ئالتۇن كاننىڭ ئاستىدا قالغان ئىشچىلاردىن خەۋەر يوق، كۆمۈركاندىكى بىر ئىشلەمچى تۈرمىدە جان ئۈزگەن
2023.01.20

غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسىدىكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئالتۇن كان ھەققىدە يەنىمۇ ئىلىگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، كاندىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ 4-ھەپتىسىگە قەدەم قويغانلىقى، ئەمما تېخىچە قۇتقۇزۇشتىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغانلىقى ئايدىڭلاشتى. كان ئاستىدا قالغانلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىقلاشلىرىمىز جەريانىدا، مەزكۇر يېزىدىكى كۆمۈركاندا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان خالىدە ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ يېقىندا تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
خىتاي دائىرىلىرى 24-دېكابىر كۈنى غۇلجا ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە 18 كىشىنىڭ يەر ئاستىدا قالغانلىقى ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەركىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر قېتىم خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما قۇتقۇزۇشنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە تا ھازىرغىچە مەلۇمات بەرمىدى. ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىز داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىمۇ مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگىولى دەل 4 ھەپتە بولغان بولسىمۇ، ئەمما قۇتقۇزۇشنىڭ يەنە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جىددىي قۇتقۇزۇش نازارىتىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى، قۇتقۇزۇشنىڭ نەتىجىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلدى.
بىز مەزكۇر خادىمنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە، غۇلجادىكى ئالتۇن كانغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، ئۆزىنىڭ كان ئۆرۈلگەن كۈندىن ئېتىبارەن قۇتقۇزۇش ھەركىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما ئۇ نۆۋەتتىكى قۇتقۇزۇشنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقى، يەنى جەسەت ئىزدەش ياكى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. بۇ شىركەتتىكى يەنە بىر خادىم، ھازىرغىچە تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ بار-يوقلۇقۇنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئەمما ئۇ كان ئاستىدا قالغانلارنىڭ تېخنىك ئىشچىلار ئەمەس، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللنىدىغان قارا ئىشچىلار ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىدى.
بىز كان ئاستىدا قالغان ۋە كۆپىنىچىسى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان 18 نەپەر خادىمنىڭ كىملىكلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، قاراياغاچ يېزىسىنىڭ كەنت ئامانلىق خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىنىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى، كان ئاستىدا قالغانلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بىز ئۇنىڭدىن مەزكۇر ئالتۇن كاندا ئىشلەۋاتقانلاردىن يېقىندا ئۆلۈپ كەتكەن كىملەر بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئالتۇن كاندىن ئەمەس، كۆمۈركاندا ئۆلۈپ كەتكەن بىر كىشىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر كەنتتە ئىشلەپقچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چىڭخۇا گۇروھىنىڭ كۆمۈر كېنىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان خالىدەم قۇربان ئىسىملىك بىر ئايال ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا تۈرمىدە جان ئۈزگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يولدىشى خېلى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن ۋە ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولغان خالىدەم قۇربان، مەزكۇر كاندا كۆمۈر تېرىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن. ئۇ، 2018-يىلى كۈزدە ئىككى بالىسى بىلەن بىرلىكتە كاننىڭ خالىي بىر جايىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا كۆمۈركان ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ، ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىنغان. يېزىلىق ساقچى خادىملىرى ئۇنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن شۇغۇللىنىش گۇمانى بىلەن شۇ كۈنىلا ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە خالىدەمنىڭ 16 ۋە 17 ياشلاردىكى مەزكۇر ئىككى بالىسىنى 10 يىلنىڭ ئالدىدا بىر «قانۇنسىز دىنىي زات»نىڭ قولىدا ئوقۇتقانلىقى پاش بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «ئىككى بالىسىنى قانۇنسىز ئوقۇتقانلىقى» ئۈچۈن 7 يىلدىن 14 يىل، ئۆزى «قانۇنسىز ناماز ئوقۇغانلىقى» ئۈچۈن 4 يىل بولۇپ، جەمىئىي 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. غۇلجا شەھىرىدىكى بايكۆل ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان 40 ياشلار چامىسىدىكى خالىدە قۇربان، ئەسلىدە بار بولغان شېكەر كېسىلى ئېغىرلىشىپ، ئۆتكەن يىل 11-ئايدا تۈرمىدە جان ئۈزگەن.