«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇ نامايىش مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

ئىستانبۇلنىڭ سارىيەر دېڭىز بويىدىكى خىتاي كونسولخانىسىغا ماڭىدىغان كوچا ئېغىزى تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇسىۋېلىنغان بولغاچقا، نامايىشچىلار تۇساقتىن ئۆتەلمەي دېڭىز بويىدا نامايىشنى داۋام قىلدى. ھاۋا سوغۇق ھەم قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، نامايىشچىلار قەددىنى تىك تۇتۇپ «زالىم خىتاي ھېساپ بەرسۇن!»، «قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەت!» دېگەندەك شۇئارلار توۋىلاپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قارشى غەزەب-نەپرەتلىرىنى بىلدۈردى.

نامايىش جەرىيانىدا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» غا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلىندى. باياناتنى نامايىشچىلارغا ۋاكالەتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە تاجاۋۇزچى خىتاي تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن قەتلىئامنىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، غۇلجا قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا بارغانسېرى چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققاقارىتا ۋە دۇنيا ئاخباراتلىرى ۋە جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق».

«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 26-يىلى مۇناسىۋەتنى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 5-فېۋرال، تۈركىيە.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 26 يىل ئىلگىرى، يەنى 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان غۇلجا شەھىرىدە رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كېچىسى دۇئا تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان شەرقىي تۈركىستان خانىم-قىزلىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ قاماپ قويۇلغان ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرى تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بارغان ۋە غۇلجادىكى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يۈرۈش قىلغان ئىدى. بىراق ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇلارنىڭ ھەقلىق تەلىپىنى ئورۇنلاشنىڭ ئورنىغا تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرىپ، نامايىشچىلارغا خالىغانچە ئوق چىقارغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نەچچە يۈز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇنلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىدى. نولدىن تۆۋەن 30 گىرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇقتا خىتاي ئەسكەرلىرى قولغا ئېلىنغان ياشلارنىڭ ئۈستىگە سوغۇق سۇ چېچىپ، ئۇلارنى مۇزلىتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى».

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە مۇنداق دېدى: «2-ئاينىڭ 5-كۈنى ناھەق قولغا ئېلىنغان ئاياللارنىڭ قويۇپ بېرىشلىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىنچلىق بىلەن نامايىشنى باشلىغان كىشىلەرگە خىتاي ساقچىلىرى قارا-قۇياق ئوق چىقىرىپ نۇرغۇن كىشىنى شەھىد قىلغان. مۇستەقىل مەنبەلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 4- ۋە 5-فېۋرال كۈنلىرى غۇلجا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، غۇلجىدا مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى شۇنداقلا پۈتكۈل شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھەممە يېرىدە نۇغۇن ساندىكى كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا رايوندىكى بارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ يارىلانغانلارنى داۋالىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ئونلارچە كىشى ۋاقتىدا داۋالىنالماي قانسىراپ كېتىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ كىنوخانا زالىدا سوتلانغاندىن كېيىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، 90 ئۇيغۇرنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى».

«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 26-يىلى مۇناسىۋەتنى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 5-فېۋرال، تۈركىيە.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەردىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلەرنى دەرھال توختىتىشىنى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز يەنە ب د ت ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشتىكى غايە-مەقسەتلىرىنى ئورۇنداشقا چاقىرىمىز. تۈرك كېڭىشى قاتارلىق مىللىي نامدىكى تەشكىلاتلارنىڭ تارىخى ۋە مىللىي مەسئۇلىيىتىنى جىددىي ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

نامايىش جەرىيانىدا يەنە شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام سۆز قىلىپ، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دا شېھىت بولغان قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىرگە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئەرەب تىلىدا سۆز قىلىپ ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقرىق قىلدى.

نامايىشتا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى سۆز قىلىپ، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى ھەرگىز ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۆ سۆزىدە يەنە بۇ قانلىق ۋەقەدىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتاندا زۇلۇمنىڭ بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىغانلىقىنى، تېخىمۇ چېكىدىن ئېشىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى سۆزىدە يەنە تۈركىيە پارلامېنتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقرىق قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 غەرب دۆلىتىنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، ئەمدى نۆۋەت تۈركىيە جۇمھۇرىيتىگە كەلگەنلىكىنى، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ مەسىلىسىنى پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقرىق قىلدى.