غۇلجا ۋەقەسنىڭ 24 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 4-فېۋرال كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ سېدنىي شەھرىدە، 5-فېۋرال كۈنى ئادېلايد شەھرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
سىدنېيدىكى ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئۇبۇل ئەپەندى بىلدۈرۈشىچە، غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن 4-فېۋرال كۈنى سىدنېيدىكى ئۇيغۇرلاردىن 30 دىن ئارتۇق كىشى خىتاي كونسولخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ، نامايىش ئېلىپ بارغان. بۇ نامايىشقا سىدېنيدىكى خىتاي دېموكراتچىلارنىڭ 10 نەپەر ۋەكىلىمۇ قاتنىشىپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن.
مەمەت ئۇبۇل ئەپەندى غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرلەش، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى پاش قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىدە بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەمەت ئۇبۇل ئەپەندى نامايىش جەريانىدا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى چىقرىشنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بەختىيار بۆرە ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سىدنېيدىكى نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بەختىيار بۆرە ئەپەندى ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، ئۇيغۇلارنىڭ ھەقىقىي زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ھەمدە ئىچكى جەھەتتىن كۆچمەنلەر ئىدارىسىدا ئالاھىدە سىياسەتلەرنى بىكىتىپ، ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى ئاۋستىرالىيەگە قوبۇل قىلىش سىياستىنى بىكىتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 24 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادىلايد شەھرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ نامايىش ئېلىپ بارغان. نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركسىتان جەمئىيىتىنىڭ رەئسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىشنىڭ جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نامايىشقا ئادېلايد شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ 30 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. بۇ نامايىشقا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىيونلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارمۇ قاتنىشىپ قوللىغان.
نامايىشچىلار ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىدىن يېقىندا خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئاچچىق رىئاللىقنى خەلقئارا جەمئىيەتلەرگە ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلغان. نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى يەنە ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى ۋە ئاياللار ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرغا خىتاپ قىلىپ، ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمماسلىقىنى، خىتاينىڭ ئاۋستىرالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى دەرھال چاقىرىتىپ، ئۇنىڭدىن بۇ ۋەقەلەرگە جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.