قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى غېنى باتۇرنىڭ قەبرىسىدە ئۇنى ياد ئەتتى

0:00 / 0:00

تارىختىن مەلۇمكى، 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى كوممۇنىست خىتاي جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا خىتاي خەلق-ئازادلىق ئارمىيەسى قىسىملىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەنىدى.

ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى ئۆزلىرى ئۈچۈن ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئەشۇ ۋاقىتتىكى ئىشغالىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىشىدۇ. ئەنە شۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندىكى بىر توپ ئۇيغۇر يىگتباشلىرى ئۆز سەپداشلىرى بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قەھرىمانى غەنى باتۇرنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى ھەمدە قەبرىنى سۈپۈرۈپ، ئەتراپنى تازىلىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ قەبرىنى سۈپۈرۈپ، ئەتراپنى تازىلىدى. 2021-يىلى 1-ئۆكتەبىر، قازاقىستان.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ قەبرىنى سۈپۈرۈپ، ئەتراپنى تازىلىدى. 2021-يىلى 1-ئۆكتەبىر، قازاقىستان.

مەلۇمكى 1950-يىللاردىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەقىبلەش ھەرىكەتلىرى باشلاندى. شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى ۋە مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قازاقىستانغا كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى. خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇرمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئەينى ئەنە شۇ سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىنى ۋە غېنى باتۇرنى خاتىرىلەپ ھەم بۇ جەھەتتە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ئۆزبېكستاندا، ئاندىن قازاقىستاندا ياشىغان بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا 119، ۋاپات بولغىنىغا 40 يىل تولدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. 2021-يىلى 1-ئۆكتەبىر، قازاقىستان.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. 2021-يىلى 1-ئۆكتەبىر، قازاقىستان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، غېنى باتۇرنىڭ ئاخىرقى ھاياتى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ ئىلگىرىكى سوتسىيالىستىك قازاقىستان، ھازىرقى «ژاڭا تۇرمىس» يېزىسىدا ئۆتكەن. غېنى باتۇر 1981-يىلى ۋاپات بولۇپ، 1982-يىلى ئۇنىڭغا يادىكارلىق ئورنىتىلغان. شۇنىڭدىن بۇيان ھەر يىللىرى مەزكۇر يادىكارلىقنى رېمونت قىلىش، ئەتراپىنى ئاۋاتلاشتۇرۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىپ كەلگەن. يېقىندا، يەنى 1-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ يەردە شەنبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، مەرھۇمغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.

بىز غېنى باتۇر يادىكارلىقىنىڭ ئورنىتىلىش تارىخى ۋە ئۇنى كۈتۈش بويىچە قىلىنغان ئىش-پائالىيەتلەردىن مەلۇمات ئىگىلەش مەقسىتىدە ئالمۇتا شەھىرى سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ باش يىگىت بېشى نىزامدىن گارايېف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

نىزامدىن گارايېف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قاچان ئۆزلىرىنىڭ ئاتاقلىق دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابلىرىنى، ئالىملىرىنى، يازغۇچىلىرىنى، سەنئەتكارلىرىنى، مىللىي قەھرىمانلىرىنى ياد ئېتىپ كەلگەنلىكىنى، شۇ جۈملىدىن خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ ئىسمىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە ياخشى تونۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «غېنى باتۇر 1981-يىلى دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىن 1982-يىلى زىيالىيلار بىرلىشىپ، شۇ ئاتىمىزغا ئاتاپ بىر ھەيكەل تۇرغۇزۇش قارارىغا كېلىدۇ. بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ‹تۇسكىىز› فابرىكىسىنىڭ دىرېكتورى تۇرسۇن پالتاشېفقا تاپشۇرىدۇ. ھەيكەلنى پولەك خەلقىنىڭ مېمارچىسى ياساپ چىقىدۇ. 2011-يىلى قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى بۇ ئىشنى قولغا ئالىدۇ. 2019-يىلى ژاڭا تۇرمىس يېزىسىنىڭ يۇرتى، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەر بۇ تەشەببۇسنى يەنە كۆتۈرىدۇ ۋە ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ يىگىت بېشى رېھىمجان ئىبدىمىنوفقا چىقىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ يالغۇز سىلەرنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەھرىمانى› دەپ نەزىر ئۆتكۈزىدۇ. رېسپۇبلىكىلىق، شەھەرلىك يىگىت باشلىرى يىغىلىپ، بۇنى رەتلەش قارارىغا كېلىدۇ. مەبلەغ يىغىشتا بولۇپمۇ ئوبلاستلىق مەشرەپ بېگى دولقۇن رازىيېف بۇ ئىشنى قولغا ئالىدۇ».

