«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دىن مىراس قالغان چاقىرىق: مىللىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پىداكارلىق كېرەك
2025.02.06

1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، كۆپ قىسمى ياشلاردىن تەشكىل تاپقان غۇلجا خەلقى خىتاينىڭ يولسىز سىياسىتى ۋە باستۇرۇشلىرىغا قارشى نامايىش قىلغان. نامايىش قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلانغان ۋە ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاينىڭ يېقىنقى دەۋردە ئۇيغۇر ياشلىرىغا قاراتقان قەتلىئامى دەپ قارىغان. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ۋەقە «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىلىپ، ھەر يىلى خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز شۇ ۋەقەنى بىۋاسىتە كۆرگەن شاھىتلار ۋە ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يۈز بەرگەن قەتلىئامنىڭ تەپسىلاتى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى بىلەن بولغان باغلىنىشى ھەققىدە زىيارەت ئېلىپ باردۇق.
شاھىتلار 5-فېۋرال كۈنى نامايىشقا چىققانلار ئىچىدە بىر قانچە يۈز ئادەمنىڭ ئۇرۇپ ۋە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، قىش كۈنى سوغۇق سۇ چىچىش ھەمدە تۇتۇلغانلارنى سوغۇق جايلاردا قاماپ قويۇش نەتىجىسىدە بىرمۇنچە ئادەمنىڭ توڭلاپ ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئەتىسى 6-فېۋرالدا مىڭلىغان كىشى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغان ھەمدە ناھەق قامالغان ياشلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا خەلقىنىڭ بۇ ئورۇنلۇق تەلىپىگە قۇلاق سېلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، قوراللىق كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ خەلقنى ئوققا تۇتۇپ باستۇرغان.
شۇ قېتىملىق نامايىش ھەققىدە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى ئىككى ھەپتىگىچە غۇلجادا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان.
ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىت، تۇرسۇن سەلەي قاتارلىق مەشرەپ گۇرۇپپىلىرىنىڭ يىگىت باشلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار نەچچە يۈزدىن ئاشقان.
كانادادا ياشاۋاتقان گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىم، 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى قانلىق باستۇرۇشى ھەققىدە، 2020-ۋە-2021يىللىرى «5-فېۋرال ئارخىپلىرى» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرغانىدى. ئاپتور كىتابىدا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى، دەپ كۆرسەتكەن. كىتابتا تىلغا ئېلىنىشىچە، ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ مەشرەپ گۇرۇپپىسىدىكى 200 دىن ئارتۇق ياش، 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا كوچىلىرىغا چىقىپ، تىنچ شەكلىدىكى نارازىلىق نامايىشىنى باشلىغان. نامايىش شۇ كۈنى كەچ قانلىق باستۇرۇلغانغا قەدەر، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇشى بىلەن نامايىشچىلار قوشۇنى زورىيىپ، 1000 دىن ئېشىپ كەتكەن. نامايىش باستۇرۇلغاندىن كېيىن، غۇلجىدىكى پۈتكۈل مەشرەپ گۇرۇپپىلىرىدىكى ياشلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنغان. ئەگەر باشقا مەشرەپ گۇرۇپپىسىدىكى ياشلارمۇ بۇ نامايىشقا قاتناشقان بولسا، شۇ كۈندىكى نامايىشچىلار سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.
-5 فېۋرال غۇلجا نامايىشىنىڭ قاتناشقۇچىسى ۋە شاھىتلىرىدىن، مەلۇم بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان يارى ھاجىم، 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا ياشلىرىنىڭ نامايىشىدىن ئىلگىرى گەرچە بۇ نامايىشتىن خەۋەر تاپمىغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئالدىدىكى مەشرەپ پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتناشمىغان بولسىمۇ، شۇ كۈنى ئادەتتىكىدەك ئەتىگەندە ئۆيىدىن ئىشقا قاراپ كېتىۋاتقاندا، يولدا بىر توپ ياشلارنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ، «ئۇيغۇرلارغا ئىش پۇرسىتى بېرىلسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىشىپ نامايىش قىلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ تەسىرلىنىپ، ئۆزلۈكىدىنلا سەپكە قېتىلغانىكەن. نامايىش سېپى، ئەنە شۇنداق ئۆي-ئۆيلەردىن، مەھەللە-مەھەللىدىن چىقىپ قېتىلغان يۈزلىگەن ياشلار بىلەن تېزدىن ئۇلغايغان، ئۇلار يول بويى تىنچلىق بىلەن شوئار توۋلاپ ماڭغان، قېنى قىزىغان بەزى ياشلارنىڭ «بىزگە خىتاينىڭ ھېچنېمىسى كېرەك ئەمەس» دەپ ئۈستىدىكى چاپانلىرىنى تاشلىشى بىلەن، قالغانلارمۇ سوغۇققا قارىماي چاپانلىرىنى، ھەتتا خىتاي تارقاتقان كىملىكلىرىنى تاشلىۋەتكەنىكەن.
يارى ھاجىم، ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىلا 25 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ۋە يېڭى دادا بولغان يىگىت بولۇپ، 28 يىلدىن بۇيان، ئوققا تۇتۇلغان، سۇ چېچىپ توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نالە-پەريادلىرىنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەيدىغانلىقىنى، قانلىق ۋەھشىي كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھازىرغىچە كۆز ئالدىدىن كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. غۇلجىدىكى بۇ قانلىق باستۇرۇش جەريانىغا شاھىت بولغان يارى ھاجى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرۇش جەريانىنى ئويلىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆرگەندەك بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ قولىدا لوزۇنكىدىن باشقا ھېچنېمە يوق ئۇيغۇر ياشلىرىنى باستۇرغان خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنى، «ئۇلار خۇددى دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندەك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
ئەمما ئۇ يەنىلا، ئۆزى دېمەتلىك غۇلجا ياشلىرى بىلەن گىرەلىشىپ ئىلى دەرياسىدەك دولقۇنلىنىپ، ئىشسىزلىق، مىللىي كەمسىتىش، باستۇرۇشلارغا قارشى يۈرەكلىك ھالدا غۇلجىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ ماڭغاندىكى ھاياجانلىق تۇيغۇسىنى «خۇددى توك سوققاندەك» بولغان ئىدى دەپ پەخىرلىنىش ئىچىدە تەسۋىرلەيدۇ.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى-5فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى چەتئەللەردىكى خىتاي جامائىتىگىمۇ تونۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ قارىشىچە، 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز كۈرەش تارىخىمىزدىكى5-فېۋرالدەك ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش ۋە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھېچقاچان ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئىرادىمىزدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، پەيتى كەلگەندە بۇ ئارزۇلىرىمىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە يەنىلا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك» .
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، غۇلجا ياشلىرىنىڭ ئۆز مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ياش ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، غۇلجا ياشلىرىنىڭ شۇ خىل ئويغىنىش روھىغا، پىداكارلىق روھىغا موھتاجمىز» دەيدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئىسپاتلىق يازما ۋە سىنلىق خاتىرىلەپ قالدۇرۇش، ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ياش ئەۋلادلارغا تونۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن پىلانلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.