غايىپ غوپۇر ھاپىزنىڭ ئۆلۈمى ئىككى يىلدىن كېيىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتى ئارقىلىق ئېنىقلانغان
2020.09.18

8-سېنتەبىر ئاۋسترالىيە ۋاقتى كېچىدە ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھرىدە تۇرۇشلۇق شائىرە ۋە پائالىيەتچى پاتىمە غوپۇر ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇ 3 مىنۇتلۇق سىن فىلىمى ئارقىلىق ئۇزۇندىن بۇيان ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان دادىسى غوپۇر ھاپىزنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرىلا ۋاپات بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ئۆلۈم خەۋىرىنى تېخى نەچچە مىنۇتنىڭ ئالدىدا بىلگەنلىكىنى يىغلاپ تۇرۇپ، ئېنگىلىز تىلىدا ئاڭلاتتى.
ئېغىر مۇسىبەت ئىچىدىكى پاتىمە خانىم 16-سېنتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيەدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 8-سېنتەبىر يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ «مەجبۇرى غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى ئېنىقلاش» گۇرۇپپىسىغا 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى يازغان خېتىگە جاۋاپ كەلگەن. ئېلخەتتە ئۇنىڭ بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن ئاپىسى روشەنگۈل ئابدۇرېھىم خانىمنىڭ قەشقەردە ئۆز ئۆيىدە نورمال ياشاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما مەزكۇر خەتتە 2016-يىلى 4-ئايدىن بۇيان پاتىمە بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان، 2017-يىلى لاگېرغا قامالغانلىقى مەلۇم بولغان دادىسى غوپۇر ھاپىزنىڭ 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى، يەنى سىل كېسىلى بىلەن ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلغان.
پاتىمە خانىم ئۆزىنىڭ 2016-يىلى دادىسى بىلەن ئۈندىداردىكى ئالاقىسى ئۈزۈلگەندىن كېيىن، دادىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش جەيرانىنى ئاڭلىتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دادىسى غوپۇر ھاپىز بىلەن بولغان ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۈندىداردىكى ئالاقىسى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇزۇلگەن ئىكەن.
پاتىمە ۋە ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى سىڭلىسى كۆپ تەرەپلىمە سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق دادىسىنىڭ 2017-يىلى 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئالغان.
پاتىمە يەنە قەشقەردىكى ئاپىسى ۋە كىچىك سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە نەزەربەنت قىلىنغانلىقىنى، 1983-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان ئىنىسى ئابدۇسەمى غوپۇرنىڭ 2015-يىلى «تۈركىيە زىيارىتىدە بولغان»، «سەئۇدىي ئەرەبىستانىغا ھەج قىلىشقا بارغان» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن لاگېرغا قامالغانلىق خەۋىرىنى ئالغان.
شۇندىن كېيىن ئۇ «نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش، خىتاي ۋە ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى ئىزدەش، كېيىنچە ب د ت كىلىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا مەكتۇپ يوللاش قاتارلىق كۆپ قاناللار ئارقىلىق دادىسىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان ئىكەن.
پاتىمە خانىم دادىسىنىڭ لاگېردىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكادىكى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا خەت يازغان. ئەمما ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىدىن يېرىم يىلغىچە جاۋاپ كەلمىگەن. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتلىرى ئۇنىڭغا جاۋاپ يېزىپ، ئۇيغۇرلارغا دائىر ھەرقانداق دېلونى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى ئاشكارا بىلدۈرگەن.
پاتىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2019-يىلى «نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسى ۋە ئىنىسىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى، ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
2019-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇ ئاخىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتىنىڭ «مەجبۇرى غايىپ قىلىۋېتىلگەنلەرنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى» غا ئاتا-ئانىسى ۋە ئىنىسىنىڭ پاسپورتى قاتارلىق ماتېرىياللىرىنى يوللاپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان.
2019-يىلى 5-ئايدا ۋاستىلىق قاناللار ئارقىلىق تۇتقۇن قىلىنغان ئىنىسىنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئالغان. ئەمما دادىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن. 2020-يىلى 8-سېنتەبىر كۈنىگە كەلگەندە دادىسىنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرىلا ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كەلگەن. ئەمما خەتتە دادىسىنىڭ قەيەردە، قانداق ھالەتتە ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دىيىلمىگەن.
پاتىمە خانىم يەنە ئىگىرى قەشقەردىكى ساياھەت ئىدارىسىدا ئىشلىگەن، كېيىن قەشقەردىكى «تۇلپار رېستۇرانى» نى ئاچقان، يېقىنقى يىللاردا كورلا بىلەن قەشقەر ئوتتۇرسىدا تىجارەت قىلغان دادىسى غوپۇر ھاپىز ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
پاتىمە خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، دادىسى غوپۇر ھاپىز 1955-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ 1980-1990-يىللاردا قەشقەردىكى «خىتاي ياشلار ساياھەت ئىدارىسى» دا ئىشلىگەن. بۇ سەۋەبتىن دادىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنى ئالداپ قايتۇرۇپ كېلىش ۋە كېيىن ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ جازالىغان ئىشلاردىن خەۋەردار ئىكەن. ئۇندىن باشقا دادىسى يەنە پاكىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ياكى شەخسى زىيارەتتە بولغان ئىكەن. غوپۇر ھاپىز كاللىسى ئۇچۇق، ئۆز قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالايدىغان زىيالىي ئىكەن. پاتىمە خانىمنىڭ قارىشىچە، دادىسىنىڭ قەشقەردىكى ھۆكۈمەت ساھاسىدىكىلەر بىلەن يېقىن ئالاقىسىنىڭ بولۇشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئىچكىي ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولۇشىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى، ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، يوقىتىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىشىغا يېتەرلىك سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا پاتىمە خانىم ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» بىلەن ھەمكارلىشىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ «مەجبۇرى غايىپ قىلىۋېتىلگەنلەرنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى» ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىشىغا ياردەملەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2020-يىل 5-ئايغا قەدەر چەتئەللەردىكى 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ئۈچۈن جەدۋەل تولدۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەمدە بولغان ئىكەن.