ئىگىلىشىمىزچە، 2011-يىلى تۇنجى قېتىم غېنى باتۇر يادىكارلىقىنى قايتىدىن ئورنىتىش ئىشلىرى رىشات ئازنىباقىيېف رەھبەرلىكىدىكى قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانىكەن. مەزكۇر تەشكىلات ياشلار بىلەن بىرلىكتە خەيرخاھلىق كونسېرتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مەبلەغ توپلىسا، ئەخمەتجان شەردىنوف باشقۇرغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە تىجارەتچىلەر تېخنىكا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە باشقىلار بىلەن ياردەملەشكەن.

نىزامدىن گارايېفنىڭ ئېيتىشىچە، غېنى باتۇر يادىكارلىقىدا قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشكە بولۇپمۇ بىلال ھوشۇروف، ھۆجەت مەھەللىسى يىگىت بېشىنىڭ ئورۇنباسارى توختاخۇن خوجايېف، ژاڭا تۇرمىس يېزىسىنىڭ يىگىت بېشى ئىمىنجان ھېزىموف، چىمكەنت شەھىرىدىن يارمۇھەممەت ئىسكەندەروف ۋە باشقىمۇ مىللەت جانكۆيەرلىرى يېقىندىن ئارىلاشقانىكەن. يادىكارلىقنىڭ ئەتراپى قۇرغاقچىلىقتىن كۆپ زەرداب چەككەنلىكتىن دولقۇن رازىيېف باشلىغان مەشرەپ ئەھلى ۋە يىگىتباشلىرى ئىتتىپاقى بىرلىشىپ، 2021-يىلى سېنتەبىر ئېيىدىن باشلاپ بۇ يەردە سۇ چىقىرىپ، ئەتراپنى ئاۋاتلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى يەنە قولغا ئالغان ۋە بۇ ئىشنى كېلەچەكتىمۇ داۋاملىق يۈرگۈزۈشكە كېلىشكەن.

ئەينى ۋاقىتلاردا غېنى باتۇر بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن قوشنا ئولتۇرغان، ھازىر ئالمۇتانىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە تۇرىدىغان ئاتاقلىق ھەزىلچى-چاقچاقچى سابىرجان غاپپاروف ئۇنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «مەن غېنىكامنى 1947-يىلى يېنىمىزدىكى ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئارىلىشىپ يۈردۇق. غېنى ئاكا ئېگىز، كېلىشكەن، كۈچلۈك، مەرد ئادەم ئىدى. بىزنىڭ بايرىقىمىز يۆتكەلگەندىن كېيىن ئۇ ئادەمنى تۇيۇقسىز بۇ ياققا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئۆزبېكىستاننىڭ پاختارال تەرەپتە ئىگىلىك دىرېكتورى بولۇپ ئىشلىدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا نېمىشقىدۇر بۇ ئادەمنى بۇ ياققا ئەۋەتىپتۇ. قونايېفقا ئىككى قېتىم كىرىپ، شەھەردىن ئەمەس، جەنۇبىي قازاقىستاندا يەر بېرىپ، ئۆي سالدى. ئاغرىپ يېتىپ، تۈگەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن دۆڭدىكى تۇپراق بېشىدىن ئورۇن ئېلىپ بەردى. غېنى ئاكىنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىشقا، ئۆلۈم ئىشلىرىغا تۇرسۇن ئاكا پالتاشېف ۋە ھاشىر ئاكا ۋاھىدىلار ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقاردى. ھازىرقى ياشلىرىمىز ياخشى. غېنى ئاكىنىڭ بېشىدىكى يوللارنى ياساپ، نەزىر-چىراقلارنى ئۆتكۈزۈش ئوخشاش ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ»

