ت. كۇمار: «خىتاي 25 يىل ئاۋۋالقى غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە بارلىق جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ»

0:00 / 0:00

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 1999-يىلى چوڭ ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلىپ، 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىنىڭ خىتاي قورال كۈچلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلۇشىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىگەنىدى. مەزكۇر دوكلات ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەلقئارالىق بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم دوكلات ئېلان قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ت. كۇمار ئەپەندى، غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ «خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جىنايەتلىرى ئۈستىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ۋە ئۇنىڭ بۇ جىنايەتلەرنى توختىتىشى ئۈچۈن دەرھال تەدبىر ئېلىشى كېرەك» دېدى.

ت. كۇمار ئەپەندى بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 1999-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى» ناملىق مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1997 يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى قوراللىق كۈچ ئىشلىتىپ باستۇرغانلىقىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەزكۇر دوكلات بىلەن تەڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىتاي ساقچى قىسىملىرى غۇلجىغا كۆتۈرۈلگەن تىنچلىق نامايىشىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇپ، كۆپ ساندا ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئېغىر يارىلاندۇرغان، زور تۈركۈم كىشىلەر نامايىش جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. نۇرغۇن تۇتقۇنلار تۈرمىلەردە قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ، بەزىلىرى بۇ سەۋەبتىن تۈرمىدە ئۆلگەن. غۇلجا ۋەقەسى بىلەن تۇتۇلۇپ، ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى تېخىچە مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە غۇلجا ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەنىدى.

مەزكۇر 100 بەتلىك دوكلاتتا يەنە، 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجىدا يۈز بەرگەن نامايىش ۋە ئۇنىڭ سەۋەب-نەتىجىسى، تۇتۇلغانلار، تۈرمىگە قامالغانلار، قىيىن-قىستاقلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، نوپۇس ئەھۋالى «بىڭتۇەن» نىڭ رولى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي، مىللىي، سىياسىي كەمسىتىشلەر، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى قاتارلىق تېمىلار ئورۇن ئالغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا غۇلجا ياشلىرىنىڭ نارازىلىقىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىشى، مەشرەپ ۋە پۇتبول كوماندىلىرىنى تاقىۋېتىشى سەۋەب بولغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.

ئەينى چاغدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولغان، بۇ تەشكىلاتنىڭ سابىق ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى ت. كۇمار ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئاراغا تېخى دېگەندەك تونۇلمىغان ئەينى دەۋردە «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى بۇ دوكلاتنىڭ دۇنيانى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە تۇنجى ئىسپاتلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىنتايىن مۇھىم بىر دوكلات بولغانلىقىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، ئۇ دوكلاتنى مەن مەسئۇل بولۇپ تەييارلىغان. ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. بىز ئۇ چاغدا يالغۇز غۇلجا قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدۇق، مەن شەخسەن يەنە لوندوندىن ۋاشىنگتونغا كېلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭدا ئىسپات بەرگەنىدىم. خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن بۇ قىرغىنچىلىق كىشىنى چۆچۈتكەن بىر ۋەقە بولغانىدى. بىز بۇ ھەقتىكى باياناتىمىزدا خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇ مەسىلە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشقا تىرىشقانىدۇق. بۇ دوكلات چىققاندىن كېيىنلا، نۇرغۇن خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرى بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ مەلۇمات ئېلىشقا باشلىغانىدى».

ت. كۇمار ئەپەندى دوكلاتنى تەييارلاش جەريانىنىڭ ئۇنچە ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى ئەسلەپ يەنە مۇنداق دېدى:

«ئەينى ۋاقىتتا بىز دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى تىبەت ۋە باشقىلار ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىك، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش چەكلەنگەنىدى. ئەلۋەتتە ھازىرمۇ ئوخشاش چەكلىنىدۇ. ئۇ چاغدا تىبەت ۋە باشقا يەرلەرگە نىسبەتەن ئۇيغۇر رايونىغا چەكلىمە تېخىمۇ ئېغىر ئىدى. شۇڭا بىز غۇلجىدىكى باستۇرۇشتا مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىشقا، باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدەك زور ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ھامان، مۇتەخەسسىسلىرىمىز بۇ ئۇچۇرلارنى دەلىللەش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ ئۇچۇر توپلاپ، شاھىتلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ھەمدە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلانغان مەلۇماتلار ئاساسىدا، ۋەقەنى ئىسپاتلاپ مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغانىدۇق. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزدىن ئىنتايىن نەپرەتلەنگەنىدى».

