپ قىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇ، بۇلارنىڭ خەلقئارا جامائەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

مايكېل پولاك يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كومىتېتى ۋە مەجبۇرىي غايىب بولۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىمىنىڭ قوللىشى بىلەن، دۆلەتلەرنى مەجبۇرىي غايىب بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئىزدەش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىغا بولغان ياردەمنى ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «چۈنكى بارلىق دۆلەتلەردىكى بارلىق كىشىلەرنى مەجبۇرىي غايىب بولۇشتىن قوغداش ئەھدىنامىسىدە كۆرسىتىلگەن ۋە تەستىقلانغان قانۇنلارغا سالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچرۋاتقانىنى مىللەت سۆپىتىدە كەڭ كۆلەملىك كوللېكتىپ يوق قىلىنىش كاتېگورىيەسىگە چۈشىدۇ. كومىتېتنىڭ شەخسىي ئەرزلەرنى تەكشۈرۈپ، ئىشەنچلىك ۋە بىتەرەپ ئەدلىيە تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشى بۇ ۋەھشىي جىنايەتنى تۆگىتىشنىڭ بىرىنچى ۋە ھەل قىلغۇچ قەدىمى بۆلىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتايمۇ بۇ ئەھدىنامىگە قول قويغان دۆلەت».

2006-يىلى ب د ت ئومۇمىي مەجلىسى يەنە خەلقئارالىق بارلىق كىشىلەرنى مەجبۇرىي غايىب بولۇشتىن قوغداش ئەھدىنامىسىنى ماقۇللاپ، تۇتقۇن قىلىنغان كىشىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بۇ كىشىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بەرگەن. شۇنىڭدەك مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ دەپ بېكىتىلگەن.