غۇلجادا كۆمۈركاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان قاراياغاچ يېزىسىنىڭ ئاھالىلىرىمۇ كۆمۈر قېيىنچىلىقى تارتماقتا

0:00 / 0:00

غۇلجا ناھىيەسىدە كۆمۈر زاپىسى سەۋەبلىك ئىككى مىڭ مو يېرىنى چىڭخۇا ئېنىرگىيە شىركىتىگە تارتقۇزۇپ قويغان قاراياغاچ يېزىسىنىڭ ئاھالىلىرى، نۆۋەتتىكى قامال مەزگىلىدە ئېغىر دەرىجىدە كۆمۈر قېيىنچىلىقى تارتماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان يۇقۇم قامالى ئايلاردىن بېرى ئاچارچىلىق كرىزىسى پەيدا قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە كەچكۈزنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن يېقىلغۇ كرىزىسى پەيدا قىلماقتا. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردىن بىرىدە، تۇرپاندا ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىسسىنىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى شىكايەت قىلىنغان. يەنە توردىكى ئىنكاسلاردا، كۆمۈر قېيىنچىلىقىنىڭ كۆمۈر زاپىسى مول غۇلجادىمۇ ئاھالىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ ئىنكاسلارغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، زېمىنلىرىنى چىڭخۇا ئېنىرگىيە شىركىتىگە تارتقۇزۇپ قويغان ۋە ئەسلىدە كۆمۈركاننىڭ ھەقىقىي ساھىۈلىرى بولغان غۇلجا ناھىيە قاراياغاچ يېزىسى ئاھالىلىرىنىڭمۇ، كۆمۈر قىيىنچىلىقىنى ئېغىر دەرىنجىدە تارتىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى.

ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، چىڭخۇا ئېنىرگىيە شىركىتى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزا ئاھالىلىرىنى كۆمۈر زاپسى مول بولغان ئىككى مىڭ مو تېرىلغۇ يېرىنى بوشۇتۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىغاندا، ئۇلارغا يارىتىپ بېرىلىدىغان بىر قاتار ئەۋزەل ئىمكانلار قاتارىدا بۇندىن كېيىن كۆمۈر قېيىنچىلىقى تارتمايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ۋەدىلەر بەرگەن. بۇ ۋەدىلەرگە ئىشەنگەن قاراياغاچ يېزا ئاھالىلىرى كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئورۇنلارنىڭ نامۇۋاپلىقلىقى سەۋەبىدىن ئۈچ قېتىم يېزا بويىچە ئۆي كۆچۈشتەك ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، نارازىلىق بىلدۈرمىگەن.

مەزكۇر شىركەتنىڭ كۆمۈركان رايونى 2018 ‏-يىلى ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى پۈتۈن يېزا ئاھالىلىرىنى ھەقسىز كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، پەقەت يېزىنىڭ بىر قىسىم نامرات ئاھالىلىرنىلا بىر ياكى بىرقانچە توننا كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان.

2017‏-باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، ئاساسلىق ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە بۇ يىل قامال مەزگىلىدە پۈتۈنلەي ئۆيىگە سولىنىپ قالغان قاراياغاچ يېزا ئاھالىلىرى، بۇ يىل نامراتلارغا بېرىلىدىغان كۆمۈردىنمۇ مەھرۇم قالغان.

نەتىجىدە كۆمۈر زاپىسىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان مەزكۇر يېزا ئاھالىلىرى، غۇلجادىكى بارلىق ئاھالىلەرگە ئوخشاشلا يېقىلغۇ كرىزىسىغا دۇچ كەلگەن ۋە بۇ كرىزىستىن زارلىنىشقا باشلىغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى نامراتلارغىلا بېرىلىۋاتقان كۆمۈرىنىڭ بۇلتۇردىن باشلاپ پۈتۈنلەي توختىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قاراياغاچ يېزا ئاھالىلرىنىڭ زېمىنىدىن كۆمۈر زاپىسى تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تارتقان زىيانلىرى ۋە چەككەن جاپالىرى كۆمۈر قېيىنچىلىقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان.