بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسى 6-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ئاۋاز بېرىشتە رەت قىلىندى.
خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ قارار ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زىيانكەشلىكىنى داۋاملاشتۇرۇشقا يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى. ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كۈرىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى ئاۋاز بەرگەن ۋە ياكى بىتەرەپ تۇرغان دۆلەتلەر ئاساسەن دېگۈدەك خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان، خىتاينىڭ مەبلىغىدىن پايدىلىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئىدى. تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇ ھەقتە رادىيومىزنڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ غەرب دۇنياسىنىڭ بۇنى پەقەتلا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسدىكى قىممەت قارىشىنى قوغدىيالمىغانلىق، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىنىڭ يالغۇز ب د ت دا ئاۋازغا قويۇلۇش بىلەنلا تۈگىمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلغان «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسى» رەت قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 66 ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. ئۇلار باياناتىدا ب د ت نىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىنى، دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى ۋە خەلقئارالىق سودا-سانائەت جەمئىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسدە ئۆزلىرىنىڭ تىگېشلىك ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان.
مەزكۇر بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغان ئورۇنلارنىڭ بىر بولغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلىش ئارقىلىق، ب د ت ئۆزىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئۆزى دەپسەندە قىلدى. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئەكىلىش ئۈچۈن ب د ت نىڭ باشقا ئورگانلىرى ۋە قوللاپ ئاۋاز بەرگەن دۆلەتلەر بىلەن بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشمىز كېرەك.»
ئۇلار مەزكۇر بىرلەشمە باياناتتا، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى، ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئېلان قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن» لىكى ھەققىدىكى دوكلاتىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇشىنى، ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەرتىپلىرىنىڭ مەزكۇر دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەلىل-ئىسپاتلارنى قايتا ئويلىشىشىنى، ب د ت ئورگانلىرىغا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇ ھەقتە جاۋاب قايتۇرۇشىنى، شۇنداقلا ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەھشىيلىك خەۋپىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە نىشانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرۇشى؛ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر دوكلاتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت ئىسپاتلارغا دىققەت قېلىشى ۋە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر يىغىنىدىكى ۋەكىللەرنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىشى؛UNESCO تەرىپىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى، جۈملىدىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلارنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا بۇزۇلۇشىنى جىددىي تەكشۈرۈشى؛ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيلىكلەرنى سادىر قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلار، بولۇپمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ۋە دۆلەت كونتروللۇقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگىكى پروگراممىلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى دەرھال ئۈزۈشى؛ ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ چىققان شەخسلەرنى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قوغدىشى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۆمەر قانات ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشنىڭ كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان يىغىنى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچەپ تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.»
مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52-قېتىملىق يىغىنى، يەنى كېلەر قېتىملىق يېغىنى 2023-يىلى 3-ئايدا ئېچىلىدىكەن.