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىلغار زىيالىيلارنىڭ بىرى تېيىپھاجى سابىتوفنىڭ ئوغلى تونۇلغان ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف غېنى باتۇرنى غۇلجىدا 8-10 ياشلىرىدا تۇنجى قېتىم كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «ئاق بوز ئات مىنىپ، سۈسەر تۇماقلىق ئېگىز، بەستلىك بىر كىشى كېلىپ، بىزنىڭ ئۆيدە مېھمان بولدى. دادام بىلەن ئۇزاق مۇڭداشتى. بۇلار 1937-1944-يىللاردا ئۈرۈمچىدە شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە بىللە ياتقان ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن 1966-1967-يىللىرى تاشكەنتكە ئوقۇشقا بارغاندا، بىر كۈنى غېنى باتۇر كەلدى دېدى. مەن سالام بېرەي دەپ يۈگۈرۈپ باردىم. ئۇ ‹ھاجىكامنىڭ بالىسىغۇ سەن، كۆزۈڭدىن تونۇۋاتىمەن سېنى› دەپ، قولۇمنى قويۇپ بەرمەي، پېشانەمدىن بىرنى سۆيدى».

يادىكار سابىتوف 1974-يىللىرى شۇ ۋاقىتتىكى «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ قوشۇمچىسى ئەرەب يېزىقىدىكى «يېڭى ھايات» گېزىتىدە ئىشلەۋاتقان پەيتىدە غېنى باتۇرنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەنلىكىنى ئەسلىدى. يادىكار سابىتوفنىڭ ئېيتىشىچە، غېنى باتۇر ئۆزى بىلەن بىللە تۈرمىدە ياتقان شۇ گېزىتتە ئىشلەۋاتقان ئاتاقلىق تەرجىمانلار تۇرسۇن دەرىيا ۋە ئەنۋەر لۇقمانوفلارنى كۆرۈشكە كەلگەنىكەن.

يادىكار سابىتوف غېنى باتۇرنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش بويىچە قىلىنىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى: «غېنى ئاكا پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى، مۇستەقىل ياشىشىغا بېغىشلىغان خەلق قەھرىمانى. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى، ئاتاقلىق ئىنقىلابچى، يازغۇچى يۈسۈپبەك مۇخلىسوف، مەسۈمجان زۇلپىقاروف غېنى باتۇر ھەققىدە رومانلارنى، ئەسلىمىلەرنى يازغان. ۋەتەندىمۇ يېزىلدى، كېيىن غېنى باتۇرلارنى ئۇ ياقتا ئەتىمالىم چەكلەۋەتكەن بولۇش كېرەك، ئانچە يازمىدى. غېنى باتۇردەك باتۇرلارنى ئەسلەپ تۇرۇش بىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ياشلىرىمىز غېنى باتۇرنىڭ قەبرىنى رېمونتتىن ئۆتكۈزۈپ، چىرايلىق بېزەپ، يېقىندا شەنبىلىك ئۇيۇشتۇرۇپ، ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ياشلىرىمىز غېنى باتۇردەك باتۇرلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىقىنى ئۆگىنىشى، ئۈلگە ئېلىشى كېرەك. بىز غېنى باتۇردەك باتۇرلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز»

تارىخىي پاكىتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى نىلقىدا پارتلىغان ئازادلىق ھەرىكىتىدە پارتىزان قوشۇنلىرىنى باشلاپ، ئالدى بىلەن نىلقا، ئاندىن غۇلجا ۋە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ باشقىمۇ رايونلىرىنى خىتاي گومىنداڭ ئەسكەرلىرىدىن ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنىكەن. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، ئۇ ھۆكۈمەت ئەزاسى بولۇپ، ھەربىي سوت رەئىسى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان.