15 يىل ئىچىدە غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى خىتاي ئوبرازىنىڭ سۇنۇشى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلىمەكتىكەن.
گېرمانىيەلىك پروفېسسور ئالېكساندېر گۆرلاخ 26-ئىيۇل «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئىقتىسادىي قامال: دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى ئومۇمىي كەيپىيات قوزغىدى» ناملىق بىر ئوبزور ئېلان قىلدى. ئوبزوردا مەركىزى ۋاشىنگتوندا بولغان «پېۋ تەتقىقات مەركىزى» نىڭ ئالدىنقى ئاي ئېلان قىلغان راي سىناش نەتىجىسىدىن مىساللار بېرىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى، خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىقتىسادىي قامال سىياسىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا خىتايغا قارشى ئومۇمىي كەيپىيات قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
«پېۋ تەتقىقات مەركىزى» 30-ئىيۇن ئېلان قىلغان 17 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان 2021-يىللىق راي سىناش نەتىجىسىدە مۇنداق سانلىق مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلگەن: خىتايغا سەلبىي كۆزقاراشتا بولغۇچىلارنىڭ سانى ئامېرىكادا 76 پىرسەنتكە، كانادادا 73 پىرسەنتكە، شىۋېتسىيەدە 80 پىرسەنتكە، گوللاندىيەدە 72 پىرسەنتكە، گېرمانىيەدە 71 پىرسەنتكە، بېلگىيەدە 67 پىرسەنتكە، فىرانسىيەدە 66 پىرسەنتكە، ئەنگلىيەدە 63 پىرسەنتكە، ئىتالىيەدە 60 پىرسەنتكە، ئىسپانىيەدە 57 پىرسەنتكە، گىرېتسىيەدە 42 پىرسەنتكە يېتىپ، ئوتتۇرىچە نىسبىتى 66 پىرسەنت بولغان.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بىرقىسىم ئاسىيا ئەللىرى ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي كۆزقاراشلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرىلىقى بايان قىلىنغان. مەسىلەن: ياپونىيەنىڭ 88 پىرسەنتكە، ئاۋسترالىيەنىڭ 78 پىرسەنتكە، جەنۇبىي كورېيەنىڭ 77 پىرسەنتكە، تەيۋەننىڭ 69 پىرسەنتكە، يېڭى زېلاندىيەنىڭ 67 پىرسەنتكە، سىنگاپورنىڭ 34 پىرسەنتكە يېتىپ ئوتتۇرىچە نىسبىتى 73 پىرسەنت بولغان.
ئوبزوردا بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ 2002-يىلىدىكى راي سىناشقا سېلىشتۇرغاندا غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئاخىرقى 15 يىل ئىچىدە دۇنيا جامائىتىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە ۋە شى جىنپىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ بەربات بولغانلىقىنى دەلىللەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئوبزوردا مۇنداق دېيىلىدۇ: «پۈتۈن دۇنيادا خىتايغا ئىشەنمەسلىك ۋە ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىش كۈچەيمەكتە. دېموكراتىك دۆلەتلەردە سىياسىي تۈزۈلمە بىلەن ئىقتىسادىي ئەركىنلىك بىر گەۋدە سۈپىتىدە ئانالىز قىلىنىدۇ. خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇشلاردىن تاشقىرى، خىتاينىڭ ئىقتىسادنى يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلىشى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ باش تېمىسىغا ئايلانماقتا. خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئوبرازى، سىياسىي تۈزۈلمىسى ئەركىن تىجارەتكە كاپالەتلىك قىلىدىغان غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدە بەربات بولماقتا».
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتايغا نىسبەتەن سىياسىي، ئىقتىسادىي چەكلىمىلەرنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، گېرمانىيەنىڭمۇ بۇ جەھەتتە ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىجابىي قەدەملەرنى بېسىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 26-ئىيۇل ئېلان قىلغان «سىلوۋاكىيە تەيۋەن بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، بەزى شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتايدىن بارغانسېرى ئۇزاقلىشىپ، تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئەمەلىي قەدەملىرىنى بېسىشقا باشلىغان. بۇ يىل 9-ئايدا سىلوۋاكىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، تەيۋەندە ۋاكالەتخانا قۇرىدىكەن ۋە ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي توختاملارنى ئىمزالايدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى لېتۋا ۋە چېخىيەمۇ بۇ يىل كۈزگىچە تەيۋەندە ۋاكالەتخانا قۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ نارازىلىقلىرىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.