غۇلجادىكى قامال ئىجرائاتلىرىدا تەھدىتلەر داۋام قىلماقتا، ئاھالىلەرگە يەنە نامەلۇم دورىلار بېرىلمەكتە

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قامال مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋان ئىجرائاتلىرى ھەر خىل شەكىلدە داۋام قىلماقتىكەن. ئاھالىلەرنى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىش بىلەن قورقۇتۇش ۋە ئۇلارغا نامەلۇم دورىلارنى يىگۈزۈش، قامال داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزۇۋاتقان ۋە ئۇلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان تەدبىرلەردۇر.

خىتاينىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان قامال تەدبىرلىرى كۆپىنچىسى دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋە دۆلەتنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق ئوڭۇشسىزلىق پەيدا قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما لاگېرلار سەۋەبلىك ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى ئاجىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بىر قاتار ئەمەلىي قېيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغان؛ ئۇندىن باشقا كەيپىيات جەھەتتىنمۇ پاراكەنچىدىلىكلەر پەيدا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۈنلەردە غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مازار، دۆڭمازار، ئۈچئون يېزىلىرىدا، مەھەللە كادىرلىرى ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە مەھەللە تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، قامال تۈزۈملىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتىكەن. بۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدا ساقچىلارنىڭ ئورۇن ئېلىشىنىڭ ئۆزىلا، ئاھالىلەرگە تەھدىتلىك سىگنال بەرمەكتىكەن. قورغاس ناھىيەسىنىڭ لەنگەر يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ تۈر تەكشۈرۈشتە ئاھالىلەرگە ئوچۇق ھالدا ئەگەر قامال تۈزۈمىنى بۇزسا، «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىنغان.

سۈيدۇڭ بازىرىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى، كىشىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل تەھدىتلەرگە كۆنۈپ قالغانلىقىنى، شۇڭا ئاھالىلەرنىڭ بۇ تەھدىتلىك تەدبىرلەرگە ئۈن-تىنسىز بويسۇنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ساقلىقنى ساقلاش» نامى بىلەن تارقىتىلىۋاتقان ۋە زورلاپ يېگۈزىلىۋاتقان نامەلۇم دورىلار، ئاھالىلەر ئېغىزىدىن چىقىرالمايۋاتقان، ئەمما تەسىرىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان يەنە بىر ئەندىشىنىڭ مەنبەسىدۇر.

لەنگەر يېزىسىدىكى يەنە بىر كەنت كادىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، ئاھالىلەرگە قايماق رەڭگىدە بىر دورا تارقىتىلغان. بۇ خادىم بۇ دورىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ دورىنىڭ سەھىيە خادىملىرى تەرىپىدىن «كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى» دەپ چۈشەندۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلەرگە نامەلۇم دورىلارنى يېگۈزۈش، تاجىسىمان ۋىرۇس تارقالغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق قامال جەريانىدىمۇ كۆرۈلگەن بىر ئەھۋالدۇر. شۇ قېتىملىق ئېنىقلاشلىرىمىزدا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىسكىلاتلىرىدا بېسىلىپ قالغان دورىلىرىنى سېتىۋاتقانلىقىمۇ ئاشكارىلانغان. خوتەندىكى بىر سەھىيە خادىمى، ئۆزلىرىنىڭ قامال مەزگىلىدە شىجۇاجاڭدا ئىشلەنگەن بىر «جوڭيى» دورىىسىنى سېتىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

ئالدىنقى قېتىملىق تېلېفون زىيارىتىمىز جەريانىدا غۇلجا ناھىيەسىدە نامى ۋە رولى بىلىنمىگەن بۇ دورىلارنىڭ سەھىيە خادىملىرى تەرىپىدىن ئەمەس، كەنت كادىرلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە بولۇشى، يەنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئائىلىلەردە ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابنىلىدىغان ئاتىلار ۋە ئوغۇللارنىڭ تۇتقۇندا بولۇشى، خىتاينىڭ قامال جەريانىدا يوقۇرىقىدەك تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشىغا ئاسانلىق پەيدا قىلغان بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئاھالىلەرنى بۇ تۈردىكى تەھدىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئۆزىنى قوغداشتا ئامالسىز قالدۇرغان.