ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىشىنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار ماھىيەتتە خىتاينىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە يۇقۇرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان «خىتاي چۈشى» نامىدىكى دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىش ئۇرۇنۇشىغا قايتۇرۇلغان قاتتىق بىر تەستەك، دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىنى ئاساس قىلغان «دۇنيانىڭ زاۋۇتى» بولۇشتەك ئورنىغا تايىنىپ، دۇنيا مىقياسىدا خىتاينى چۆرىدىگەن بىر قاتار «مەنپەئەتدارلىق تورى» ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنى 21-ئەسىردىكى ئەڭ قاباھەتلىك ماكانغا ئايلاندۇرىۋاتقاندا، بۇنداق بىر قارارنىڭ ئېلىنىشى كۆپ تەرەپلىمە مەنىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى بارغانسېرى ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاينى مەركەز قىلغان بۇ «مەنپەئەتدارلىق تورى» دېموكراتىيە ۋە ئىنسانىيلىقنى ئاساس قىلغان غەرپ دۇنياسىغا زۇلمەتنىڭ شولىسىنى چېچىۋاتقاندا غەرپ دۇنياسىدىكى يېتەكچى كۈچلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل زومىگەرلىككە ۋە ياۋۇزلۇققا داۋاملىق سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى «بىر ياقىدىن باش چىقىرىش» شەكلىدە ئىپادىلىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ 25-مارتتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «بلومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرى سورىغان خىتاي ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى بولدى.
پرېزىدېنت جوۋ بايدىن سۆزىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋۇجۇدىدا «دېموكراتىيە» دېگەننىڭ پۇچۇقىمۇ يوق بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە خىتاي بىلەن «دۈشمەنلىشىش» مەسىلىسىدە ئەمەس، بەلكى ئادىللىق ئاساسىدىكى رىقابەت مەسىلىسىدە تىركىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭمۇ ئادىللىق ئاساسىدا ئىش كۆرۈشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە «خىتاي ئەقەللىي قائىدىلەرگە بويسۇنۇشى لازىم. ئۇنداق قىلمايدىكەن بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ. ئامېرىكا خەلقى كىشىلىك ھوقۇقنى قەدىرلەيدۇ. خىتاي بۇ ھەقلەرنى قەدىرلىمەيدىكەن، بىز ئۇنى داۋاملىق بۇ مەسىلىدە ئاگاھلاندۇرىمىز،» دەپ كۆرسەتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ھازىرغا قەدەر ھېچقايسى پرېزىدېنت ئۇيغۇرلارغا نېمە بولۇۋاتقانلىقى، خوڭكوڭغا نېمە بولۇۋاتقانلىقى ياكى خىتاينىڭ ئۆزىدە نېمە بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلىشتىن يالتىيىپ قالغان يېرى يوق» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەيدانىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە باشقىچە شەكىلگە ئايلىنىپ قالمايدىغانلىقىدىن يەنە بىر قېتىم بىشارەت بەردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىپادە قىلغان بۇ مەۋقەنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى تېزلا ئۆزىنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ بۇنىڭغا بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەگىشىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ بىئارام قىلدى. ئادەتلەنگەن كونا ئۇسۇل بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇنغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى «قارا تىزىملىك» كە تىزىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى. بولۇپمۇ ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ دۇنكان سىمىس، نۇسرەت غەنى قاتارلىق بىر قىسىم ئەزالىرىنى، جۈملىدىن فولكلورشۇناس جوئاننى سىمىتنىمۇ بۇ تىزىملىككە قوشۇشنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئامېرىكا پرېزىدىنتى جوۋ بايدىن ئېيتقاندەك «ئەقەللىي قائىدىلەرگە رېئايە قىلىشنى بىلمەيدىغان» بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى.
خىتاينىڭ بۇ خىل ھاماقەتلەرچە «جازا تىزىملىكى» تۇرغۇزۇپ چىقىشى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ئارىسىدىمۇ قاتتىق مەسخىرە پەيدا قىلىپ قالماستىن ئەنگليە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەۋقەسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش رولىنى ئوينىدى. 27-مارت كۈنى ئەنگليە باش مىنىستىرى بورىس جونسون ئەپەندى لوندوندىكى پارلامېنت مەيدانىدا بۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىمى بىلەن يۈزتۇرانە ئۇچراشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەتتىن كېيىن بورىس جونسون بۇ مەسىلە ھەققىدە تىۋېتتېردا ئۇچۇر يوللاپ: «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەقسىزلىكلەرنى دىققىتىمىزگە سۇنۇپ كېلىۋاتقان بۇ كىشىلەر بىلەن سۆزلەشتىم. مەن خىتاي ھۆكۈمىتى ‹جازا› ئېلان قىلغان بۇ كىشىلەر بىلەن قەتئىي بىرگە بولىمەن» دەپ يازدى.
غەرب دۇنياسىدىكى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى قۇدرەتلىك مەملىكەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئىپادىلىگەن بۇ خىل مەۋقە ھەر ساھەدىكى ئانالىزچىلارنىڭ ۋە كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا، بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە يېقىن كەلگۈسىدە 180 گىرادۇسلۇق ئۆزگىرىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ناتايىن، دەپ قارايدىغان بولۇپ، مۇشۇ خىلدىكى قاتماللىقنىڭ خېلى ئۇزۇن داۋام قىلىشى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.