غۇلجا شەھەر بايكۆل ئاياللار تۈرمىسىدىن بىر ھەپتىدە ئۈچ كىشىنىڭ جەسىتى چىققانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

غۇلجا شەھەر بايكۆل ئاياللار تۈرمىسى، 2017 ‏-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن بەرپا بولغان تۈرمە بولۇپ، ئۇنىڭدا نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 10 مىڭچە ئايال بارلىقى مەلۇم. ئەڭ يېقىنقى ئىگىلەشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۈرمىدە يېقىندا بىر ھەپتە ئىچىدىلا 3 كىشىنىڭ جەسىتى چىققان، بۇلاردىن ئىككى نەپىرى 33 ۋە 35 ياشلاردىكى ئاچا-سىڭىل، يەنە بىرى بولسا 75 ياشلاردىكى بىر موماي ئىكەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

يېقىندا غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، غۇلجا بايكۆل تۈرمىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئايال مەھبۇسلار بارلىقى، مەھبۇسلار سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ ئىكەنلىكى، بۇ تۈرمە بەرپا بولغان 6 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، مەھبۇسلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا زور دەرىجىدە چېكىنىش يۈز بېرىپ، ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزدى. ئۇچۇردا پاكىت سۈپىتىدە، ئۆتكەن ھەپتە جان ئۈزگەن مەلىكە ۋە مەرزىيە ئىسىملىك ئاچا-سىڭىلنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئارائۆستەڭ يېزىسىدىن ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، غۇلجا تەۋەلىكىدىكى ئەدلىيە خادىملىرى، تۈرمە باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە بىر قىسىم ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.

بايكۆل ئاياللار تۈرمىسىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر خادىمى، ئۆزىنىڭ 8 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، مەھبۇسلاردا ئاغرىق-سىلاق ئىشلىرىنىڭ ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقى، پەقەت ئېغىر ئەھۋال كۆرۈلگەندىلا، يەنى تۈرمە مەشغۇلاتلىرىغا ماسلىشالمايدىغان باسقۇچقا كەلگەندىلا ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىدىغانلىقى ۋە ھەپتىسىگە 20-30 چە كېسەلنى تۈرمە ئىچى ياكى سىرتىدا داۋالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىز ئۇنىڭدىن ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدە ئۆلگەن ئىككى ئاچا-سىڭىلنىڭ كىملىكى ۋە ئۆلۈم سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ تۈرمىنىڭ ئالاقىدار بىر مەسئۇل خادىمىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ مەسئۇل خادىم، ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدە ئۆلگەن موماينىڭ 75 ياشلىق ئايشەمخان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۈچ ئەۋلاد ساقچى ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىپ كەلگەن، بىر ئوغلى قارابۇغرا تۈرمىسىدە، بىر قىزى يېڭىيەر تۈرمىسىدە، ئۆزى بولسا، بايكۆل ئاياللار تۈرمىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزكۇر خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بايكۆل تۈرمىسىدە ئاز دېگەندە 10 مىڭچە ئايال مەھبۇس بار ئىكەن. تۈرمىدىكى ئاتالمىش تەربىيەنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ گەپ قىلغان بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، مەھبۇسلارنىڭ بولۇپمۇ ياشتا چوڭ ياكى سالامەتلىكىدە ئەسلىدە ئاز-تولا مەسىلە بولغان مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىدا ئالاھىدە چېكىنىش يۈز بەرگەن؛ ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ئۆلۈم ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ تۇرغان. ئۆتكەن ھەپتە بۇ تۈرمىدىكى مەھبۇسلاردىن مەرزىيە ۋە مەلىكە ئىسىملىك ئىككى مەھبۇس ئۆپكە ۋە جىگەر كېسەللىرى ئاقىۋىتىدە جان ئۈزگەن.

يۇقىرىدا ئۆتكەن ھەپتە بايكۆل ئاياللار تۈرمىسىدە، مەرزىيە ۋە مەلىكە ئىسىملىك ئاچا-سىڭىل بىلەن بىرلىكتە 3 كىشىنىڭ جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.