ت. كۇمار ئەپەندى غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىپ ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنى خاتىرىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق بىر قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش ئىنتايىن مۇھىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار شەخسلەر بۈگۈن ئورنىدا يوق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ دۆلەت سۈپىتىدە ئۆتكۈزگەن بۇ قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئۇنى سوراققا تارتىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى جىنايەتلىرىنى داۋام قىلىشتىن دەرھال توختىتىپ ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشى زۆرۈر. خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنىڭمۇ جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالماسلىقى كېرەك».

ت. كۇمار ئەپەندى يەنە غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن دەۋردە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقىدەك تونۇلالمىغانلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئانالىزىنى ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ئەينى چاغدا ئۇيغۇر مەسىلىنىڭ دىققەت قوزغىيالماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭ بىرى، ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىشتا يېتەرلىك ئۇچۇر بولماسلىقى. ئىككىنچىسى دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايدىكى تىبەتلەر ۋە دىنىي ئەركىنلىك، پىلانلىق تۇغۇتقا ئوخشاش باشقا كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسلىرىغا مەركەزلىشىپ قالغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر مەزگىلدە بولسا 2001-يىلى ئامېرىكادا يۈز بەرگەن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئۇلىنىپ باشقا مەسىلىلەرنىڭ نۇقتىلىق مەسىلىگە ئايلىنىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكىدەك ئامىللار، دۇنيانىڭ ئۇلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرگە دىققەت ئاغدۇرالماسلىقىغا سەۋەب بولدى دەپ قارايمەن. خىتايدا ئۇيغۇرلارغا سىياسىي جىنايەت سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغانلىقىدەك مەسىلىلەرنى ئېغىر مەسىلىلەر قاتارىدا ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلگەنىدۇق. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇ جايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە قۇللۇق ئەمگەك مەسىلىلىرى بولسا بۈگۈن دۇنيادىكى ھەممە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ نۇقتىلىق مەسىلىگە ئايلاندى».

سۆھبىتىمىزدە داۋامىدا ت كۇمار ئەپەندى خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇنداق دەپ تەۋسىيە قىلدى: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكىلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسۇن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا بۇنىڭدىن 25 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇيغۇرلار ئۇچراپ كەلگەن بارلىق باستۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ھازىرقى لاگېر مەسىلىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئاڭلىتىشى ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئادالەت تەلەپ قىلىشى كېرەك».

ت. كۇمار ئەپەندى خىتاي سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان 25 يىللىق تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئۇيغۇر مەسىلىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن بۈگۈنىنى سېلىشتۇرغاندا نېمىلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «25 يىللىق بۇ مۇساپىگە قارايدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا كىشىلىك ھوقۇققا بارغانچە ئېغىر ھالدا دەخلى-تەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈمىز. ھەتتا ئۇ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنى سىرتقى دۇنياغا پۈتۈنلەي تاقاپ، ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى قامىغانلىقىدەك ئېغىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. غۇلجا قىرغىنچىلىقى بولسا ئۇيغۇرلار ئۇچراپ كەلگەن ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغاندىن سىرت يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ئېغىر باستۇرۇش بولغانىدى. ھازىر قارايدىغان بولساق خىتاي مەيلى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئالاھىدە كۈچلەندى. ئۇ 25 يىل بۇرۇنقى خىتاي ئەمەس. ئەمما شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ھازىر كىمكى خىتاينى تىلغا ئالسا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغان بىر ۋەزىيەتتە. بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئىنسان ھەقلىرى كومىسسارى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىشى كۈتۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلار بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا 25 يىل بۇرۇنقى بۇ قىرغىنچىلىقنىمۇ ئۇنتۇپ قالماي تىلغا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇرلار ھېچقاچان خىتاي ئىچىدە ئادالەتكە ئېرىشىپ باقمىدى. خىتاينى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ئۈچۈن خەلقئارالىق سوتقا تارتىش ئارقىلىق بۇ ئادالەتنى چوقۇم سوراش لازىم. خىتاينىڭ غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا بارلىق جىنايەتلىرىنىڭ سورىقى ھامان قىلىنىدۇ».

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى غۇلجا قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتتىن كېيىن ھەر يىلى دېگۈدەك غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى باياناتلار ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار، يارىلانغانلار ۋە ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلارنىڭ مەسىلىسىنى توغرا، ئوچۇق ۋە ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىپ كەلمەكتە. 1995-يىلىدىن تارتىپ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدا، ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى، ۋاشىنگتون بيۇروسى دىرېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان، ئۇيغۇرلارنىڭ سادىق دوستى ت. كۇمار ئەپەندى ھازىر يەنە، باش شتابى ۋاشىنگىتوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش خىزمەتلىرىنى داۋام قىلماقتا.