خىتاينىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى داۋاملىق كېڭەيمەكتە
2023.04.26

يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىش ۋە پايدىلىنىش تېخنىكىسىنىڭ ئىزچىل تەرەققىي قىلىشى بىلەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى توشۇش كۆلىمى ۋە سۈرئىتى بارغانچە تېز بولماقتا.
خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4-تۇرۇبا يولى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىن خىتايغا تەبىئىي گاز توشۇيدىغان بۇ تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى 2022-يىل 9-ئايدا باشلانغان بولۇپ، 1300 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى گاز تۇرۇبا يولى تاماملانغان.
بۇ تۇرۇبا يولى غەربتە قىرغىزىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى ئەركەشتامدىن باشلىنىپ، بۈگۈر ناھىيەسى ئارقىلىق تۇرپان ۋە قۇمۇلدىن ئۆتۈپ، نىڭشىيانىڭ جوڭۋېي شەھىرىگە تۇتىشىدىكەن؛ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3340 كىلومېتىر بولۇپ، 2024-يىل قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» خىتاي ھۆكۈمىتى 2002-يىل 7-ئايدىن باشلىغان چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، «غەربنى كەڭ-كۆلەمدە ئېچىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ۋەكىللىك قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدىكەن.
سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش» قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى توشۇش قانىلىنى دېڭىز يولىدىن قۇرۇقلۇققا كېڭەيتىش ئۈچۈن بولۇپ، بۇ قانال ئۇيغۇر رايونىدىن ھالقىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغىچە كېڭەيگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» بىرىنچى تۇرۇبا يولى 4200 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، تارىمدىن چىقىدىغان تەبىئىي گازنى بۈگۈر ئارقىلىق شاڭخەيگە توشۇيدىكەن.
ئىككىنچى تۇرۇبا يولى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىي گازىنى خىتايغا كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇپ، جەنۇبتا قورغاستىن باشلىنىپ، جەنۇبتا گۇاڭجۇ، خوڭكوڭ ۋە شاڭخەيگە تۇتاشتۇرۇلغان؛ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 9102 كىلومېتىرغا يەتكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن، قاپلاش نىسبىتى ئەڭ كۆپ، پايدىلانغان ئادەم ئەڭ كۆپ تەبىئىي گاز يولى ھېسابلىنىدىكەن.
ئۈچىنچى تۇرۇبا يولى يەنە قورغاستىن باشلىنىپ، شەرقتە فۇجىيەن شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان تەبىئىي گاز يولى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7378 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
يۇقىرىقى ئۈچ لىنىيەنىڭ تەبىئىي گاز مەنبەسى تارىم ئويمانلىقىدىن باشقا يەنە تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىدا بۇ دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىمۇ مۇھىم نىشان قىلىنغان.
قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق گىئو-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور شەرىپجان نادىروف ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسىياغا، جۈملىدىن قازاقىستانغا كېلىۋاتقان گىئو-ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ ئاساسەن يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا چوڭ كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا قالغان قازاقىستاندەك دۆلەتلەرنىڭ ئۆز بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەممىسى بىلەن تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا يولى» 2004-يىل رەسمىي ئىشقا كىرىشكەندىن بۇيان ھازىرغىچە ئىچكىرى خىتاي شەھەرلىرىنى 320 مىليارد 100 مىليون كۇپمېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگەن. توشۇلغان تەبىئىي گازلاردىن خىتاينىڭ 400 شەھىرى، 3000 دىن كۆپ كارخانا، 500 مىليوندىن كۆپ ئاھالىسى پايدىلىنىدىكەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ماجۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي كەلگۈسىدە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن سوقۇشۇپ قالسا، ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا بازىسى بولۇپ قالىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى تالان-تاراج قىلىشى ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى›، يەنى خىتاي مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ھەم ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ئىشەنچى يوق. ئەگەر ئۇلار تەيۋەن، ئامېرىكا ياكى مەدەنىيەتلىك دۇنيا بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، شۇنى بىلىدۇكى، ئۇيغۇر رايونى ئۇلارنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر قانال. خىتاي بېسىۋالغان زېمىن ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىلا ئېنېرگىيە بايلىقى ئەڭ مول رايون، شۇڭا خىتاي بۇ زېمىنغا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ».
تارىم ئويمانلىقى خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەبىئىي گاز مەنبەسى بولۇپ، «خىتاي خەۋەرلىرى» تورى بۇ يىل 2-ئايدا بەرگەن خەۋەردە، تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىلغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ يىلسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى، 2022-يىلدىلا تارىم ۋادىسىدىن 30 مىليارد كۇپمېتىردىن كۆپ تەبىئىي گاز ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن بايلىق قېزىۋاتقان ۋە توشۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كۆپلىگەن خىتاي ئىشلەمچىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەش ۋە يەرلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان «8 چوڭ كەسىپ كۆلىمى» نى بەرپا قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاش، كۆمۈردىن توك ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تارىم ئويمانلىقىدىكى تەبىئىي گاز بىلەن ئىچكىرى خىتاينى پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، تۇپراق بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقنى ئۇيغۇر ئېلىغا قالدۇرۇپ قويغان.
خىتاي ھەقىقەتەن بۇ زېمىندىكى بايلىقنى دەپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىچىلىق قىلغانمۇ؟ ما جۈ ئەپەندى بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر خىتاي بۇ زېمىننى ساقلاپ قالالمىسا، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ئەگەر ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمىسا ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتىمەن دېگىنى خام خىيال. شۇڭا خىتاينىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقلا ئەمەس، 15-، 16-ئەسىرلەردىن باشلانغان مۇستەملىكىچىلىكنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشى. بۇنىڭ ۋەھشىيلىك دەرىجىسى ئۆتكەن ئەسىرلەردىكىدىن ئېشىپ چۈشتى. كىشىلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قانداقتۇر مەدەنىيەت توقۇنۇشى، دىنلار توقۇنۇشىغا باغلايدۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتى بۇ زېمىندىكى بايلىق، خىتاي ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇ زېمىننى خام ئەشيا ۋە ئېنېرگىيە بازىسى قىلىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ھەر تەرەپتىن، شۇنداقلا ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن ئويلىغان پىلانىدۇر».
ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي گېنرالى ليۇ ياجونىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى نېفىت تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى غەربىي رايوندىن سۈمۈرۈشنىڭ داغدام يولىنى ئاچقان، ئۇيغۇر رايونى بۇنىڭ مەركىزىي تۈگۈنىگە ئايلانغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن خىتاي بۇ زېمىنغا مەڭگۈلۈك ئىگىدارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسىتىنى باشلىغان.