ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن قالسا، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ يېتىلىپ چىقىپ، ئومۇمەن ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئاساسلىق تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مەملىكەتلەردە ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىمۇ يەككە كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرىي سەنئىتىنى باشقا خەلقلەرگە كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرماقتا. ئۇلار ئىچىدە كېلەچىكىدىن زور ئۈمىدلەر كۈتۈلۈۋاتقان كېيىنكى ئەۋلاد ۋەكىللىرىمۇ بار بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى غەيرەت ئىبراھىموفتۇر. ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى يەككە كۆرگەزمىسى يېقىندا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىكى ئۆزبېكىستان رەسساملىق ئاكادېمىيەسىنىڭ تاشكەنت رەسىم ئۆيىدە ئېچىلدى.

كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مۇناسىۋىتى بىلەن مەملىكەتتە كۆرۈلۈۋاتقان چارىلەر سەۋەبىدىن كۆرگەزمىگە 100گە يېقىن ئادەم قاتناشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەر خىل رەسساملىق مەھكىمىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، زىيالىيلار، كۆپلىگەن ياشلار بولدى.
كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە سۆزگە چىققان ئۆزبېكىستان رەسساملىق ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، ئاكادېمىك ئاكمال نۇرىتدىنوف غەيرەت ئىبراھىموفنىڭ مەملىكەتنىڭ تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشۇۋاتقان ئىجادىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭغا ئاكادېمىيەنىڭ «ئالتۇن مېدالى» نى تاپشۇرسا، ئۆزبېكىستان رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم ۋالىخوجايېف ئىتتىپاقىنىڭ پەخرىي يارلىقىنى بەردى.

بىز ھازىر تاشكەنت شەھىرىدە ياشايدىغان رەسسام غەيرەت ئىبراھىموفنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ ئۆز ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئىجادىيەتنى مەن 2001-يىلدىن باشلىدىم. ئۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنىڭ تۇنجى كۆرگەزمەمنى گېرمانىيەنىڭ تاۋكىرخېر دېگەن كىچىك شەھىرىدە ئاچتىم. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ياۋروپادىكى سەپەرلىرىممۇ باشلاندى دېسەم بولىدۇ. فىرانسىيەدىن كېيىن مېنىڭ ئىجادىيىتىمدە تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ باشقىمۇ يۆنىلىشلىرى پەيدا بولدى. مەن ھەم رەسسام-نەققاش، ھەم گرافىك، ھەم ۋىدېيو-رەسسام. كېيىنكى يىللاردا مېنىڭ يەككە كۆرگەزمىلىرىم جەنۇبىي كورېيەنىڭ سېۇل شەھىرىدىمۇ ئۆتتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە تاشكەنت، ئۈرۈمچى، سانكىت-پېتېربۇرگقا ئوخشاش شەھەرلەردە ئۆتكەن كۆرگەزمىلەرگە ئۆز ئەسەرلىرىم بىلەن قاتناشتىم. ئەسەرلىرىمدە شەرق ماۋزۇسى بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر ماۋزۇسىمۇ ئورۇن ئالغان. بۇ قېتىمدا تاشكەنتتە ئۆتكەن›ئىنۋېرسىيە‹دەپ ئاتالغان يەككە كۆرگەزمەمگە 30 غا يېقىن ئەمگىكىم، شۇ جۈملىدىن نەققاشلىق، گرافىكىلىق ۋە ۋىدېيو ئەسەرلىرىم قويۇلدى. بۇ كۆرگەزمە مېنىڭ ئىلگىرى ئۆزبېكىستان تەركىبىدىكى قاراقالپاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساۋىتسكىي نامىدىكى دۆلەت سەنئەت مۇزېيىدا ۋە تاشكەنت رەسىم ئۆيىدە بولۇپ ئۆتكەن بىر قاتار كۆرگەزمىلىرىنىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇ قېتىمدا قويۇلغان ئەسەرلىرىم ئاز بولسىمۇ، ئۇلار يېڭىلاندى. بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى، ئۇنىڭدا نەققاشلىق ۋىدېيو كومپوزىتسىيە بىلەن ئارىلاشقان ھالدا مېڭىپ، مېنىڭ پەقەت رەسساملا ئەمەس، بەلكى رېژىسسور، ئوپېراتور، سېنارىيچى ۋە سەنئەتشۇناس سۈپىتىدىكى ئىجادىي مۇمكىنچىلىكلىرىمنىمۇ نامايان قىلدى.»
غەيرەت ئىبراھىموفنىڭ دېيىشىچە، ۋابا سەۋەبىدىن كۆرگەزمىگە بەزى تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشالمىغانىكەن. ئەمما ئۇ كېلەچەكتە بۇ شەكىلدىكى كۆرگەزمىنى يەنە ئۇيۇشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆزبېكىستانلىق رەسسام، ئۆزبېكىستان رەسسملىق ئاكدېمىيەسىنىڭ ئەزاسى ئىمەر مەنسۈروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «غەيرەت ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن بېرى 20 يىل بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتتى. ئۇنىڭ قىلغان كۆرگەزمىلىرىدە بىللە بولدۇق ھەم ھەممىمىز خۇشال بولدۇق. ئۇ تېخى 40 ياشتا. ئالدىدا يەنە ئىجاد قىلىدىغان ۋاقتى بار. ئۇنىڭ تارىخىمىزدىن چوڭقۇر ئويلۇق باشقا يەنە ئىجادلىرىنى كۆرسىتىپ، كۈچ-قۇۋەتكە تولۇۋاتقان ۋاقتى ھازىر. ئۇنىڭدىن ياخشى نەرسىلەرنى كۈتۈمىز.»
ئىمەر مەنسۇروفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدا بولۇپمۇ قۇتلۇق بەشەروف، مېدەت قاھاروف، ئېنئگېل ئىسقاقوف، ئابدۇمېجىت قاھاروف، لېكىم ئىبراھىموف قاتارلىق تونۇلغان رەسساملار ئاساسلىق رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھاياتتىن ئۆتكەنىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، غەيرەت ئىبراھىموف 1980-يىلى تاشكەنت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بېنكوف نامىدىكى تاشكەنت رەسساملىق مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 2005-يىلى بېكزاد نامىدىكى مىللىي سەنئەت ۋە لايىھىلەش ئىنستىتۇتىدا بىلىم تەھسىل قىلغان ۋە 2010-يىلى ماگىستىرلىقنى تاماملىغان. ئۇ ئۆزبېكىستان رەسساملىق ئاكادېمىيەسىنىڭ رەسساملار ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى. غەيرەت ئىبراھىموفنىڭ يەككە كۆرگەزمىلىرى ياۋروپانىڭ ئاۋسترىيە، فىرانسىيە، ۋېنگىرىيە مەملىكەتلىرىدە ئۆتكەن. بەزى ئەسەرلىرى ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشت شەھىرىدىكى «شەرقىي ئاسىيا مۇزېيى» تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شۇنداقلا قىرغىزىستان، رۇسىيە، قاراقالپاقىستاننىڭ دۆلەت مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتىكەن. رەسسامنىڭ دادىسى لېكىم ئىبراھىموف ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە تونۇلغان رەسسام. ئۇ كۆپلىگەن ژۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارا كۆرگەزمىلەرنىڭ قاتناشقۇچىسى، ئۆزبېكىستان رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، ئۆزبېكىستان رەسساملىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەقىقىي ئەزاسى، ئۆزبېكىستان خەلق رەسسامى. غەيرەت ئىبراھىموفنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە ئاكىسى مۇرات ئىبراھىموفلارمۇ تونۇلغان رەسساملاردۇر.