غۇلجادا جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىدە «دۆلەت تىلى» لا قوللىنىلغان، ئۆلۈم-يېتىملار يەنە داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.09.30
ئۇيغۇرلار يۇقۇم قامالى سەۋەبلىك ئىقتىسادىي ۋە تۇرمۇش كرىزىسىغا يۈزلەنمەكتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇمنى باھانە قىلىپ قامال قىلىشتا ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى سىم ۋە تۆمۈر قوزۇق بىلەن سىرتىدىن تاقىغان كۆرۈنۈش. 2022-يىلى سېنتەبىر.
Social Media

غۇلجادا ۋىرۇس قامالىنىڭ بىر قىسىم جايلاردا بىكار قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما قامال سەۋەب بولغان ئاچلىق ئۆلۈملىرى يەنىلا داۋام قىلماقتا.

مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئاشكارىلىنىشىچە، غۇلجادا قامال مەزگىلىدىكى بۇ ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىلماسلىقىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجادا گەرچە قامالنىڭ پەيدىن-پەي بىكار قىلىنىدىغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا بىر ھەپتە بولغان بولسىمۇ ئاچلىق ئۆلۈملىرى يەنىلا داۋام قىلماقتا.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاچلىق ئۆلۈملىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە غۇلجادا جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شتابىدا ئۇيغۇر تىلى مۇلازىمىتىنىڭ بولماسلىقىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغان. مەزكۇر قوماندانلىق شتابىدىكى بىر نۆۋەتچى خادىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئورۇندا ئۇيغۇر تىللىق مۇلازىمەت يوق بولۇپ، ئاھالىلەر جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلسە، ئاۋۋال كەنت مەسئۇللىرىغا تېلېفون قىلىشى، كەنت مەسئۇللىرى ئۆزلىرى ياكى تەرجىمان ئارقىلىق جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشى كېرەك ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە تىل قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ قۇتقۇزۇشقا مۇراجىئەت قىلىشىنى بەزىدە بىرقانچە سائەت، بەزىدە بىرقانچە كۈن كېچىكتۈرگەن.

مانا مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلار قورغاس ناھىيەسىنىڭ سۈيدۈڭ بازىرىدىمۇ ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرىغا سەۋەب بولغانىكەن. سۈيدۈڭ بازىرىدىكى ئىككى نەپەر كەنت كادىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1-كەنت ئاھالىلىرىدىن سەمەت، غياسىدىن قاتارلىق كىشىلەر، ئاچلىقتىن كېسەل بولۇپ ئېغىر ماغدۇرسىزلانغان ۋە قامال بوشىغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن داۋالاش كېچىككىنى ئۈچۈن ئۈنۈم بەرمىگەن. بۇلار 24- ۋە 25-سېنتەبىر كۈنلىرى جان ئۈزگەن.

كانادادا ياشاۋاتقان غۇلجا ناھىيەلىك بىر مۇھاجىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ بايتوقاي يېزا يەتتەئون كەنتىدىكى توختاخۇن ئابدۇل ئاچلىقتىن ماغدۇرسىزلىنىپ ئېغىر ئاغرىغان. ئايالى رەپىلەم ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ جىددىيلىكىنى بىلدۈرۈپ كەنت مەسئۇللىرىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ياكى ياكى دوختۇر چاقىرىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ تەلەپ قامال تۈزۈمى سەۋەبلىك رەت قىلىنغان. نەتىجىدە 50 ياشلىق توختاخۇن ئابدۇل 17-سېنتەبىر كۈنى ئۆيىدە جان ئۈزگەن. بايتوقايدىكى ساقچى خادىملىرى توختاخۇن ئابدۇلنىڭ قامال مەزگىلىدە ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان، غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قامال مەزگىلدىكى ئۆلۈم ھادىسىلىرى ئىچىدە ئاچلىقتىن ئۆلۈشتىن باشقا، بېرىلگەن نامەلۇم دورىلار رېئاكسىيە قىلىش ۋە دېزىنفىكسىيەدىن زەھەرلىنىش سەۋەبلىرىدىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم ھادىسىلىرىمۇ بەلگىلىك نىسبەت ئىگىلىگەن. قورغاس ناھىيەسىنىڭ كۈرە يېزىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئاياللار مۇدىر ئۆزى باشقۇرۇشىدىكى تەۋەلىكتە قامال مەزگىلىدە تۈگەپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۆلگۈچىلەرنىڭ كىملىكى ۋە ۋە ئۆلۈم سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى ۋە بۇ ھەقتە ئالاقىدار مەسئۇل خادىملاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

يۇقىرىدا غۇلجىدا ئاچىلىقتىن ئۆلۈش ھادىسىنىڭ يەنە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۆلگۈچىلەردىن 3 كىشىنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.