دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە بىلەن بۇرسا شەھىرىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدىكى ئۇلۇس مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەتبۇئات بايانات يىغىنىدا سۆز قىلغان «ئىيى» يەنى «ياخش» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۇنۇتماسلىققا چاقىردى.
مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا پارلامېنت ئەزالىرى، «ياخش» پارتىيەسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى ۋە «يېڭى رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى. ئۇلار قولىدا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۇنۇتمايمىز ۋە ئۇنتۇلدۇرمايمىز»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ۋە «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار ۋە كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا شوئار توۋلاشتى. ئالدى بىلەن «ياخش» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
«5-فېۋرال تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق كۈنىدۇر. مەلۇم بولغىنىدەك شەرقىي تۈركىستانلىقلار داۋاملىق قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. غۇلجا قىرغىنچىلىقىمۇ بۇندىن 26 يىل بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، يۈزلىگەن كىشى ئۆلتۈرۈلگەنىدى. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى يتەشكىلاتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زۇلۇم ۋە بېسىمغا ئۇچراۋاتقان تۈركىي خەلقلەر بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. بىز تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى ئۇنۇتمايمىز ۋە خىتايدىن بۇنىڭ ھېسابىنى سورايمىز».

پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئاخبارات باياناتىنىڭ ئاخىرىدا 1990-يىلىدا يۈز بەرگەن بارىن قىرغىنچىلىقى، 1997-يىلىدىكى غۇلجا قىرغىنچىلىقى، 2009-يىلى
7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقلىرىدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ قەتىل قىلىنغانلىقىنى، بۈگۈن بولسا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولغان بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھازىر مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىق جازا لاگېرلىرىدا، بۇنى كۆرمەسلىككە سېلىش، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئورتاق بولغانلىقتۇر. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسى بۇنىڭغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەك. مەن 5-فېۋرال ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش بىلەن بىرلىكتە بارلىق تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمەن.»
2-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ئېچىنىشلىق جەريانى ۋە يېڭى ئوتتۇرىغا چىققان مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن سىرت، مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر ۋەقەگە يۇقىرى باھا بېرىپ ئۆتتى. مەزكۇر يىغىندا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەخمۇت خانىم، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم ۋە د ئۇ ق ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسى دىلشات بارىشچى ۋە ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچى جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىلەر قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

5-فېۋرال كۈنى د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان مەزكۇر يىغىندا ۋەقەنىڭ شاھىتلىرىدىن رەھىمە مەخمۇت خانىم يىغىن ئەھلى ئۇيغۇر ياشلىرىغا غۇلجا ۋەقەسىدە كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئەنقەرەدىكى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى مۇخبىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان ئاخبارات يىغىنىدا 5-فېۋرال قاراڭغۇ كۈننى خاتىرىلەش، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە لەنەت ئوقۇش شۇنداقلا يىغىنىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقىغا قارىتا تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
1997-يىلى 2-ئايدا «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى تۈركىيەدىكى ئا ت ۋ قانىلىدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدە مىڭلىغان كىشى قاتناشقان نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. مەزكۇر سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ كۆرسىتىلگەندىن كېيىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس دوكلاتلار تەييارلىغانىدى. مۇتەخەسسىسلەر «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيەدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەنلىكىنى، دەۋانىڭ خەلقئارالىشىشىنى تېزلەتكەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا.