گېرمانىيەنىڭ «باۋارىيە» ناملىق ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئامېرىكا، ھىندىستان، ياپونىيە ۋە كورېيەنىڭ خىتايغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا قاراپ يولغا چىقىشى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولماقتا ئىدى. مۇشۇنداق بىر چاغدا ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئانتونىي كاللىگې گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتىدە 2-ئاۋغۇست «ئەگەر غەرب شەرققە تايىنىپ قالغاندا» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قارشى يەنىمۇ دادىل قەدەم ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ماقالىدا ئانجىلا مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى پوزىتسىيەسىدە تەۋرىنىش بارلىقى، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا، خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە تەيۋەنگە بولغان تەھدىتكە ئىزچىل سەل قاراپ كېلىۋاتقانلىقى، V W غا ئوخشاش خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ ھېلىھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپكە ئېرىشىۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەندىن كېيىن، يېڭىدىن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدىغان گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەسكىن بىر خىتاي سىياسىتىنى بەرپا قىلىشى، بۇ ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنغان.
3-ئاۋغۇست گېرمانىيەلىك تارىخچى ۋە سىياسەتچى پروفېسسور تىيو زوممېر «زامان» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «غەرب خىتايغا قارشى بىر مەيداننى تېپىشى كېرەك» ناملىق ماقالىسىدىمۇ ھازىرقى جىددىي سىياسىي ۋەزىيەتتە خىتايغا قارشى كۈچلۈك بىر ياۋروپانىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرىيەتلىرىنى بايان قىلغان.
ماقالە مۇنداق جۈملىلەر بىلەن باشلىنىدۇ: «مۇستەبىتلىكنىڭ دېموكراتىيەگە قارشى ئۇرۇشىدا، خىتاينىڭ يېڭىدىن قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ھۆكۈمرانلىق ئورنى ۋاشىنگتوننىڭ قەتئىي ئىرادىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى، شى جىنپىڭنىڭ چېگرا بەلگىلەش قارا نىيىتى چەكلىمىگە ئۇچرىدى». «جوۋ بايدېننىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ ترامپنىڭكىدىن ماھىيەتلىك بىر پەرقى يوق. ئۇمۇ تور ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان خۇئاۋېيغا ئوخشاش تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى چەكلەشنى داۋاملاشتۇردى ۋە تېخىمۇ كۈچەيتتى. خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا يۈرگۈزدى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبنامىسىنى قوللىدى. ترامپ ۋە ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيوغا ئوخشاشلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن يىراقلاشتى. مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇرۇنۇشىنى، شى جىنپىڭنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش قارا نىيىتىنى بەربات قىلدى».
ماقالىدا يەنە مۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلىدۇ: «خىتاينىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ھە دەپ شى جىنپىڭنىڭ ‹شەرق يۈكسەلمەكتە، غەرب چۆكمەكتە› دېگەن سەپسەتىسىنى بازارغا سېلىۋاتقان بىر چاغدا، ئالياسكىدا مارت ئېيىدا تارىخىي بىر ئۇچۇرۇشۇش بولۇپ ئۆتتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ياڭ جىئېچى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بىر مەيدان لايدا پومىداقلىشىش جېڭى ئېلىپ باردى. ئانتونىي بىلىنكېن خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى يۈزىگە سالدى، ئامېرىكانىڭ خىتايغا دەيدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېدى: خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، تەيۋەنگە قارىتىلغان تەھدىت، ئامېرىكاغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تور ھۇجۇمى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي بېسىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەرشارىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان خەلقئارالىق تەرتىپلەرگە نىسبەتەن تەھدىت. بۇلار ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى ئەمەس».
«غەرب خىتايغا قارشى بىر مەيداننى تېپىشى كېرەك» ناملىق ماقالىدا يەنە، يېقىندا تيەنجىندە ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا-خىتاي سۆھبىتىنىڭمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، پات ئارىدا يۈز بېرىدىغان خىتاي بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى تور ئۇرۇشىدىن ياۋروپالىقلارنىڭمۇ چەتتە قالمايدىغانلىقى، ياۋروپالىقلارنىڭ خىتايغا قارشى چوقۇم ئېنىق بىر پوزىتسىيەنى بەلگىلىشىنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكى، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى قايسى دەرىجىدە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىشكە ئېھتىياجى بارلىقى، بۇنىڭ ھەقىقىي بىر سىياسىي تاللاش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتىدىن ئويلىشىش ۋە خىتايدىن يىراقلىشىش چۇقانلىرىنىڭ گېرمانىيەدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بىرقىسىم گېرمانىيە شىركەتلىرىنى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشقا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي تەھدىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەر كۈچىيىپ خىتاينىڭ بالقان يېرىم ئارىلىغا ئۇزارغان قولى، شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپادىكى تەسىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوكيان ھالقىغان تاشقى سىياسەتلەرنى بېكىتىش قاتارلىق زور مەسىلىلەرگە ئائىت ئانالىزلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.